• بايرامدا شىمالىي شىنجاڭدا يامغۇرى يېغىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا قۇم-توزان كۆرۈلىدۇ

  • يوللىغۇچى : دىلمۇرات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-04-04 06:27
  • بايرامدا شىمالىي شىنجاڭدا يامغۇرى يېغىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا قۇم-توزان كۆرۈلىدۇ

    يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە (4-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە)، شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنى كۈتۈۋالىدۇ. شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە يامغۇر يېغىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ ۋە بوران چىقىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭدا قۇم-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرىدە 4-ئاينىڭ 6-كۈنى كۈندۈزدىن 4-ئاينىڭ 7-كۈنى كۈندۈزگىچە ئازراق ياكى ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدۇ، 4~5 بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىپ، تېمپېراتۇرا تەدرىجىي تۆۋەنلەيدۇ.

      مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى ھاۋارايى ئۆزگىرىشىنىڭ دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى، قاتناش-تىرانسىپورتقا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئالدىن مۇداپىئەلىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

      مۇخبىرنىڭ 4-ئاينىڭ 2-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىمالنىڭ سوغۇق ھاۋا ئېقىمى تەسىرىدە، 4-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە، شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا  ھاۋارايىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولىدىكەن. شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا، تىيانشان تېغىنىڭ تاغلىق رايونى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالى، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرى قاتارلىق جايلاردا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئوخشىمىغان دەرىجىدە يامغۇر (تاغلىق رايونلاردا يامغۇر يېغىپ كېيىن قار ئارىلاش يامغۇر ياكى قارغا ئۆزگىرىدىكەن) ياغىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىلى ئوبلاستىنىڭ شىمالى ۋە شەرقى، سانجى ئوبلاستىنىڭ شەرقىدىكى قىسمەن رايونلاردا ھۆل-يېغىن كۆپ بولىدىكەن. بۇ قېتىمقى ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايىدا، ئىلى ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتىدە 4-ئاينىڭ 5-كۈنى كېچىدىن 6-كۈنى كۈندۈزگىچە ھۆل-يېغىن كۆرۈنەرلىك بولىدىكەن، شىخەنزە شەھىرى ۋە سانجى ئوبلاستىدا 4-ئاينىڭ 6-كۈنى كۈندۈزدىن كېچىگىچە ھۆل-يېغىن بىرقەدەر مەركەزلىك بولىدىكەن، تۇرپان شەھىرى ۋە قومۇل شەھىرىدە 4-ئاينىڭ 7-كۈنى كۈندۈزدىن كېچىگىچە يامغۇر ياغىدىكەن.

        سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، 4-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا ئاساسەن 8~6 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدىكەن، شىمالىي شىنجاڭنىڭ شىمالىدىكى رايونلاردا تېمپېراتۇرا تەخمىنەن 10 سېلسىيە گىرادۇس تۆۋەنلەيدىكەن. ھاۋا ئېچىلغاندىن كېيىن، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 3~1 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن، تاغلىق رايونلاردا بولسا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 6~4 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن.

      ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى سوغۇق ھاۋادا يەنە بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىغان بولۇپ،  شىمالىي شىنجاڭ ۋە شەرقىي شىنجاڭنىڭ شامال ئېغىزى رايونلىرىدا، 4-ئاينىڭ 6-كۈنى كۈندۈزدىن 7-كۈنى كېچىگىچە شامال كۈچى 9 بال ئەتراپىدا بولىدىكەن. 30 چاقىرىملىق، 100 چاقىرىملىق شامال رايونىدا شامال كۈچى 10 بالغا يېتىدىكەن. 4~5 بال غەربىي شىمال شامىلىنىڭ تەسىرىدە، جەنۇبىي شىنجاڭ تارىم ئويمانلىقىنىڭ كۆپ قىسىم رايونى ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە قۇم-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن.

       ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدا 4-ئاينىڭ 6-كۈنى كېچىدىن 7-كۈنىگىچە يامغۇر ياغىدىكەن ھەمدە 4~5 بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىپ، تېمپېراتۇرا تەدرىجىي تۆۋەنلەيدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، شەھەر رايونىدا 4-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 3 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولىدىكەن. جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى ۋە نەنسەن تاغلىق رايونىدا يامغۇر يېغىپ قار ئارىلاش يامغۇرغا ياكى قارغا ئۆزگىرىدىكەن.

    مەنبەسى :تىيانشان تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • شاھرۇلخان بىلەن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت ئەلكۈيىدە تارقىتىلدى现场直播

    1970-01-01 08:00

  • ھەدىيە كۆزگە ئاق چۈشۈشنى داۋالاش نەتىجىسى ئەلكۈيىدە 现场直播

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ كوماندىسى ساھىپخان مەيداندا لياۋنىڭنى2 قېتىم مەغلۇب قىلدى

    1970-01-01 08:00

  • ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

    1970-01-01 08:00

  • بايرامدا شىمالىي شىنجاڭدا يامغۇرى يېغىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا قۇم-توزان كۆرۈلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى جەمئىيەتتىن ئاشكارا 1027 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃19 بولىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ دىن ساھەسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچىدە بىخەتەرلىك تاسمىسى بويىچە مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • چىڭمىڭ بايرىمىدا ئايروپىلان بېلەتلىرىنىڭ باھاسىدا ئېتىبار كۆپ

    1970-01-01 08:00