• "سۇن ۋۇكۇڭ" بىلەن"جۇ باجى"ئادەم ئۇردى،ساقچى تەرەپ ئۇلارنى جازالىدى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-02-01 04:14
  • "سۇن ۋۇكۇڭ" بىلەن"جۇ باجى"ئادەم ئۇردى،ساقچى تەرەپ ئۇلارنى جازالىدى


    يېقىندا، بىر تورداش ۋىدىيو تارقىتىپ، دالىدىكى قەدىمىي شەھەردە "سۇن ۋۇكۇڭ" بىلەن "جۇ باجى"نىڭ ساياھەتچىلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغانلىقىنى ئېيتقان. 1-ئاينىڭ 28-كۈنى دالى ساقچى تەرەپ بۇ ئىشنىڭ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلغان. 

    2019-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 19دىن 50مىنۇت ئۆتكەندە، جاڭ فامىلىلىك، ياڭ فامىلىلىك ئىككىيلەن دالى قەدىمىي شەھىرىدىكى چىنخۇاڭچىن ساياھەت نۇقتىسىدا "سۇن ۋۇكۇڭ" بىلەن "جۇ باجى"نىڭ رولىنى ئېلىپ ساياھەتچىلەر بىلەن خاتىرە سۈرەت چۈشۈش جەريانىدا، شۇ كۈنى ساياھەتكە كەلگەن ياڭ فامىلىلىك، لو فامىلىلىك ئىككەيلەن بىلەن رەسىمگە چۈشۈش باھاسى ھەققىدە گەپ تالىشىپ قالغان. ھەق تۆلەپ بولغاندىن كىيىن، ياڭ فامىلىلىك بىلەن لو فىلىلىك يەنە قايتىپ كېلىپ، جاڭ فامىلىكنى تىپىپ ئۇرغان، كەينىدىن بۇ تۆتەيلەن ئۇرۇشۇپ كەتكەن، ئارقىدىن ئامما ئۇلارنى ئاجرىتىۋەتكەن، ئىككىلا تەرەپ بۇ ئىشنى ساقچىغا مەلۇم قىلمىغان. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورۇنلىرى تورداشلار ئېلان قىلغان ۋىدىيودىن بۇ ئىشنى بايقاپ، تەكشۈرۈشنى باشلىغان. 


    دالى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى دەرھال بۇ ئىشنى تەكشۈرۈپ، "جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى" نىڭ 43-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جاڭ فامىلىككە مەمۇرىي جەھەتتىن بەش كۈن توختىتىپ قويۇش جازاسى، ياڭ فامىلىككە مەمۇرىي جەھەتتىن يەتتە كۈن توختىتىپ قويۇش جازاسى ۋە بەش يۈز يۈەن جەرىمانە، لو فامىلىككە مەمۇرىي جەھەتتىن ئون كۈن توختىتىپ قويۇش جازاسى ۋە بەش يۈز يۈەن جەرىمانە (16ياشقا كىرمىگەنلىكى ئۈچۈن مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش ئىجرا قىلىنمايدۇ)، ياڭ فامىلىككە مەمۇرىي جەھەتتىن 12 كۈن توختىتىپ قويۇش جازاسى ۋە بەش يۈز يۈەن جەرىمانە قويغان. 

    مەنبەسى :جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك