• ئۈرۈمچىدە بىخەتەرلىك تاسمىسى بويىچە مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ

  • يوللىغۇچى : دىلمۇرات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-04-02 11:09
  • ئۈرۈمچىدە بىخەتەرلىك تاسمىسى بويىچە مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ

      مۇخبىرىمىز ليۇ شىن، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ شياۋخۇڭ، لو جۈن خەۋىرى: «بۇنىڭدىن كېيىن مەن چوقۇم دىققەت قىلىپ، شەھەر ئىچىدە ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە، ئاپتوموبىلغا ئولتۇرغاندا چوقۇم بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقايمەن.» 4-ئاينىڭ 1-كۈنى، شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى شىخۇڭ شەرقىي يولىدا، شەھەر ئاھالىسى ليۇ خانىم ئاپتوموبىلغا ئولتۇرغاندا بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىمىغانلىقتىن، قاتناش ساقچىسى نەق مەيداندا چىقارغان 20 يۈەن جەرىمانىنى تۆلىدى. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە قاتناش ساقچىلىرى پۈتۈن شەھەر دائىرىسىدە بىخەتەرلىك تاسمىسى بويىچە مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن، ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىمىغان ياكى قائىدە بويىچە بىخەتەرلىك تاسمىسى ئىشلەتمىگەن شوپۇر ۋە يولۇچىلار جازالىنىدىكەن.

      ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق بىخەتەرلىك تاسمىسى بويىچە مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى جەريانىدا، ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدىكى يوللاردا، شوپۇرلار ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىمىسا 50 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدىكەن، يولۇچىلار بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىمىسا 20 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدىكەن.

      ۋاھالەنكى شەھەر تېز سۈرئەتلىك يوللىرى، مەسىلەن، ساي يولى تېز سۈرئەتلىك يولى، تاشقى ئايلانما يولىدا بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىماسلىقتەك قانۇنسىز قىلمىشلارغا بولغان جازالاش ئۇسۇلى شەھەر رايونىدىكى يوللارنىڭكىگە سەل ئوخشىمايدىكەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى شەھەر تېز سۈرئەتلىك يولى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى تاشقى ئايلانما يولى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىسى جى مېڭنىڭ ئېيتىشىچە، شەھەر يوللىرىغا سېلىشتۇرغاندا، شەھەر تېز سۈرئەتلىك يوللىرىدا ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈش سۈرئىتى تېخىمۇ تېز بولغاچقا، ئاپتوموبىل ھەيدەش، ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇش جەريانىدا بىخەتەرلىك تاسمىسىنى توغرا تاقاش تېخىمۇ زۆرۈر بولىدىكەن. «شەھەر تېز سۈرئەتلىك يوللىرىدا، شوپۇرلار بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىمىسا 100 يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ، ئىككى نومۇر تارتىلىدۇ، يولۇچىلار بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىمىسا 20 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ».

      ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى خەن مىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بىخەتەرلىك تاسمىسى بويىچە مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلىنىپ، بىر ئاي داۋاملىشىدىكەن. بۇ مەزگىلدە، ئۈرۈمچى شەھىرى قاتناش ساقچىلىرى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، ئېلېكتىرونلۇق ساقچى ئاپتوماتىك پەيتلىك سۈرەتكە تارتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىمىغا شوپۇرلار، يولۇچىلار جازالىنىدىكەن.

    مەنبەسى :تيانشان تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • شاھرۇلخان بىلەن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت ئەلكۈيىدە تارقىتىلدى现场直播

    1970-01-01 08:00

  • ھەدىيە كۆزگە ئاق چۈشۈشنى داۋالاش نەتىجىسى ئەلكۈيىدە 现场直播

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ كوماندىسى ساھىپخان مەيداندا لياۋنىڭنى2 قېتىم مەغلۇب قىلدى

    1970-01-01 08:00

  • ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

    1970-01-01 08:00

  • بايرامدا شىمالىي شىنجاڭدا يامغۇرى يېغىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا قۇم-توزان كۆرۈلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى جەمئىيەتتىن ئاشكارا 1027 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃19 بولىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ دىن ساھەسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچىدە بىخەتەرلىك تاسمىسى بويىچە مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • چىڭمىڭ بايرىمىدا ئايروپىلان بېلەتلىرىنىڭ باھاسىدا ئېتىبار كۆپ

    1970-01-01 08:00