• بۈگۈن ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃18 بولىدۇ

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • بۈگۈن ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃18 بولىدۇ

    خەيرلىك سەھەر، سۆيۈملۈك دوستۇم! يەنە بىر يېڭى كۈن باشلاندى، يەنە بىر يېڭى مۇساپىگە ئاتلاندۇق. ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃18، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃8 بولىدۇ، ئۈچ بال شامال چىقىدۇ.

      كەلگۈسى ئىككى كۈندە ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشى ئانچە چوڭ بولمايدۇ.

      تېمپېراتۇرا مۇۋاپىق، ئەمما، ھاۋا بىر قەدەر قۇرغاق بولۇپ، مۇۋاپىق سۇ تولۇقلاپ تۇرۇش كېرەك.

      پۈتۈن شىنجاڭ مىقىياسىدىن قارىغاندا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ قىسمەن رايونلىرى ۋە تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدا سۇس ياكى ئازراق يامغۇر ياغىدۇ، شىمالىي شىنجاڭدىكى شامال ئېغىزلىرىدا 8~7 بال غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى بورىنى چىقىدۇ.

      ئەتىياز پەسلىدە كۆز قۇرغاقلىشىدۇ، جۇڭگو تېبابىتىدە «جىگەر بىلەن كۆز زىچ مۇناسىۋەتلىك» دەپ قارىلىدۇ، كۆز ھەددىدىن زىيادە چارچاپ كەتكەندە جىگەر ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچرايدۇ. دائىم قادىلىپ خىزمەت قىلىپ كۆزى چارچايدىغانلارنىڭ كۆپرەك كۆز ئاسراش گىمناستىكىسى ئويناپ بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. كۆز ئاسراش گىمناستىكىسى ئوينىغاندا كۆزنى يۇمۇپ كۆز ئالمىسىنى ھەرىكەتلەندۈرىمىز، يەنى سائەت ئىستىرېلكىسىنىڭ ئايلىنىش يۆنىلىشى بويىچە ئاستا 10 قېتىم، سائەت ئىستىرىلكىسىنىڭ ئايلىنىش يۆنىلىشىگە قارشى ئاستا 10 قېتىم ئايلاندۇرىمىز. بۇ ھەرىكەتنى ھەر كۈنى 10 مىنۇت ئەتراپىدا ئىشلىسەكلا بولىدۇ.

    مەنبەسى :تيانشان





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • ئامما بىلەن بىرگە يەپ ، بىرگە تۇرۇپ ، بىرگە ئەمگەك قىلىپ ئامما ئارىسىغا چۈكۈش

    1970-01-01 08:00

  • ﺑﻪزﯨﻠﻪر لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺳﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎزلا ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪا ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺑﯧﻠﯩﺘﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟاﻟﯩﺪۇ، بۇ قانداق ئىش؟

    1970-01-01 08:00

  • توغرا ! مەن ئۇنىڭغا لاتارىيە بېلىتى سوۋغا قىلاي !

    1970-01-01 08:00

  • مەن ئىشىنىمەن ئىتتىپاقلىق كۈچ ، بىز يەنە كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشەلەيمىز

    1970-01-01 08:00

  • پاراۋانلىق لاتارىيە بىزگە ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقلار

    1970-01-01 08:00

  • تۆۋەندە بۇ تۆت خىل دو تىكىش ئۇسۇلىنى لاتارىيەچىلەرگە تونۇشتۇرىمىز

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى لاتارىيە سېتىش نوقتىلىرى يۇقۇمغا پائال قارشى تۇردى

    1970-01-01 08:00

  • ئامەت كەلدى ! ئامەت كەلسە ، قانداق نۇمۇر ئېلىڭ ئوخشاش مۇكاپات چىقىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • پارۋانلىق لاتارىيەسى زىمىستان سۇغۇق قىشتا سىزگە ئىللىقلىق ئېلىپ كەلدى

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مۇھەببەتكە تولغان باھاردا سىزنى ساقلايدۇ

    1970-01-01 08:00