• قومۇل: چاغان ھارپىسىدا يېڭى يىللىق پۇراق كۈچلۈك بولدى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-02-01 04:54
  • قومۇل: چاغان ھارپىسىدا يېڭى يىللىق پۇراق كۈچلۈك بولدى

      تىيانشان تورى خەۋىرى: (قومۇل گېزىتىدىن مۇخبىر ساۋ شىنجا، ئىختىيارى مۇخبىر جىيا جېڭپىن، جاڭ شۇاڭ خەۋىرى فوتوسى) 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئاھالىلەر «بەخت» خېتى قاتارلىق چاغانلىق زىننەت بۇيۇملىرىنى سېتىۋالدى. چاغاننىڭ بارغانسېرى يېقىنلاپ كېلىشى بىلەن شىنجاڭنىڭ قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونىدىكى چوڭ كىچىك رەستىلەردە يېڭى يىللىق پۇراق بارغانسېرى كۈچەيدى. سودا سارايلارنىڭ ھەممىلا يېرىگە ئوتقاشتەك پانۇسلار ئېسىلىپ سودا سارايلارنى قويۇق يېڭى يىللىق پۇراققا ئىگە قىلدى. تاللا بازارلىرىدىكى كۆزنى چاقنىتىدىغان مەھسۇلاتلار نۇرغۇن ئاھالىلەرنى يېڭى يىللىق نەرسە كېرەك سېتىۋېلىشقا جەلىپ قىلدى، كوچىلارنىڭ ھەممىلا يېرىدە كۆرگىلى بولىدىغان پانۇسلار، خۇشاللىقنى ئىپادىلەيدىغان جۇڭگو چىگىچى، ناھايىتى ئوماق كىچىك ئاسمىلار كوچىلاردىكى يېڭى يىللىق پۇراقنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردى. كوچا باشقارمىسى، ئاھالىلەر كومىتېتى ئاھالىلەرنى چاغاننى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن قويۇلىدىغان ئويۇننى مەشىق قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى. ھەر قايسى مەدەنىيەت سورۇنلىرىمۇ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ تەرتىپلىك ھالدا چاغانلىق نومۇرلارنى مەشىق قىلدى، كۆپچىلىك چاغان مەزگىلىدە ئۆزلىرىنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى قابىلىيىتىنى نامايان قىلىدىغان بولۇپ، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنىڭ، مومىنىڭ مەززىلىك ھىدى، ماخۇا، گۈللۈك موما، قۇيماق ...... قاتارلىق ھەرخىل يېمەكلىكلەر خوشنىلار ئارا بىر-بىرىگە سۇنۇلۇپ، ھېسسىيات قويۇقلاشتۇرۇلدى.

    مەنبەسى :تيانشان تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك