• ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسى باشلاندى

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-03-02 12:30
  • ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسى باشلاندى

    ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسى مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە باشلاندى

    2019-يىلى ئەتىيازلىق ئوقۇش مەۋسۇمىدە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى دۆلەتلىك مەمۇرىيەت شۆيۈەنىنىڭ ئوتتۇرا ياش ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسى تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن  مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇش باشلىدى. 

    جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش تاللاش زور ئىش؛ پارتىيە، دۆلەت، مىللەتنىڭ تەقىدىرى؛ خەلقنىڭ بەخىت سائادىتى شۇنداقلا يۈز يىللىق زور پىلان. بارلىق كادىرلار بولۇپمۇ ياش كادىرلار دائىم ئۆگىنىش ۋە دائىم يېڭىلاش داۋامىدا نەزەرىيە جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىشى، ھەقىقىي ئۆگىنىش ھەقىقىي ئېتىقاد داۋامىدا ئىدىيەۋى ئىتىقادنى چىڭىتىشى كېرەك؛ ئۆگىنىش ئىدىيە ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش داۋامىدا ئەسلى مەقسەت ۋە بۇرچنى ئۇنۇتماسلىق، بىر نىيەت بىر مەقسەتتە داۋاملىق  ئۆزىنى چېنىقتۇرۇش لازىم؛ بىلىش بىلەن ھەرىكەتنى بىرلەشتۈرۈشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، پارتىيەگە بولغان سادىقلىق، خەلققە بولغان مىننەتدارلىق، كەسپىگە بولغان ئىنتىلىشچانلىق، قانۇن ئىنتىزامغا بولغان ھۆرمەتنى ساقلاپ؛ ئىتىقادى چىڭ، سىياسىدا كۈچلۈك، ماھارىتى يۇقىرى ، ئىستىلى قاتتىق بولۇش كېرەك. 

    جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى. 

    شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سىياسىي، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى قەتئىيلىك نەزەرىيە جەھەتتىكى قەتئىيلىكتىن ئايرىلمايدۇ. كادىرلار ئۆسۈپ يېتىلىشتە ماركىسزم نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. پارتىيەمىز جۇڭگودىن ئىبارەت مۇنداق 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسقا ئىگە چوڭ دۆلەتتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزمەكتە، ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىچكى تاشقى مۇھىتقا دۇچ كەلمەكتە؛ زىممىسىدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ۋەزىپىسى ئىنتايىن ئېغىر،  ئەگەر نەزەرىيەۋى تەپەككۇر كەمچىل بولسا، تۈرلۈك خېيىم خەتەر ۋە قىيىنچىلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى، داۋاملىق ئىلگىرىلشى قىيىنغا توختايدۇ. بۇ بىزدىن نەزەرىيەۋى ئۆگىنىشىمىزنى كۈچەيتىشىمىز، دىيالېكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزمنى ئىگىلىشىمىز ھەمدە تەتبىقلىشىمىز شۇنداقلا بۇنىڭ ئىچىدىكى ماركسىزملىق مەيدان، كۆز قاراش، ئۇسۇلنى ئىگىلىشىمىز؛ كومپارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر تونۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. 

