• ياخشى كۆرسىڭىز قەدىرلەڭ

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-03-08 08:12
  • ياخشى كۆرسىڭىز قەدىرلەڭ

      ئىنىم ئارىلىشىۋاتقىنىغا ئىككى يىل بولغان قىز دوستى بىلەن ئايرىلىپ كەتتى، سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي. ئالدىنقى يىلى، قىزچاق داڭلىق ماركىدىكى بىر كۆينەكنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ، بۇ بىر كىيىمنىڭ باھاسى ئىنىمنىڭ بىر ئايلىق مائاشى بىلەن باراۋەر ئىكەن. ئىنىم قىز دوستىغا شۇ كۆينەكنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، ھەر كۈنى كېچە- كۈندۈز ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپتۇ، ھەتتا تاماق يەيدىغان پۇلنىمۇ ئامال بار تېجەپتۇ، شۇنداق قىلىپ كۆينەكنى سېتىۋاپتۇ. قىز دوستى ئەلۋەتتە شۇنداق خۇشال بوپتۇ، ئۆزىگە كۆينەك ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئىنىمنىڭ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەنلىكىنى، ئاچ قالغانلىقىنى بىلىپ ياش تۆكۈپتۇ.

        ئەپسۇسلىنارلىقى، كۆينەكنى بىر مەزگىل كىيگەندىن كېيىن، كونىراپ قالدى دەپ نەۋرە سىڭلىسىغا بېرىۋېتىپتۇ. ئىنىم قىز دوستىنىڭ نەۋرە سىڭلىسىنىڭ بۇ كۆينەكنى كىيىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ، شۇنداق ئازاپلىنىپتۇ.

        ئىنىم ناھايىتى تېزلا قىز دوستىغا ئايرىلىپ كېتىشنى ئېيتىپتۇ. قىز دوستى ئايرىلىپ كېتىشنىڭ سەۋەبىنى بىلگەندىن كېيىن ئىنىمدىن يىغلاپ تۇرۇپ ئۆزىنى كەچۈرۈشىنى سوراپتۇ. بىز ئىنىمغا كىچىك ئىشنى چوڭايتىۋەتمەسلىك توغرىسىدا نەسىھەت قىلدۇق. ئىنىم: پەقەت بىر ئادەمنى بەك ياخشى كۆرگەندىلا، ئۇ سوۋغات قىلغان ھەر بىر نەرسىنى قەدىرلەيدۇ، چۈنكى ئۇ قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلى، ماركىلىق كۆينەكنى دېمەيلا قويايلى، بىر پارچە قولياغلىق بولسىمۇ، ئۇ چوقۇم قەدىرلىشى كېرەك. چۈنكى ئۇ نەرسىگە قارشى تەرەپنىڭ مۇھەببىتى سىڭگەن، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق ئەسلىمىسى ھېسابلىنىدۇ. باشقىلار ئۈچۈن بەلكىم ھېچنېمىگە ئەرزىمەسلىكى مۇمكىن، لېكىن ئۇلار ئۈچۈن ئۆزگىچە ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇ مېنى بەك ياخشى كۆرمىگەچكە، شۇڭا قەدىرلىمىدى! دېدى.

        ئەمەلىيەتتە، ئىنىمنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ئاساسى بار ئىدى. بىر خەۋەر كۆرگىنىم ئېسىمدە، ئامېرىكىلىق بىر ئەر ھايۋانات دوختۇرى بولۇپ، ئۇ بىر ئىتنى جىددىي قۇتقۇزۇش ئوپېراتسىيەسى قىلىۋاتقاندا، تويلۇق ئۈزۈكىنى ئۇقۇشماستىن ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋېتىدىكەن. كەينىدىن ئۆزىنىڭ خاتالاشقانلىقىنى ھېس قىلىپ ئىزدىگىلى بارغان ۋاقىتتا، ئەخلەت ساندۇقى تازىلىنىپ بولغان بولۇپ، كوچىغا قويۇلغان چوڭ ئەخلەت ساندۇقىمۇ تازىلىنىپ بولغانىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش مەيدانىنى تېپىپ، ئەخلەت دۆۋىسىدىن دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندەك ئىزدەپ، ئۈزۈكنى تاپىدىكەن. كۆڭۈل قويغان ئادەمگە، قېيىن ئىش يوق ئالەمدە دېگەندەك، كۆڭۈل قويغاچقا ئۈزۈكنى تاپالىدى. ئۇ ئۈزۈك ئۇ ۋە خوتۇنىنىڭ 10 يىللىق تۇرمۇشىنىڭ سىمۋولى، شۇڭا ئۇ چەكسىز قەدىرلەيدۇ.

