• ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى پۈتۈن شىنجاڭدا تارقىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-04-02 11:24
  • ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى پۈتۈن شىنجاڭدا تارقىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

    كودنى سىكاننېرلاپلا ئالاقىدار كەسىپلەرنى بېجىرگىلى بولىدۇ

      شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى چۈنشيانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئۆتكۈزگەن «12333 مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش مەسلىھەت بېرىش كۈنى» پائالىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، 3- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى پۈتۈن شىنجاڭدا تارقىتىش مۇلازىمىتى ئېچىلىدىكەن.

      بۇ قېتىمقى مەسلىھەت بېرىش كۈنى پائالىيىتىنىڭ باش تېمىسى «ئاقىل ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئاقىل مۇلازىمەت». ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دىكى ۋەندا مەيدانىدا نەق مەيداندا مەسلىھەت بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىلىق ھالدا ئاممىغا ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى، شىنجاڭ ئاقىل ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت APPسى قاتارلىق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدىكى ئۇچۇرلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنىڭ قوللىنىلىشىنى تەشۋىق قىلدى، تونۇشتۇردى.

      ئىگىلىنىشىچە، ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى كىملىكنى ئىسپاتلاش، سالاھىيەتنى دەلىللەش، ھوقۇق - مەنپەئەتنى سۈرۈشتۈرۈش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە راسچوت قىلىش، ئىجتىمائىي كاپالەت ھەققى تاپشۇرۇش، تەمىنات ئېلىش، پۇل مۇئامىلە چىقىمى قىلىش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە ئىكەن. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىدا شەخسنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ئۇچۇرىنى سۈرۈشتۈرۈش، دورا دۇكىنىدا كودنى سىكاننېرلاپ دورا سېتىۋېلىش قاتارلىق ئىقتىدارلار ئېچىلغان. سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچى ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئالغاندىن كېيىن، يان تېلېفوندا كودنى سىكاننېرلاش ئارقىلىقلا ئالاقىدار ئىجتىمائىي كاپالەت كەسپىنى بېجىرەلەيدىكەن.

      ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى توردا ئىشلىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئېلېكتىرونلۇق ئىسپاتى بولۇپ، ئەمەلىي ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى بىلەن ئۆزئارا ماس كېلىدۇ، مەملىكەت بويىچە ئورتاق ئىشلىتىلىدۇ. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا بىخەتەرلىك ھوقۇقى بېرىش ئارقىلىق ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئالغىلى بولىدىغان يولدىن سەككىزى بار بولۇپ، بۇلار: شىنجاڭ ئاقىل ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت APPسى، سودا - سانائەت بانكىسى پۇل مۇئامىلە e بىرلەشمە APPسى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى يان تېلېفون بانكىسى APPسى، جۇڭگو بانكىسى يان تېلېفون بانكىسى APPسى، جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى يان تېلېفون بانكىسى APPسى، سودىگەر چاقىرىش بانكىسى يان تېلېفون بانكىسى APPسى، ئەمىن شەھەر يىجاڭتۇڭ APPسى، چىقىمدان.

      بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىدا، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇنجى قېتىم تارقىتىلدى، ئۈرۈمچى شەھىرى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھازىرغىچە ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىدىن 20 مىڭدىن ئارتۇقنى تارقاتتى. بۇ قېتىمقى ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى پۈتۈن شىنجاڭدا تارقىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن، سۇغۇرتىغا قاتناشقان تېخىمۇ كۆپ ئاممىغا قولايلىق ئېلىپ كېلىدۇ.

      «كېيىنكى قەدەمدە ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ دوختۇرخانىدا كودنى سىكاننېرلاپ راسچوت قىلىش ھەمدە ئېلېكتىرونلۇق كېسەل كۆرسىتىش كارتىسى قاتارلىق ئىقتىدارلىرى ئېچىلىپ، ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ ئەمەلىي قوللىنىش دائىرىسى تەدرىجىي كېڭەيتىلىپ، <بىر كارتىنى كۆپ ئورۇندا ئىشلىتىش> ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئاممىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كەسپى بېجىرىشى، داۋالىنىشى، دورا سېتىۋېلىشىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىلىدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ گوچىڭ.

      ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا 19 مىليون 120 مىڭدىن ئارتۇق ئەمەلىي ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى تارقىتىلغان.

    مەنبەسى :تيانشان تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك