• سۆيۈنۈشنى بىلىۋېلىڭ،ھاياتىڭىز تېخىمۇ خوشاللىق ئىچىدە ئۆتىدۇ

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-03-11 09:29
  • سۆيۈنۈشنى بىلىۋېلىڭ،ھاياتىڭىز تېخىمۇ خوشاللىق ئىچىدە ئۆتىدۇ

     سائەتنىڭ ئىستىرىلكىسىنىڭ توختىماي ئايلىنىشى بىلەن بىز دوستلار بىلەن سىردىشىدىغان مىنۇتلار يەنە يىتىپ كەلدى ، مەنمۇ مىكرافون ئالدىغا يىتىپ كىلىپ،  ئەلكۈيى سالونىدىكى دوستلارغا سالامىمنى يوللاشقا باشلىدىم، قەدىرلىك دوستۇم ئاڭلاۋاتقىنىڭىز ئەلكۈيى تورى پىلانلىغان، ئەلكۈيىكۈندىلىك تېما سالونىدا ئاڭلىتىلىدىغان «كۆڭۈل ئەف ئېم» ئەڭ يېڭى سانى ،مەن رىياسەتچى دوستۇڭلار نۇرگۈل ئىسمايىل .

     تۇرمۇش دېگەن نېمە؟ بەلكىم ھەممىمىز بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنى ئىزدەپ پايپىتەك بولۇۋاتقاندىمىز. 

    بىز ئاددىيلىق ئىچىدىن ئىللىقلىق ئىزدەيمىز، مەغلۇبىيەت داۋامىدا ئۆسۈپ يېتىلىشكە تەلپۈنىمىز، يۇقاتقان خاتىرىلەر ئىچىدىن سەمىمىيەت سورايمىز.... 

    بەلكىم تۇرمۇش ئەنە شۇنداق جاپالىق ئىزدەش جەريانى بولسا كېرەك. سىز ھاياتتا نۇرغۇنلىغان تەسىرلىك ئىشلارنى ئۇچرىتىسىز. بىز ئەڭ سەمىمىي تۇيغۇلىرىمىز بىلەن ئاشۇ ئىشلارنى يۈرىكىمىزگە تاڭغىنىمىزدا، بەلكىم ئۆزىمىزنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ باي، ئەڭ ئاساسلىق ئىنسان ئىكەنلىكىمىزنى بايقايمىز. شۇڭا، بىز ھەقىقەتەنمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن ياشاشنى بىلىۋېلىشىمىز كېرەك. ھەممىگە سۆيۈنۈش نەزىرى بىلەن قارىيالىغان ئادەم تۇرمۇشنى ئەڭ چۈشىنىدىغان ئادەم. 

    بىز دۇنياغا يىغا بىلەن كەلدۇق، يىغا بىلەن كۆز ئاچتۇق. ئەنە شۇ دەقىقىدىن باشلاپ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز باشلاندى. ئاندىن بىز گەپ قىلىشنى، سۆزلەشنى، مېڭىشنى ئۆگەندۇق، بىلمىگەننى بىلدۇق، كۆرمىگەننى كۆردۇق، ئەنە شۇ جەرياندا باشقىلارنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ياردىمىگە سازاۋەر بولدۇق. بەلكىم ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە بىر-بىرلەپ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ بولالماسلىقىمىز مۇمكىن، ئەمما بىز ھەر مىنۇت-ھەر سېكونت سۆيۈنۈشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز، ھەممىگە مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بىلەن قاراشقا سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك. 

    تەبىئەتتىن سۆيۈنۈڭ، سىز ئۇنىڭ ئىللىق قوينىدا ياشاۋاتىسىز ۋە تىرىكچىلىك قىلىۋاتىسىز، شات-خورام ئۆسۈپ يىتىلىۋاتىسىز. ئۇ گۈزەل، ئۇ شەخسىيەتىسز، ئۇ ھەممە نەرسىنى ئىنسانلارغا بېغىشلىدى. 

    ۋەتىنىڭىزدىن سۆيۈنۈڭ، ۋەتىنىڭىزنىڭ گۈللەپ قۇدرەت تېپىشى بولمىسا، سىزگە بەختلىك، خاتىرجەم تۇرمۇش نەدىن كېلىدۇ؟ ئۇ گۇيا ئىللىق، مېھرى-مۇھەببەتلىك بىر بۆشۈك، ئۇ ئەركىن ھاۋالىق بىر مۇھىت. 

    ئاتا-ئانىڭىزدىن سۆيۈنۈڭ، ئۇلار سىزنى بۇ دۇنياغا ئېلىپ كەلدى، سىزگە بارلىق مېھرى-مۇھەببىتى ۋە ھاياتىنى ئاتىدى، ئەمما ئۇلار سىزدىن ھېچنەرسە تەلەپ قىلمىدى. 

    دوستلىرىڭىزدىن سۆيۈنۈڭ، يىگانە، ئىلاجىسىز قالغىنىڭىزدا ئۇلار سىزگە ياردەم قولىنى سۇنىدۇ، شادلىققا چۆمگىنىڭىزدە ئۇلار ئۈن-تىنسىز ھالدا سىزگە بەخت-ئامەت تىلەيدۇ. 

    ئۇستازىڭىزدىن سۆيۈنۈڭ، ئۇ سىزگە بۇ دۇنيانى كۆرۈشكە نۇرلۇق كۆز ۋە چۈشىنىشكە پاراسەتلىك مېڭە ئاتا قىلدى، سىزگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەتتى. سىز غەلىبە قازانسىڭىز ئۇستازىڭىز سىزنىڭ غەلىبىڭىزدىن پەخىرلىنىدۇ. 

    رەقىبىڭىزدىن سۆيۈنۈڭ، چۈنكى ئۇ سىزگە ئۆزىڭىزنى قايتا تونۇتىدۇ، ئۆزىڭىزنى چۈشىنىشىڭىزگە ھەيدەكچى بولىدۇ. سىزنى قايتا كۈچ ئېلىشىشقا چاقىرىدۇ. ئۈزلۈكسىز كۈچ سېنىشىشلار داۋامىدا سىز كۈچ-قۇۋۋەتكە تولىسىز ھەمدە غەلىبىگە بارغانسېرى يېقىنلىشىسىز. 

    سۆيگىنىڭىزدىن سۆيۈنۈڭ، مەيلى ئۆتمۈشتىكىسى بولسۇن ياكى ھازىرقىسى بولسۇن، ئۇلار سىزگە شادلىق بېغىشلىدى، قىيىن ئۆتكەللەردە ھەمراھ بولدى، سىزنى غەلىبە قىرغىقىغا قاراپ ئۈزۈشكە ئىلھاملاندۇردى. سىز ئۇلار ئارقىلىق مۇھەببەتنىڭ نەقەدەر قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندىڭىز، ئۇلارنىڭ ھەربىر تەبەسسۇمى، ھەر بىر ئېغىز سۆزى قەلبىڭىزگە ئورنىدى. 

    ئىشداشلىرىڭىزدىن سۆيۈنۈڭ، نۇرغۇن ئىشلاردا ئۇلار بىلەن ئورتاق بولدىڭىز، ئۇلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتىڭىز، ئۇلار سىزگە يالغۇز ئەمەسلىكىڭىزنى، كوللېكتىپنىڭ ياكى جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىڭىزنى، ئاددىي بىر ئېغىز سۆز، ئاددىي بىر تەبەسسۇم ئىچىگە سەمىمىيلىكنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى تونۇتتى. 

    تۇرمۇشتىن سۆيۈنۈڭ، چۈنكى ئۇ ئايلار، يىللار قوينىدا بىزگە ئۆزىنىڭ گۈزەللىكىنى تونۇتتى، شۇنىڭدەك يارقىن مەنىلىرىنى ئۈزلۈكسىز نامايان قىلىپ كەلدى.  

    ھەي، بۈگۈنكى كۈندە ئادەملەرنىڭ مىجەزى چۇسلىشىپ كەتتى، ئۇلارنىڭ گاھىلىرى تۇرمۇشتىن بەختىم چىقمىدى، دەپ ئاھ ئۇرسا، بەزىلىرى ھېسسىيات جەھەتتە يولۇققان ئەگرى-تۇقايلىقلاردىن قاقشايدۇ، يەنە گاھىلىرى خىزمىتىم بەك جاپالىق دەپ دەرت تۆكىدۇ، يەنە گاھىلىرى بېشىغا كەلگەن نائىلاجلىقتىن قايغۇرىدۇ... 

    سۆيۈنۈشنى بىلىۋېلىش كېرەك. باشقىلارنى چۈشىنىشكە تىرىشىش، باشقىلارغا ئىللىق مۇئامىلە قىلىش، يەنە تۇرمۇشقا كەڭ-قۇرساقلىق بىلەن قاراش كېرەك. بىز خۇددى ئۆزىمىزنى تۇرمۇشتىن ئايرىۋېتەلمىگىنىمىزگە ئوخشاش، ئاق-كۆڭۈللۈك ۋە سەمىمىيلىكتىنمۇ مەھرۇم قىلماسلىقىمىز كېرەك. بىز سۆيۈنۈشنى ئۆگىنىۋالغان، بىلىۋالغان ۋاقتىمىزدا ئاندىن تۇرمۇشنىڭمۇ نۇرغۇنلىغان ھاياجانلىق يەرلىرى بارلىقىنى بايقىيالايمىز. تۇرمۇش بىزدىن ئۇنىڭغا سۆيۈنۈش پۇزىتسىيەسى بىلەن قارىشىمىز كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، بىز ئاندىن تۇرمۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى بىلەلەيمىز. 

    ھەممىمىز سۆيۈنۈشنى بىلىۋالايلى، ھەممىمىزنىڭ ھايات سەپىرى ھەرۋاقىت مېھرى-مۇھەببەت ۋە سۆيۈنۈش بىلەن تولسۇن، تۇرمۇشقا دادىللىق بىلەن يۈزلىنەيلى.  

    قېنى، بۈگۈن سىز سۆيۈندىڭىزمۇ؟

    ھۆرمەتلىك دوستۇم ، بۈگۈنكى  «كۆڭۈل ئەف ئېم»نىڭ يېڭى

     مەزمۇنلىرى 

    مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى،سىزنىڭ ئەتىدىكى ھەممە ئىشلىرىڭىزغا مۇۋەپپەقىيەت،خوشاللىق تىلەيمەن ،ئەتە كەچتە يەنە دەل ۋاقتىدا  «كۆڭۈل ئەف ئېم»سىزگە ئەلكۈيى سالونى ئارقىلىق يېڭى

     مەزمۇنلىرىنى ئورتاقلىشىدۇ .

    ناۋادا  «كۆڭۈل ئەف ئېم»سىزگە  سىزگە يارىغان بولسا دوستلار

    بۈگۈنكى مەزمۇنىمىزنى ئۆز ئىختىيارلىقىڭىز بىلەن چەمبىرىكىڭىزگە

    يوللاپ قويىشىڭىزنى سورايمەن 

     سالون ئىزدەش نومۇرىمىز« ئەلكۈيى» نى كىرگۈزۈپ سالونىمىزغا ئەگىشىۋېلىشىڭىزنى سورايمىز. «كۆڭۈل ئەف ئېم» ھەر كۈنى كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 11:00دا ئەلكۈيى سالونى ئارقىلىق ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ.

    مەن بۈگۈنكى ئاڭلىتىشىمىزنىڭ رىياسەتچىسى نۇرگۈل ئ‍سىمايىل ،ناۋادا ئاۋازىمنى ياقتۇرغان بولسىڭىز ئەلكۈيى سالونىغا ئەگىشىۋالساڭلار ماڭا ئەلكۈيى سالونى ئارقىلىق قىسقا ئۇچۇر يوللىيالايسىلەر،بىز ئەتە كەچ سائەت توققۇزدا كۆرىشەيلى ! شىرىن چۈش سىلەرگە ھەمراھ بولسۇن! خەيرلىك كەچ !

    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • شاھرۇلخان بىلەن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت ئەلكۈيىدە تارقىتىلدى现场直播

    1970-01-01 08:00

  • ھەدىيە كۆزگە ئاق چۈشۈشنى داۋالاش نەتىجىسى ئەلكۈيىدە 现场直播

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ كوماندىسى ساھىپخان مەيداندا لياۋنىڭنى2 قېتىم مەغلۇب قىلدى

    1970-01-01 08:00

  • ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

    1970-01-01 08:00

  • بايرامدا شىمالىي شىنجاڭدا يامغۇرى يېغىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا قۇم-توزان كۆرۈلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى جەمئىيەتتىن ئاشكارا 1027 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃19 بولىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ دىن ساھەسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچىدە بىخەتەرلىك تاسمىسى بويىچە مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • چىڭمىڭ بايرىمىدا ئايروپىلان بېلەتلىرىنىڭ باھاسىدا ئېتىبار كۆپ

    1970-01-01 08:00