        مەن ئېرىم بىلەن مۇھەببەتلىشىۋاتقاندا، ئۇ دائىم ماڭا كىچىك نەرسىلەرنى سوۋغات قىلاتتى، مەسىلەن، چاچ قىسقۇچ، زەنجىر بېلەيزۈك قاتارلىقلار. بۇ نەرسىلەرنى ئىشلەتمىسەممۇ، كۆڭۈل قويۇپ ساقلاپ قوياتتىم. ئۇ ۋاقىتتا مېنىڭ بىر نەپىس ساندۇقۇم بار بولۇپ، ئۆزۈمنىڭ ئەڭ ئەتىۋارلىق نەرسىلىرىمنى ئىچىگە سېلىپ قوياتتىم. بىر قېتىم ياغاچ ساندۇقنى ئاچقىنىمدا، ئۇ ياغاچ ساندۇق ئىچىدىكى نەرسىلەرنى كۆرۈپ قالدى. ئۇ ھەيران بولۇپ: «ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئېلىپ بەرگەن چاچ قىسقۇچنى ھازىرغىچە ساقلايدىغانلىقىڭىزنى ئويلىماپتىمەن، بۇ نەچچە يۈەنلىك ئەرزان نەرسىلەر» دېدى. مەن كۈلۈپ تۇرۇپ: «سىز ماڭا ئېلىپ بەرگەن نەرسىلەر، ئەرزان بولسىمۇ مەن ئۈچۈن بىباھادۇر! ئېسىڭىزدىمۇ، بۇ چاچ قىسقۇچنى ئىككىمىز ساياھەت قىلغىلى بارغاندا ئېلىپ بەرگەن، شۇ ۋاقىتتا سىز ماڭا رەڭگى كۆركەمكەن، سىزگە ماس كېلىدۇ دېگەنتىڭىز...» گېپىم ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا، ئۇ مېنى يىنىك قۇچاقلاپ: «مەن بەرگەن نەرسىلەرنى شۇنچە قەدىرلىگەنلىكىڭىزگە رەھمەت!» دېدى. بىز توي قىلغاندىن كېيىن ئۇ ماڭا، ئەنە شۇ چاغدا ئۇ ئۆزىنىڭ ئالدىدىكى بۇ ئايالنى چوقۇم بىر ئۆمۈر ياخشى كۆرۈشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.

        ئەگەر ياخشى كۆرسىڭىز قەدىرلەڭ. نۇرغۇن نەرسىلەر ئىچىدە، ئىككى ئادەمنىڭ گۈزەل ئەسلىمىلىرى بولغان بولىدۇ. قارشى تەرەپنى ياخشى كۆرسىڭىز، قانداقمۇ ئۇ سوۋغا قىلغان نەرسىلەرگە سەل قارىيالايسىز؟

    مەنبەسى :تيانشان تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • شاھرۇلخان بىلەن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت ئەلكۈيىدە تارقىتىلدى现场直播

    1970-01-01 08:00

  • ھەدىيە كۆزگە ئاق چۈشۈشنى داۋالاش نەتىجىسى ئەلكۈيىدە 现场直播

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ كوماندىسى ساھىپخان مەيداندا لياۋنىڭنى2 قېتىم مەغلۇب قىلدى

    1970-01-01 08:00

  • ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

    1970-01-01 08:00

  • بايرامدا شىمالىي شىنجاڭدا يامغۇرى يېغىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا قۇم-توزان كۆرۈلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى جەمئىيەتتىن ئاشكارا 1027 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃19 بولىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ دىن ساھەسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچىدە بىخەتەرلىك تاسمىسى بويىچە مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • چىڭمىڭ بايرىمىدا ئايروپىلان بېلەتلىرىنىڭ باھاسىدا ئېتىبار كۆپ

    1970-01-01 08:00