• شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ، ئۈرۈمچىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃19 بولىدۇ

  • يوللىغۇچى : دىلمۇرات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-04-02 03:51
  • شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ، ئۈرۈمچىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃19 بولىدۇ

      مۇخىبرىمىز يۈ مىڭفەن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاڭ يۈنخۈي خەۋىرى: ئىللىق قۇياش پارلاپ، لەرزان مەيىن شامال يۈزلەرنى سىيلىدى، مۇخبىرنىڭ 3-ئاينىڭ 31-كۈنى شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ بىر ھەپتىدە شىنجاڭنىڭ قىسمەن غەربىي، شىمالىي  رايونلىرىدا ھۆل-يېغىنلىق ھاۋا رايى كۆرۈلگەندىن سىرت، باشقا جايلاردا ھاۋا ئوچۇق بولىدىكەن.

      ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن ھەپتە ئاخىرىدا، ئۈرۈمچىدىكى دوستلار باھار ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدى. ئۈرۈمچىنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىدىكى دەل-دەرەخلەر تېخى بىخ چىقارمىغانىدى، باشقا ۋىلايەت، ئوبلاستلاردا ھەر خىل چېچەكلەر «كۈچ ئۇلاپ» ھۈپپىدە ئېچىلدى. كۈندىلىك ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃30قا يەتكەن تۇرپان شەھىرى توقسۇن ناھىيەسىدىكى ئۆرۈكلەر چېچەك مەزگىلىنى ئۇزىتىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئەگەر سىزنىڭ بۇ گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۆرۈش ئارزۇيىڭىز بولسا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇڭ. ناۋادا ئۈلگۈرەلمەي قالسىڭىز ھېچقىسى يوق، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئۆرۈك چېچەكلىرى نۇرغۇن ساياھەتچىنى چېچەك سەيلىسى قىلىشقا جەلپ قىلماقتا.

      ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى ۋاڭ جيەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ بىر ھەپتىدە ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئاساسەن ئوچۇق بولىدىكەن. پەيشەنبە كۈنى يەنى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى كۈندىلىك ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئۆرلەپ ℃19 ئەتراپىدا بولىدىكەن.

      پۈتۈن شىنجاڭ مىقىياسىدىن قارىغاندا، ئاجىز سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايون، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا سۇس ياكى ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى ئوبلاستى، بورتالا ئوبلاستىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال يامغۇر ياكى قار ياغىدىكەن. شىمالىي شىنجاڭدىكى شامال ئېغىزلىرىدا 8~7 بال غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى بورىنى چىقىدىكەن. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باشقا رايونلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى چوڭ بولمايدىكەن.

    مەنبەسى :تيانشان تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • شاھرۇلخان بىلەن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت ئەلكۈيىدە تارقىتىلدى现场直播

    1970-01-01 08:00

  • ھەدىيە كۆزگە ئاق چۈشۈشنى داۋالاش نەتىجىسى ئەلكۈيىدە 现场直播

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ كوماندىسى ساھىپخان مەيداندا لياۋنىڭنى2 قېتىم مەغلۇب قىلدى

    1970-01-01 08:00

  • ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

    1970-01-01 08:00

  • بايرامدا شىمالىي شىنجاڭدا يامغۇرى يېغىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا قۇم-توزان كۆرۈلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى جەمئىيەتتىن ئاشكارا 1027 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃19 بولىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ دىن ساھەسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچىدە بىخەتەرلىك تاسمىسى بويىچە مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • چىڭمىڭ بايرىمىدا ئايروپىلان بېلەتلىرىنىڭ باھاسىدا ئېتىبار كۆپ

    1970-01-01 08:00