• ھامىلە يېتىلىشتىن توختاپ قالغاندا سەۋەبىنى تېپىش مۇھىم

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-02-22 07:38
  • ھامىلە يېتىلىشتىن توختاپ قالغاندا سەۋەبىنى تېپىش مۇھىم


    ھامىلىمۇ بىر ئۇرۇققا ئوخشاش، بىرقاتار مۇرەككەپ ھەم غەيرىي جەريانلارنى بېشىدىن
     ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن بىر ساغلام بولغان بوۋاققا ئايلىنىپ يېتىلىدۇ، بىراق، كىلىنىكىدا ھامىلىنىڭ يېتىلىشتىن توختاپ قېلىش ھادىسىسى بارغانسېرى كۆپ ئۇچىراپ، نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانا بولۇش ئارزۇسىدا تۇرغانلارنى بىر ۋەھىمىگە سالماقتا.
     ئۇنداقتا ھامىلە نىمە ئۈچۈن يېتىلىشتىن توختاپ قالىدۇ؟
    بوغدا دوختۇرخانىسى ئاياللار بۆلۈم مۇتەخەسسىسى بۇنى تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىلار بويىچە تەھلىل قىلىدۇ:
    1. ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىش: ھامىلىنىڭ يېتىلىشى مۇرەككەپ بولغان ئىچكى ئاجراتما سېستىمىسىنىڭ ماسلاشتۇرۇشىغا تايىنىدۇ، ھەرقانداق بىر ھالقىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلسە، ھامىلىدە يېتىلىشتىن توختايدىغان ۋە ھامىلە چۈشۈپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن، تۇخۇمدان سېرىق تەنچە ئىقتىدارى تولۇقبولماسلىق، قالقانسىمان بەز ئىقتىدارىدا نورمالسىزلىق كۆرۈنۈش، دىئابىت كېسىلىقاتارلىقلار.
    2. ئىممۇنىت ئامىلى: ئىممۇنىت ئامىلىدىن كېلىپ چىققانھامىلىنىڭ يېتىلىشىدىكى نورمالسىزلىق بولسا تېخىمۇ مۇرەككەپ بولغان ئامىلدۇر، مەسىلەن: ئۇرۇققا قارشى تۇرغۇچى ئانتىتېلا، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىگە قارشى ئانتىتېلا، تۇخۇمدانغا قارشى ئانتىتېلا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىرقىلىدۇ.
     3.بالىياتقۇنىڭ ئۆزىدىكى كەمچىلىكتىن: بالىياتقۇنىڭ تەرەققىياتىدىكى نورمالسىزلىق، يەنى ئىككى بۇلۇڭلۇق بالىياتقۇ، بالىياتقۇ كەمتۈكلىكى، بالىياتقۇ بوشلۇقى پەردىسى چاپلىشىش، بالىياتقۇ موسكۇل ئۆسمىسى، بالىياتقۇ بوينى سىرتقى ئېغىزى بوشىش.

    4. خروموسوملارنىڭ مەسلىسى: نۇرغۇنلىغان سەۋەبلەر خروموسوملارنىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنى ئاياللار 35 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن، تۇخۇمىنىڭ قېرىشقا باشلىشى، ئۇرۇق شەكلىدىكى نورمالسىزلىق، ھەرخىل زەھەرلىك خېمىيىلىك ماددىلار، رادىئوئاكتىپلىق نۇردىكى يۇقىرى تېمپىراتۇرا، يۇقۇملىنىش قاتارلىق سەۋەبلەر ھامىلىدىكى خروموسوملارنىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر بولۇپ، ھامىلدار بولالماسلىق، ھامىلە يېتىلىشتىن توختاش، بويىدىن ئاجىراش قاتارلىق ئەھۋاللار پەيدا بولىدۇ.
    5. كۆپىيىش يولى ياللۇغلىنىش: كۆپىيىش يولىنىڭ ياللۇغلىنىشى ھەرخىل كېسەللىكنى قوزغۇتۇپ، ھامىلىنىڭ يېتىلىشى توختاپ قالىدىغان ئەھۋال بارغانسېرى كۆپ ئۇچىرايدۇ، ھەرخىل باكتېرىيە ۋىرۇسى,مىكوپلازمىلىق(支原体)يۇقۇملىنىشمۇ ھامىلدار بولالماسلىق، ھامىلە يېتىلىشتىن توختاش، بويىدىن ئاجىراش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    6. مۇھىت بۇلغىنىش ۋە ياخشى بولمىغان تۇرمۇش ئادەتلىرى: Xنۇرى، ئۇلتۇراقىسقا دولقۇنى، شاۋقۇن، يۇقىرى تېمپىراتۇرا، خېمىيىلىك تەركىبلىك دورىلار، ھاراق-ماكا قاتارلىق ئامىللار ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ.
    بوغدا دوختۇرخانىسى ئاياللار بۆلۈم مۇتەخەسسىسى ئاخىرىدا مۇنداق خۇلاسە قىلىدۇ: ئۇمۇمەن ئېيتقاندا، ساغلام بولغان بوۋاقنى ئېلىشنى ئويلاشسىڭىز، ھامىلدار بولغاندىن كېيىن دىققەت قىلىپلا قالماستىن، ھامىلدارلىقنىڭ ئالدىدىلا ئالدىنى ئېلىش، بولۇپمۇ سەۋەبىنى ئېنىق بىلمەي تۇرۇپ ھامىلە تەكرار يېتىلىشتىن توختاپ قېلىش ئەھۋالى بولسا، چوقۇم بۇنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىش، خروموسۇمىلارنىڭ ئۆزگىرىشچانلىقىغا قارىتا چوقۇم تەكشۈرتۈش قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
    ھامىلدار بولالماسلىق، تەكراربويىدىن ئاجىراش، ھامىلە يېتىلىشتىن توختاش، ھامىلىدىكى غەيرىيلىك، ھامىلە بالىياتقۇنىڭ ئىچىدىلا ئۆلۈپ قېلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىگە دىئاگنوز قويۇشتا چوقۇم خروموسۇمىلارنىڭ ئۆزگىرىشچانلىقىنى تەكشۈرۈش كېرەك.
    ئەسلى مەنبە: قەشقەر بوغدا دوختۇرخانىسى ئاياللار بۆلۈم مۇتەخەسسىسى ساييارە سايىم  تەييارلىغان، تەشۋىقات مەركىزى تەرجىمە قىلغان.
     

