• شىنجاڭ:«تور شەمشىرى»ھەرىكىتى توردا مال سېتىۋېلىشتا «قالقان»بولىدۇ

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-04-02 11:38
  • شىنجاڭ:«تور شەمشىرى»ھەرىكىتى توردا مال سېتىۋېلىشتا «قالقان»بولىدۇ

     مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە: ئاپتونوم رايون بازارنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش سىستېمىسى 2019-يىللىق «تور شەمشىرى»مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «ئېلىكتىرونلۇق سودا قانۇنى»نى ئاچقۇچ قىلىپ، تور مەھسۇلاتلىرى سودا بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يالغان تەشۋىقات، بەلگىلىمىگە خىلاب ھالدا سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەڭسىز توختام قاتارلىق مەسىلىلەرنى مەركەزلىك تۈزەپ، تور بازىرى مۇھىتىنى تازىلايدىكەن.

      ئاپتونوم رايون تور مەھسۇلاتلىرى سودىسىغا بولغان نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات، توردىكى ئېلىكتىرونلۇق سانلىق ئۇچۇرلاردىن ئىسپات ئېلىش قاتارلىق تېخنىكىلىق ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ، تور مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ؛ ئاپتونوم رايوندىكى تور بازىرىنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇشقا ئالاقىدار ھەر قايسى ئورۇنلار بىلەن سانلىق ئۇچۇرلاردا ئورتاقلىشپ ۋە قانۇن ئىجرا قىلىشتا ھەمكارلىشىپ، ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە تورنى بىرلىكتە باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ باشقا ئۆلكە، شەھەرلەر ۋە چوڭ تىپتىكى ئېلىكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرى بىلەن  نازارەتچىلىك ۋە ھوقۇق مەنپەئەتنى قوغداش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جىڭدۇڭ، سۇنىڭ يىگوۋ قاتارلىق چوڭ تىپتىكى ئېلىكتىرونلۇق سۇپىلار بىلەن «تور بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ھوقۇق-مەنپەئەتنى قوغداش جەھەتتىكى ھەمكارلىق باياناتنامىسى»ئىمزالاپ، بىرلىكتە چىڭ تۇتۇپ، ئورتاق باشقۇرىدىغان تور بازىرى نازارەتچىلىك ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىدۇ. 

      شىنجاڭ سۇنىڭ يىگوۋ سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ۋاڭ ۋېنيۈ مۇنداق دېدى: ھازىر سۇنىڭ يىگوۋ سودىگەرلەرنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىش تۈزۈمى، تاۋارلارنى ئەكىرىش تۈزۈمى قاتارلىق باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى ئەلالاشتۇردى، بۇ سودىگەرلەردىن تارتىپ ئىستىمالچىلارغىچە، سېتىشتىن تارتىپ مۇلازىمەتكىچە بولغان پۈتكۈل ھالقىنى قاپلىغان بولۇپ، سودىگەرلەرنىڭ %100 ئوچۇق ئاشكارا تىجارەت قىلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

      تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ بۇ يىلنىڭ بېشىغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئىدارىسى تۇنجى قېتىم توردىكى تاۋارلارنىڭ سۈپىتىنى تاللاپ تەكشۈرگەن، ئاپتونوم رايوندىكى تور تىجارىتى سۇبىكىيىكتلىرىنىڭ توردا ساتقان ئېلىكتىرونلۇق ئۈسكىنىلەر، توقۇلما بويۇملار، تازىلىق تۈرىدىكىلەر، ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرى قاتارلىقلارنى تۈركۈمگە ئايرىپ تاللاپ تەكشۈرگەن. بۇنىڭدىن كېيىن كەڭ ئىستىمالچىلار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئېلىكتىرونلۇق سودا ساھەسىدىكى يالغان تەشۋىقات، يالغان زاكاس، ئىشەنچىلىك دەرىجىسىنى قالايمىقان قىلىش، چوڭ سانلىق ئۇچۇرلارنى قالايمىقان قىلىش، تەڭسىز توختام قاتارلىق مەسىلىلەرنى تۈزەش سالمىقى ئاشۇرىلىدىكەن.


    مەنبەسى :تيانشان تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك