• شىنجاڭ تيانشان يىلپىزى پۇتبول كوماندىسىغا مۇنداق ئامەت كەلدى

  • يوللىغۇچى : دىلمۇرات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-02-12 06:43
  • شىنجاڭ تيانشان يىلپىزى پۇتبول كوماندىسىغا مۇنداق ئامەت كەلدى


    جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى 2019-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى A دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئىجازىتىگە ئېرىشكەن كۇلۇبلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.

    جېجياڭ يىتېڭ كوماندىسىنىڭ A دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىدىن ئايرىلىشىنىڭ سەۋەبى، مەشق بازىسى ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كەلمىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا جېجياڭ يىتېڭ كوماندىسىنىڭ B پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئىجازىتىگە ئېرىشكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئۆتكەن پەسىللىك نەتىجىسى ياخشى بولمىغانلىقتىن B دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىغا چۈشۈرۈلگەن شىنجاڭ تيانشان يىلپىزى كوماندىسى A دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە تولۇقلاپ كىرگۈزۈلگەن.

    كۇلۇبلارنىڭ تىجارىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، A دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىرلەشمە مۇسابىقىگە ئىجازەتلىك كىرىش تۈزۈمىنى يولغان قويغان بولۇپ، ئىقتىسادىي ئەھۋالى، ئەسلىھەلىرى، تۆۋەن ياشلىقلار كوماندا قۇرۇلۇشى جەھەتتە ئۆلچەمگە يەتكەن كۇلۇبلارلا يېڭى مۇسابىقە پەسلىدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.

    «جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي كۇلۇبلارنى ئىجازەتلىك كىرگۈزۈش قائىدىسى»دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، كۇلۇب ئىلتىماس قىلىش، ھەر قايسى يەرلىك ئەزا جەمئىيەتلەر دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاش، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى يازمىچە ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈش ۋە ئەمەلىي ئورۇنغا بېرىپ تەكشۈرۈش قاتارلىق تەرتىپلەر بويىچە، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئۆلچەمگە توشقان ھەمدە 2019-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە جۇڭگو A دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان كوماندىلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان، تىزىملىكتە جەمئىي 12 كۇلۇبنىڭ نامى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مائاشنى نېسى قالدۇرۇشقا چېتىلغان ئىچكى موڭغۇل جۇڭيوۋ كوماندىسى، سىچۇەن ئەنناپۇئېر كوماندىسى قاتارلىق كۇلۇبلارمۇ بار.

    1. چاڭچۈن ياتەي

    2. گۇيجۇ خېڭفېڭ

    3. جېجياڭ لۈچېڭ

    4. چىڭداۋ خۇاڭخەي

    5. بېيجىڭ بېيتىدا

    6. شىجياجۇاڭ يوڭچاڭ

    7. خېيلۇڭجياڭ خوشەنمىڭچۇەن

    8. لياۋنىڭ FC

    9. مېيجۇ كېجيا

    10. يەنبيەن فۇدې

    11. شاڭخەي شېنشىن

    12. ئىچكى موڭغۇل جۇڭيوۋ

    13. گۇاڭدۇڭ خۇانەنخۇ

    14. سىچۇەن ئەنناپۇئېر

    15. نەنتوڭ جىيۈن

    16. تيانشان يىلپىزى

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • شاھرۇلخان بىلەن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت ئەلكۈيىدە تارقىتىلدى现场直播

    1970-01-01 08:00

  • ھەدىيە كۆزگە ئاق چۈشۈشنى داۋالاش نەتىجىسى ئەلكۈيىدە 现场直播

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ كوماندىسى ساھىپخان مەيداندا لياۋنىڭنى2 قېتىم مەغلۇب قىلدى

    1970-01-01 08:00

  • ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

    1970-01-01 08:00

  • بايرامدا شىمالىي شىنجاڭدا يامغۇرى يېغىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا قۇم-توزان كۆرۈلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى جەمئىيەتتىن ئاشكارا 1027 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃19 بولىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ دىن ساھەسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچىدە بىخەتەرلىك تاسمىسى بويىچە مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • چىڭمىڭ بايرىمىدا ئايروپىلان بېلەتلىرىنىڭ باھاسىدا ئېتىبار كۆپ

    1970-01-01 08:00