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نەزەرىيە ئۆگىنىشتە كادىرلار زېھنىنى سەرپ قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق ئۆگىنىشى، يېتىشىپ ئۆگىنىشى، چوڭقۇر تەپپەككۇر قىلىپ ئۆگىنىشى، ئەمەلىيەتكە باغلاپ ئۆگىنىشى كېرەك. يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ،ئۇنىڭ دەۋرى ئەھمىيىتى، نەزەرىيەۋى ئەھمىيىتى، ئەمەلىي ئەھمىيىتى، دۇنياۋى ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ؛ ئۇنىڭ يادرولۇق ئەھمىيىتى، روھىي ماھىيىتى، مول مەزمۇنى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەش كېرەك. يېڭى دەۋر يېڭى ئەمەلىيەتكە،  ئىدىيە ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ؛ قاراتمىلىقى بولغان ھالدا نۇقتىلىق ئۆگىنىپ، كۆپ پىكىر يۈرگۈزۈپ كۆپ ئويلاپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ھەقىقىي چۈشىنىپ، شۇنداق ئىكەنلىكىنى بىلىش ھەمدە نېمە ئۈچۈن شۇنداقلىقىنىمۇ بىلىش كېرەك. نەزەرىيەنى ئۆگىنىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ئەسلى ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلى تىكىسنى ئۆگىنىش، پىرىنسىپىنى بىلىش ۋە ئوقۇش بىلەن ئەستە قالدۇرۇشنى كۈچەيتىش، دائىم ئۆگىنىش ۋە دائىم يېڭىلاش؛ چوڭقۇرلۇققا، ئەمەلىيلىككە، ئىچكى قەلبنىڭ ئىچىگە قاراپ مېڭىپ؛ ئۆزىنى، مەسئۇلىيىتىنى، خىزمىتىنى ئالغا ئىنتىلدۈرۈپ؛ ئۆگىنىش، تەپەككۇر قىلىش، قوللىنىشنى ماسلاشتۇرۇپ؛ بىلىش، ئېتىقاد، ھەرىكەتنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك. 

    شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىدىيەۋى ئېتىقادى ماركسىزمنى چوڭقۇر چۈشىنىش، تارىخىي قانۇنىيەتنى چوڭقۇر ئىگىلەش ئاساسىغا ئورنىتىلغان. تارىخ ۋە ئەمەلىيەت شۇنى تەكرار ئىسپاتلىدىكى بىر پارتىيەدە ئۇلۇغۋار غايە ۋە ئالىي ئىنتىلىش بولسا، كۈچكە تولغان، يىمىرىلمەيدىغان، غەلبە قىلالايدىغان بولىدۇ؛ ئوڭۇشسىزلىقلارغا قېتىملاپ بەرداشلىق بېرىپ، قېتىملاپ غەلبە قىلالايدۇ. بىر كادىردا مۇستەھكەم ئىدىيەۋى ئېتىقادى بولسا، تېخىمۇ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالالايدۇ؛ نەزەر دائىرىسى تېخىمۇ كېڭىيىپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر قانداق بوران چاپقۇندا تەۋرەنمەي تۇرالايدۇ. ئېتىقاد بېكىتىلگەن ئىكەن  ئۆمۈرۋايەت ئېتىقاد قىلىش كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن چوڭ مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ. 

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كادىرلارنىڭ غايە ئېتىقادى بار ياكى يوقلىقىنى ئۆلچەشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەگە سادىق ياكى سادىق ئەمەسلىكىدە. رەھبىرىي كادىرلار سادىق، ساپ  ھەمدە ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان بولۇش كېرەك، سادىقلىقنى باشتىن ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش لازىم. پارتىيەگە سادىق بولۇشتا تۆت ئاڭنى كۈچەيتىش، تۆت ئىشەنچنى چىڭىتىش، ئىككىنى قوغداش، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىش؛ سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا باشتىن ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېت بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش لازىم. بۇ خىل بىردەكلىك قەلبتىن ئۇرغۇپ چىقىشى، ھەمدە قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان بولۇشى، ھەر قانداق ۋاقىت ۋە ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا مۇستەھكەم تۇرالايدىغان ئىشەنچلىك بولۇش كېرەك. ،سادىقلىق بىلەن ئېتىقاد كونكىرت ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلگەن. پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە بەلگىلىمىسى، پارتىيە ئىنتىزامىغا دائىم سېلىشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ غايە ئېتىقادى ۋە ئىدىيەۋى سۆز ھەرىكىتىنى تەكشۈرۈپ، ئىدىيە جەھەتتىكى چاڭ توزاننى داۋاملىق سۈپۈرۈپ تاشلاپ، سىياسىي ئالاھىدىلىكنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك. 

    شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتمىغاندىلا  ئىشنىڭ ئاخىرىنى چىقارغىلى بولىدۇ. 

    يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماسلىق، بۇرچنى مەھكەم ئەستە ساقلاش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى. كادىرلار پارتىيەنىڭ ئەسلى مەقسىتى، پارتىيەنىڭ بۇرچىنى قەلبىگە چوڭقۇر پۈكۈش كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا كىشىلىك ھايات كۆرۈشى تېخىمۇ يۇقىرى ئىدىيەۋى نۇقتىدا بولىدۇ، تېخىمۇ روھى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە بولىدۇ. كادىرلار خەلقنى قەلبىدە ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇشى كېرەك. خەلق بىلەن جاپادىمۇ ھالاۋەتتىمۇ بىرگە بولۇش، تومۇرداش بولۇش، ھايات ماماتتىمۇ بىرگە بولۇش پارتىيەمىزنىڭ بارلىق قىيىنچىلىق ۋە خېيىم خەتەرنى يېڭىشىمىزنىڭ تۈپ كاپالىتى. خەلقتىن ئايرىلساق ھەر قانداق ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايمىز. ئاممىنى ئەستە ساقلاش ھەقىقىي قەھرىمانلىق؛ ھەر قانداق ۋاقىتتا كىم ئۈچۈن قىلىۋاتقانلىق، كىمگە تايىنىدىغانلىق، ئۆزىنىڭ كىمىلىكىنى ئۇنۇتماي، خەلق بىلەن ھەقىقىي بىرىكىش لازىم.        

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كىم ئۈچۈن قىلىش، كىمگە تايىنىش مەسىلىسى ــ بىر پارتىيەنىڭ، بىر ھاكىمىيەتنىڭ ماھايىتىنى سىنايدىغان سىنتاش. كادىرلار پارتىيەنى ئاۋام ئۈچۈن قۇرۇش، ھاكىمىيەتنى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈش،  كەمتەرلىك بىلەن ئاممىدىن ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىغا چىن دىلىدىن مەسئۇل بولۇپ، قىزغىنلىق بىلەن ئامما ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىنىڭ نازارىتىنى سەمىمىي قوبۇل قىلىشى كېرەك. خەلقنى ئۇستاز تۇتۇپ، خەلقتىن ئۆگىنىپ، گىدىيىۋالماي، كىچىك پېئىل بولۇپ، ئاممىغا يېقىنلىشىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مەسىلىلەرنى ئىنچىكە تەھلىل قىلىپ، تىپنى، ئامما يولۇققان مەسىلىلەرنى ھەقىقىي بايقاپ، ئاممىنىڭ پىكرىنى ئىنكاس قىلىپ، ئامما ياراتقان تەجرىبىلەرنى يەكۈنلىشى كېرەك، كادىرلاردا كۈچلۈك خەلقىنى سۆيۈش، خەلقىنىڭ غېمىنى يېيىش، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، خەلق ئۈچۈن نەپ يەتكۈزۈش ھېسسىياتى بولۇشى، ھەر ۋاقىت يۇرتداشلارنى قەلبىگە پۈكۈشى، مەسلە ئويلىغاندا، ھەل قىلغۇچ تەدبىر بەلگىلەنگەندە، ئىش بېجىرگەندە خەلقنىڭ مەيدانىدا تۇردۇممۇ يوق، ئاممىنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردىمى بارمۇ يوق، خەلقنىڭ بەخت سائادىتىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىقمۇ ئەمەسمۇ دېگەننى ئويلىشىشى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. كادىرلاردا كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تارىخىي مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى بولۇشى، ئۇلۇغ كۆرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىشلار، ئۇلۇغ ئارزۇنىڭ يالقۇنلۇق ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، كىشلىك ھاياتتىكى غايىسىنى دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، خەلقنىڭ بەخت سائادىتىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشلارغا سىڭدۈرۈشى كېرەك.

    شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە ئۆزىنى تەربىيەلەش ئاساس. كادىرلارنىڭ پارتىيەۋىلىك تەربيەلىنىشى، ئەخلاق سەۋىيەسى پارتىيە ئىستاژى، خىزمەت ئىستاژىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، تەبئىيلا ئۆسۈپ قالمايدۇ. شۇنداقلا ئۇ ۋەزىپىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ تەبىئىيلا ئۆسۈپ قالمايدۇ، شۇڭا ئۆزىنى تەربىيەلەش، ئۆزىنى چەكلەش، ئۆزىنى ئۆزگەرتىشنى كۈچەيتىش كېرەك. يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسيالىزم ئىدىيەسى  پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماي، يەنە ئۇ جۇڭگو كومۇنستلىرىنىڭ سىياسىي خىسلىتى، قىممەت ئىنتىلىشى، روھىي يۈكسەكلىكى، ئىستىل ئەخلاقى تەلىپىگە سىڭگەن، سىياسىي كۈچنى، سىياسىي ئۆتكۈر كۆزنى يېتىلدۈرۈپ، سىياسىي قائىدىگە رائىيە قىلىپ، ئاڭلىقلىق بىلەن سىياسىي جەھەتتە زېرەك، سەمىمىي ئادەملەردىن بولۇش كېرەك.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئادىمىيلىك كىشىنىڭ روھىي سەۋىيەسىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى. ئوچۇق ئاشكارا بولۇش، سەمىمىي ئاق كۆڭۈل بولۇش، خالىسانە تۆھپە قوشۇش ــ كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ شەرەپلىك خىسلىتى، شۇنداقلا كادىرلار يېتىلدۈرۈشكە تېگىشلىك خىسلەت، روھىي ئىنتىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىپ، ئەخلاقسىزلاردىن ئىبارەت ئېلىپ، ئومۇم بىلەن شەخسنىڭ، مەجبۇرىيەت بىلەن مەنپەئەتنىڭ، ھەق بىلەن ناھەقنىڭ، ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ، جاپا بىلەن ھالاۋەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، چوڭ ئىشلارنى قىلىشقا ئىرادە باغلاش، چوڭ ئەمەلدار بولۇشقا ئىرادە باغلىماسلىق، تىنچ روھىي ھالەتنى ساقلاپ، ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتى بىلەن ھېسابلاشماي، پاك دىل بىلەن تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن ئىش قىلىش كېرەك.

    شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كادىرلار ئىش ھەرىكەت، يۈرۈش تۇرۇشتا دۇرۇس بولۇشى كېرەك، ئەخلاقلىق دىيانەتلىك، ئوچۇق يورۇق، سەمىمىي بولۇپ، پەزىلەتلىك، تەلەپچان بولۇپ، جىددىي تۇرمۇش ئىستىلى، ساغلام تۇرمۇش كەيپىياتىنى ساقلىشى، بولۇپمۇ ئۆزىنى چەكلەش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئۆزىنى ھەر ۋاقىت بىلىپ تۇرۇشى كېرەك. كىشى پاكلىق، تەلەپچانلىق ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمىسە، جىگەرلىك ئادەم بولالمايدۇ، پاكلىق بەخت، خىيانەتچىلىك بالايى ئاپەت دېگەن داۋلىنى ئېسىدە مەھكەم تۇتۇپ، توغرا ھوقۇق قارىشى، ئورۇن قارىشى، مەنپەئەت قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ھەرقانداق ۋاقىتتا روھىي ھالىتىنى مۇقىم تۇتۇپ، ئىش ھەرىكىتىنى كونترول قىلالىشى،پاك تۇرالىشى كېرەك. كادىرلار ئىش قىلىپ، ئىگىلىك تىكلىگەندە توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ، تۆھپىدە مەن بولمىساممۇ بولىدۇ دېگەن روھىي يۈكسەلىك ۋە تۆھپە يارىتىشتا مەن بولمىسام بولمايدۇ تارىخىي مەسئۇلىيەت بىلەن مىقلاش روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، پۇختا، ئەمەلىي ئىش قىلىش كېرەك.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مېڭىنى قوللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ــ  ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشتا، ئۆگەنگەننى ئەمەلىيەتكە سىڭدۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ــ ئەمەلىي ئىش قىلىشتا. قۇرۇق گەپ ساتسا مەغلۇپ بولىدۇ، ئەمەلىي ئىشلىسە روناق تاپىدۇ دېگەن داۋلىنى ئېسىدە مەھكەم ساقلاپ، بىلىمى بىلەن ھەرىكىتىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ،  ھەقىقىي، ئەمەلىي  ئىشلەش كېرەك. كادىرلار چوڭ ھەق، چوڭ ناھاق ئالدىدا مەيدانىنى ئېنىق بىلدۈرۈشكە، زىددىيەت ئالدىدا قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە، كىرىزىس ئالدىدا كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىقىشقا، سەۋەنلىكلەر ئالدىدا مەئسۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا، ناتوغرا ئىستىل، يامان كەيپىياد ئالدىدا قەتئىي كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان مەردانىلاردىن بولۇش كېرەك، كادىرلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش يولىدا قىسقا يول  يوق، بوران چاپقۇنلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەندە، كۆپنى كۆرگەندىلا ئاندىن تېخىمۇ كۈچىيىپ، قابىلىيىتى ئاشىدۇ، ئەمەلىي ئىش قىلىدىغانلاردىن بولۇش، ئولتۇرۇۋېلىپ قۇرۇق گەپ ساتىدىغانلاردىن بولماسلىق، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ كۆرەشچىلىرىدىن بولۇش، بوران چاپقۇندىن قورقىدىغان لاي بۇدساتۋا بولماسلىق، يىقىلىپ، قوپۇش جەريانىدا قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇش، قاتلاممۇ قاتلام تاۋلىنىشلار جەريانىدا تەجرىبە توپلاش كېرەك.

    شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەسئۇل بولۇشقا جۈرئەت قىلىش قىلالماسلىق، دادىل مەسئۇل بولۇش بولالماسلقتىن بىر كادىرنىڭ پارتىيەۋىلىكى ۋە ئىستىلىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، بەشنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، تۆت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس قەدەملىك ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىلىقنى ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە مەسئۇل بولۇشقا، كۈرەش روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، كۈرەش ماھارىتىنى ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. مەسئۇلىيىتىنى بىلىش، مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش، قىيىنچىلىقنى يېڭىش ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، پارتىيەگە بولغان سادىقلىقى، خەلققە بولغان ساداقەتمەنلىكىنى ئىپادىلىشى كېرەك.

    چېن شى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا رىياسەتلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شى جىپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش تېما قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، ئۆگەنگەننى ۋاقىتىدا ئۆزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئۇنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ماركسىزملىق مەيدان كۆزقاراش، ئۇسۇلنى ئىگىلەپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش، ئېتىقادىنى چىڭىتىش، ئاڭلىق بولۇش، ئۆزىگە ئىشىنىش، مەسئۇلىيەتچان بولۇش، ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى ئۆگىنىپ، يۈز يىللىق ئىككى كۈرەش نىشانىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش كېرەك.

    دىڭ شۆشياڭ، خۇاڭ كۈنمىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

    2019-يىللىق ئەتىيازلىق ئوقۇش مەۋسۇمى مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى( دۆلەتلىك مەمۇرىيەت شۆيەنى) ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ كۇرسانتلىرى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى، مەركەزدىكى ئالاقىدار يولداشلار سىرتتىن قاتناشتى.

    مەنبەسى :تېڭشۈن





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك