• ئەر-ئاياللىق تۇرمۇش مۇۋاپىق بولغاندا، ئاياللارغا پايدىسى بار، بىلەمدىكەنسىز؟

  • يوللىغۇچى : ئادىلە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-02-15 06:47
  • ئەر-ئاياللىق تۇرمۇش مۇۋاپىق بولغاندا، ئاياللارغا پايدىسى بار، بىلەمدىكەنسىز؟

    ئەر-ئاياللىق تۇرمۇش مۇۋاپىق بولغاندا، ئاياللارغا بۇ تۆت جەھەتتە پايدىسى بار، بىلەمدىكەنسىز؟


    ئەر-ئاياللىق تۇرمۇش مۇۋاپىق بولغاندا، ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق بولۇپ، ئاياللارغا نىسبەتەن ئەڭ چوڭ پايدىلىق تەرىپى ئاياللارنىڭ ئىچكى ئاجراتمىسىنى تەڭشەشكە ياردەم قىلىپ، ھۆسنىنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، جىنسىي تۇرمۇش بىرخىل ئۈنۈملۈك بولغان ساقلىقنى ساقلاش ئۇسۇلى بولۇپ، پايدىسى خېلىلا كۆپ. ئاياللارغا زادى قايسى جەھەتلەردىن قانداق پايدىسى بار، دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى مەزمۇندا بولسۇن.

    1. ئىممۇنىت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ

    مۇۋاپىق بولغان جىنسىي تۇرمۇش ئاياللارنىڭ ئىممۇنىت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، ئاساسلىقى ساغلام بولغان جىنسىي تۇرمۇش ئادەم تېنىدىكى ئادرېنالىن ئاجراتمىسىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بىرلا ۋاقىتتا ئادەم بەدىنىدىكى موسكۇللارنى قىسقىرىتىپ ۋە بوشاشتۇرۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى ئىممۇنىت كۈچىنى كۈچەيتىش ئۈنىمىگە ئىگە.

    2. ئورۇقلىتىش

    جىنسىي تۇرمۇش ئېلىپ بارغاندا، ھەركەتلەنگەنلىكتىن، ھەمدە ئاياللار ھەرۋاقىت يۇقىرى ھاياجانلىنىش ھالىتىدە تۇرغانلىقتىن، ئانچە-مۇنچە ئۇرۇقلاش مەقسىتىگىمۇ يەتكىلى بولىدۇ.

    3.ماددا ئالمىشىشنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ

    مۇۋاپىق جىنسىي تۇرمۇش، ھۆسنى گۈزەللەشتۈرۈش ۋە ئورۇقلىتىشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، مېتابولىزىم(ماددا ئالمىشىش)نى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ۋاستىلىق ھالدا يۈرەك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، شۇڭلاشقا كۆپچىلىكنى مۇۋاپىق جىنسىي تۇرمۇش بىلەن شۇغۇللىنىشنى تەۋسىيە قىلىشمىزمۇ مۇشۇنىڭدىن.

    4. ئاياللار كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ

    نۇرغۇنلىغان كىشلەرنىڭ قارىشىدا ئاياللار كېسەللىكى جىنسىي تۇرمۇشتىن كېلىپ چىققان دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئاياللار كېسەللىكى بىلەن جىنسىي تۇرمۇشنىڭ مەلۇم مۇناسىۋىتى بار، بىراق كۆپ ساندىكى ساندىكىلىرى ساغلام بولمىغان جىنسىي تۇرمۇشتىن كېلىپ چىققان، ئەگەر كۆپچىلىكنىڭ جىنسىي تۇرمۇشى مۇۋاپىق ھەم ساغلام بولغاندا، ھىچقانداق مەسىلە كېلىپ چىقمايدۇ.

     

    مەنبەسى :بوغدا دوختۇرخانىسى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك