• ئەر-خوتۇنلاردىكى ھېسسىياتنىڭ يىراقلىشىشى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە تەسىر كۆرسىتىدۇ

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-04-02 03:54
  • ئەر-خوتۇنلاردىكى ھېسسىياتنىڭ يىراقلىشىشى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە تەسىر كۆرسىتىدۇ

      ئەر-خوتۇنلار ھايات مۇساپىسىدە بىر-بىرىگە ئەڭ ئۇزۇن ھەمراھ بولىدىغان سەپەرداش. ئەر-خوتۇنلار بىر-بىرىگە ئامراق بولسا تۇرمۇشى بەختلىك بولۇپلا قالماي، يەنە ساغلام بولۇپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىگە پايدىلىق. ئەنگلىيەلىك ئالىملارنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ئەر-خوتۇنلاردىكى ھېسسىياتنىڭ يىراقلىشىشى ئۇلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

      ئەنگلىيە ئېدىنبورگ داشۆسى پىسخىكا ئىلمى تەتقىقاتچىسى سارا سىتانتون دوكتور شۇنداقلا تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكىلەر توي قىلغان 25 ياشتىن 74 ياشقىچە بولغان 1200 كىشىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى ۋە ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئىز قوغلاپ تەتقىق قىلغان، سىناققا قاتناشقۇچىلاردىن 1996-يىلىدىن باشلاپ ھەمراھىنى چۈشىنىش، كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ھۇزۇرلىنىش دەرىجىسىگە باھا بېرىشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە  2006-يىلى ۋە 2016-يىلى، يەنە ئوخشاش سوئالنى سورىغان. سىناققا قاتناشقۇچىلار سوئال قەغىزىنى تولدۇرۇپ، خىزمەت، ئائىلىدە ئۇچرىغان بېسىم بولىدىغان ئىشلارنى ھەم ئۆزىنىڭ كەيپىياتىدا بولغان ئىنكاسنى خاتىرىلىگەن. بۇ ئىنكاسلار قورقۇش، ئۈمىدسىزلىنىش، روھى چۈشكۈنلىشىش، ئەندىشە قىلىش قاتارلىق پاسسىپ كەيپىيات شۇنداقلا خۇشال بولۇش، تىنچلىنىش، قانائەتلىنىش ياكى مەغرۇرلىنىش قاتارلىق ئاكتىپ كەيپىياتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئانالىز نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ئون يىلدا ھەمراھىنىڭ ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلمەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغان سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ، ھەر تەرەپتىكى بېسىمغا بولغان ئىنكاسى ئورتاق ناچار بولغان. بۇنداق بولۇپلا قالماستىن، سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ 20 يىل ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى %42 ئاشقان.

      سىتانتون دوكتورنىڭ مۇلاھىزىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەر-خوتۇنلارنىڭ مۇناسىۋىتى يىراقلاشسا ئاسانلا كەيپىياتىنى كونترول قىلالماسلىق ۋە بېسىمنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى پەيدا قىلىدىكەن. ئاستا خاراكتېرلىك بېسىم ئۇزۇن مۇددەت يىغىلسا ئۈچەي يولى باكتېرىيە توپى ئۆزگىرىپ، يۇقىرى قان بېسىم ۋە سەكتە بولۇپ قېلىش نىسبىتىنى ئاشۇرىۋېتىدىكەن، بېسىم گورمون كورتىزولى ئۆرلەش، ئىنسۇلىن چەكلىمىگە ئۇچراش، قان قەنتى ئۆرلەش قاتارلىق بىر قىسىم ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. ئامېرىكا پىسخولوگىيە جەمئىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاستا خاراكتېرلىك بېسىم  يۈرەك كېسىلى، راك، ئۆپكە كېسىلى، كۈتۈلمىگەن ۋەقە، جىگەر قېتىش ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش قاتارلىق ئالتە خىل ئاساسلىق ئۆلۈش سەۋەبى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

    مەنبەسى :تيانشان تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • شاھرۇلخان بىلەن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت ئەلكۈيىدە تارقىتىلدى现场直播

    1970-01-01 08:00

  • ھەدىيە كۆزگە ئاق چۈشۈشنى داۋالاش نەتىجىسى ئەلكۈيىدە 现场直播

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ كوماندىسى ساھىپخان مەيداندا لياۋنىڭنى2 قېتىم مەغلۇب قىلدى

    1970-01-01 08:00

  • ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

    1970-01-01 08:00

  • بايرامدا شىمالىي شىنجاڭدا يامغۇرى يېغىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا قۇم-توزان كۆرۈلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى جەمئىيەتتىن ئاشكارا 1027 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃19 بولىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ دىن ساھەسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچىدە بىخەتەرلىك تاسمىسى بويىچە مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • چىڭمىڭ بايرىمىدا ئايروپىلان بېلەتلىرىنىڭ باھاسىدا ئېتىبار كۆپ

    1970-01-01 08:00