    سەييارە سايىم، مۇئاۋىن مۇدىر ۋراچ، قەشقەر بوغدا دوختۇرخانىسى ئاياللار بۆلۈم مۇدىرى
    كەسپىي ئالاھىدىلىكى: داۋالاش قىيىن بولغان ئاياللاردىكى ياللۇغلىنىش، ھېيىز قالايمىقانلىشىش، تۇخۇمدان ئىقتىدارى چېكىنىش، پەرزەنتلىك بولالماسلىقنى داۋالاش، ئاياللاردىكى ئۆسمە، بالىياتقۇ تۆۋەنلەش، جىنسىي يول چىقىپ قېلىش، تۇغۇتتىن كېيىنكى زەخمىنى  ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۈزەش، تۇخۇم توشۇش نەيچىسى توسۇلۇشنى قايتا ئېچىش ئوپېراتسىيىسى،  ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى چاستوتىسى ئارقىلىق تۇخۇم پۈۋەكچىسىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈپ تۇخۇم پۈۋەكچىسىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تۇخۇم نەيچىسىنى ئېچىش تېخنىكىسى ئارقىلىق ھامىلدار بولالماسلىقنى داۋالاش، ئاياللاردىكى
     ھەرخىل ئۆسمە كېسەللىكلىرىگە دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش ، ھەرخىل ئوپېراتسىيە تېخنىكىلىرى بىلەن بالىياتقۇ ئۆسمىسى، بالىياتقۇچىقىپ قېلىش، جىنسىي يولنى تۈزەش ئوپېراتسىيىلىرىدە ئۆزگىچە مول كىلىنىكىلىق تەجرىبىگە ئىگە بولۇپ، خەلقئارادىكى ئەڭ ئۆلچەملىك بوشلۇق ئەينىكى تېخنىكىسىدا بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى كېسەللىك ئۆزگىرىشىگە دىئاگنوز قويۇش ۋە مەخسۇس داۋالاش ئېلىپ بېرىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكى ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان ئاياللارنىڭ ھامىلدار بولۇشىدا مۇۋەپپىقىيەت قازانغان. 
    مۇتەخەسسىس ئالدىن كېلىشىش، مەسلىھەت سوراش تېلېفونى:4007312345
        0998-2891555               

    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • شاھرۇلخان بىلەن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت ئەلكۈيىدە تارقىتىلدى现场直播

    1970-01-01 08:00

  • ھەدىيە كۆزگە ئاق چۈشۈشنى داۋالاش نەتىجىسى ئەلكۈيىدە 现场直播

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ كوماندىسى ساھىپخان مەيداندا لياۋنىڭنى2 قېتىم مەغلۇب قىلدى

    1970-01-01 08:00

  • ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

    1970-01-01 08:00

  • بايرامدا شىمالىي شىنجاڭدا يامغۇرى يېغىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا قۇم-توزان كۆرۈلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى جەمئىيەتتىن ئاشكارا 1027 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃19 بولىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ دىن ساھەسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچىدە بىخەتەرلىك تاسمىسى بويىچە مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • چىڭمىڭ بايرىمىدا ئايروپىلان بېلەتلىرىنىڭ باھاسىدا ئېتىبار كۆپ

    1970-01-01 08:00