• شىنجاڭنىڭ 2019-يىللىق مەكتەپلەرگە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيىتى 3-ئايدا باشلىنىدۇ

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-03-08 08:51
  • شىنجاڭنىڭ 2019-يىللىق مەكتەپلەرگە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيىتى 3-ئايدا باشلىنىدۇ

     تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر شېن زۇشياۋ): 3- ئايدىن باشلاپ، ئون نەچچە مەيدان خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردە ئارقا-ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلۇپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئۈچۈن «ۋاسىتىچى» بولىدۇ.

       بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدۇ، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى كومىتېتى، سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزىدۇ، ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر كونكرېت ئۈستىگە ئالىدۇ .

      ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، بۇ قېتىمقى مەكتەپلەردە ئۆتكۈزۈلىدىغان خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيىتى شىنجاڭ داشۆسى، شىخەنزە داشۆسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى، شىنجاڭ مالىيە- ئىقتىساد داشۆسى قاتارلىق 26 ئالىي مەكتەپتە قانات يايدۇرۇلىدۇ.

      بۇ قېتىمقى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيىتى 3- ئاينىڭ 23- كۈنى باشلىنىپ، 4- ئاينىڭ 27- كۈنى ئاياغلىشىدۇ. ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەر ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن، خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنىنىڭ ۋاقتى ۋە مەيدان سانىنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

      ئىگىلىنىشىچە، مەكتەپلەردە ئۆتكۈزۈلىدىغان خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيىتى بىر تۈرلۈك ئاممىۋى پاراۋانلىق پائالىيىتى بولۇپ، پائالىيەتنى ئۈستىگە ئالغۇچى ھەر قايسى مەكتەپلەر خىزمەتچى قوبۇل قىلغۇچى ئورۇن ياكى ئوقۇغۇچىلاردىن ھەق يىغسا بولمايدىكەن. خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ تور بېكىتىگە كىرىپ ئۇچۇرلارنى كۆرسە بولىدىكەن.

    مەنبەسى :تېڭشۈن




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • شاھرۇلخان بىلەن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت ئەلكۈيىدە تارقىتىلدى现场直播

    1970-01-01 08:00

  • ھەدىيە كۆزگە ئاق چۈشۈشنى داۋالاش نەتىجىسى ئەلكۈيىدە 现场直播

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ كوماندىسى ساھىپخان مەيداندا لياۋنىڭنى2 قېتىم مەغلۇب قىلدى

    1970-01-01 08:00

  • ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

    1970-01-01 08:00

  • بايرامدا شىمالىي شىنجاڭدا يامغۇرى يېغىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا قۇم-توزان كۆرۈلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى جەمئىيەتتىن ئاشكارا 1027 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃19 بولىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ دىن ساھەسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچىدە بىخەتەرلىك تاسمىسى بويىچە مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • چىڭمىڭ بايرىمىدا ئايروپىلان بېلەتلىرىنىڭ باھاسىدا ئېتىبار كۆپ

    1970-01-01 08:00