• شىنجاڭلىق ئىككى باش تىرېنېر CBAنىڭ ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئۇچرىشىدۇ

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-04-25 01:55
  • شىنجاڭلىق ئىككى باش تىرېنېر CBAنىڭ ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئۇچرىشىدۇ

      تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر خۇاڭ شىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر): 1گە قارشى 4 چوڭ نومۇر پەرقى بىلەن، شىنجاڭ كوماندىسى 6-قېتىم CBAنىڭ ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىردى. بۇ ئالتە قېتىملىق ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە سەپىرىدە، شىنجاڭ كوماندىسى ۋە گۇاڭدۇڭ كوماندىسى بەش قېتىم ئۇچراشتى. بۇ قېتىم، شىنجاڭلىق ئىككى باش تىرېنېر — 52 ياشلىق ئادىلجان بىلەن 38 ياشلىق دۇ فېڭ كوماندا باشلاپ ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوخشاش بولمىغان مەزگىلدىكى جۇڭگو ۋاسكېتبول ساھەسىنىڭ باشلامچىلىرى.

      ئادىلجان بىلەن دۇ فېڭنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش كەچۈرمىشىدە ناھايىتى ئوخشاپ كېتىدىغان كۆرۈنۈشلەر بار. ئادىلجان 1983-يىلى شىنجاڭ ماھارەت تەنتەربىيە مەكتىپى (شىنجاڭ تەنتەربىيە كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ ئاساسى)دىن بېيجىڭ تەنتەربىيە داشۆسىگە كەلگەن، كېيىن «1-ئاۋغۇست» كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى تەرىپىدىن بايقالغان. «1-ئاۋغۇست» ياشلار كوماندىسىغا كىرگەندىن كېيىن، تېز سۈرئەتتە ئىلگىرىلەپ، ناھايىتى تېزلا «1-ئاۋغۇست» 1-كوماندىسىغا ئۆرلىگەن، ھەمدە تېزلىكتە كوماندىنىڭ ئاساسىي كۈچىگە ئايلانغان، ئاساسلىق كونتىرول قىلغۇچى مۇداپىئەچى سالاھىيىتىدە، ئارقا-ئارقىدىن مەملىكەت بويىچە چېمپىيون بولغان. كەسپىي ھاياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەن مەزگىلدە، ئادىلجان دۆلەت كوماندىسى بىلەن بىللە 1994-يىللىق دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرگەن. چېكىنگەندىن كېيىن، ئادىلجان تېزلىكتە «1-ئاۋغۇست» كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرىغا ئايلانغان، ھەمدە كوماندىنى باشلاپ ئومۇمىي چېمپىيون بولغان.

       دۇ فېڭمۇ ئىلگىرى شىنجاڭ تەنتەربىيە ماھارەت مەكتىپىدىن بېيجىڭ تەنتەربىيە داشۆسىگە كىرگەن، كېيىن گۇاڭدۇڭ ياشلار كوماندىسىغا كىرگەن، ئارقىدىنلا تېزلىكتە 1-كوماندىغا ئۆرلىگەن، ھەمدە تېزلىكتە گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق كۈچىگە ئايلىنىپ، ئارقا-ئارقىدىن مەملىكەت بويىچە چېمپىيون بولغان. كەسپىي ھاياتىنىڭ يۇقىرى پەسللىسىگە يەتكەن مەزگىللەردە، دۇ فېڭ دۆلەت كوماندىسىدا 2004-يىللىق ۋە 2008-يىللىق ئىككى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرگەن. چېكىنگەندىن كېيىن، گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى بولغان. 2017-يىلى، دۇ فېڭ جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول  كوماندىسى كۆك كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى بولغان. مۇداپىئەگە قاتتىق ئەھمىيەت بېرىش، كوللېكتىپ ھۇجۇم قىلىشنى تەكىتلەش ـــ ئادىلجان بىلەن دۇ فېڭنىڭ توپچى ۋە تىرېنېر بولغان ۋاقىتلىرىدىكى ئورتاق ئالاھىدىلىكى. توپچى بولغان مەزگىلىدە، ئىككىلىسى كوللېكتىپنىڭ مۇنەۋۋەر توپچىسى بولۇپ، مۇداپىئە ئىقتىدارى قالتىس، ھالقىلىق توپ ئويناشقا ماھىر ئىدى. تىرېنېرلىق دەۋرىدە، ئىككىلىسى ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ دائىملىق مېھمىنىغا ئايلاندى، لېكىن، يەنىلا نەتىجە سەۋەبلىك نۇرغۇن توپ مەستانىلىرىنىڭ گۇمانىنى قوزغىغان.

      بۇ مۇسابىقە پەسلىدە، دۇ فېڭ گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى يېتەكلەپ قايتا قۇرۇشنى باشلىدى، ئىجادىي ھالدا چەت ئەللىك ئىككى نومۇر ئالغۇچى ئارقا مۇداپىئەچى/ كىچىك ھۇجۇمچى( قىسقارتىلىپ كىچىك چەت ئەللىك ماھىر دەپ ئېلىنىدۇ)نى ئىشلىتىپ، گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنىڭ سۈرئىتىنى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىپ، كوماندىنى بۇ پەسىللىك CBA ئادەتتىكى مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتۈردى. پەسىل ئاخىرى مۇسابىقىسى باشلانغاندىن كېيىن، گۇاڭدۇڭ كوماندىسى ئىزچىل غەلىبە قىلدى، يېڭىلىپ باقمىدى. ئادىلجان بۇلتۇر «1-ئاۋغۇست» كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرلىق ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ، يۇرتى شىنجاڭنىڭ توپ كوماندىسىنى قولىغا ئالدى. ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭ كوماندىسىدا دۆلەت ئىچىدىكى ماھىرلارنىڭ كەيپىياتى تۇراقسىز، چەت ئەللىك ماھىرلار مەسىلىسى كۆپ بولۇشتەك ئەھۋالدا، كوماندىنى باشلاپ قەدەممۇقەدەم يۇقىرى ئۆرلىدى. ئەڭ ئاخىرىدا پەسىل ئاخىرى مۇسابىقىسىدە، بىر پۈتۈنلۈكى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان كوللېكتىپ ۋاسكېتبول ئوينىدى.

      ئادىلجان بىلەن دۇ فېڭ شىنجاڭدىكى ۋاسكېتبولنى قىزغىن سۆيىدىغان نۇرغۇن بالىلارغا ئۈلگە تىكلەپ بەردى. بارغانسېىرى كۆپلىگەن ياشلار ئۇلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە كەسپىي مۇسابىقە مەيدانىغا كىردى، نۇرغۇنلىرى يەنە دۆلەت كوماندىسىغا كىردى، ئادىلجان، دۇ فېڭدىن كېيىن، شىرئەلىجان، قىرانبېك، دىڭيەن يۈخاڭ، خۇ جىنچيۇ، ئابدۇسالام، خۇ مىڭشۈەن، ئارسلان قاتارلىق شىنجاڭلىق توپچىلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ دۆلەت كوماندىسىغا تاللاندى. بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىدا توپ ئوينىغان يۈ چاڭدۇڭ، جوۋ چى، لى گېنلارمۇ دۆلەت كوماندىسىغا كىردى. شىنجاڭ ۋاسكېتبولچىلىقى ۋاسكېتبول ئىختىساسلىقلىرىنى كىرگۈزىدىغان جايغا ئەمەس، ئەكسىچە مۇنەۋۋەر دۆلەت كوماندىسى ماھىرلىرىنى يېتىشتۈرىدىغان جايغا ئايلاندى، ھازىرقى دۆلەت كوماندىسىدا، شىنجاڭدا تۇغۇلغان ياكى شىنجاڭدا ئۆسۈپ يېتىلگەن مۇنەۋۋەر دۆلەت ماھىرلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى.

      بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭ ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى ياكى توپچىلىرى بولسۇن، ھەممىسى جۇڭگو ۋاسكېتبولچىلىقىنىڭ مۇھىم تىرەك كۈچلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئادىلجان 1989-يىلى 1-قېتىم جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىغا تاللانغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە دەل 30 يىل بولدى. شىنجاڭ ۋاسكېتبول كوماندىسىمۇ بۇ 30 يىل ئىچىدە تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، بىراقلا ئۆرلەپ، جۇڭگو ۋاسكېتبولچىلىقىدا مۇھىملىقى لياۋنىڭ كوماندىسىدىن قالسىلا 2-ئورۇندا تۇرىدىغان ئىختىساسلىقلار توپلاشقان جايغا ئايلاندى. شىنجاڭ ۋاسكېتبول كوماندىسى ئىلگىرى شاڭخەي ۋە لياۋنىڭ كوماندىلىرىنى ئۇستاز تۇتقان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭ ۋاسكېتبول كوماندىسىدا يەرلىك ماھىرلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشى كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقە شىنجاڭ ۋاسكېتبولچىلىقىغا ئېلىپ كەلگەن بەخت ھېسابلىنىدۇ، بۇ شۇنداقلا جۇڭگو ۋاسكېتبولچىلىقىنىڭمۇ بەختى.

      شىنجاڭلىق ئىككى باش تىرېنېرنىڭ كۈچ سىنىشىشىنىڭ نەتىجىسى قانداق بولىدۇ، 4-ئاينىڭ 26-كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغان ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ تۇنجى مەيدانىدىكى شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنىڭ تىركىشىشىگە نەزەر سېلىڭ.

    مەنبەسى :  تىيانشان تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • لاتارىيەچى كۆكتات سېتىۋىلىپ ئاشقان پۇلغا لاتارىيە بېلىتى ئېلىپ كاتتا مۇكاپاتغا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • لاتارىيەچى ئۆيدىكىلىرىنىڭ «تۇغۇلغان كۈن» نۇمۇرى بىلەن نۇمۇر تاللاپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئامەتلىك لاتارىيەچى 300 مىڭ يۈەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • پاراۋانلىق لاتارىيە كۈندىلىك خەۋەرى (5-ئاينىڭ 7-كۈنى)

    1970-01-01 08:00

  • تېڭشۈننىڭ يېڭى توخۇ يىيىش ئويۇنى ئۈچ كۈندە 95مىليون يۈەن پۇل تاپقان

    1970-01-01 08:00

  • خۇبېي ئۆلكىلىك جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش نازارىتى نازىرى موللاق ئاتتى

    1970-01-01 08:00

  • رىم بىلەن بولغان مۇسابىقىدە رونالدو قارشى تەرەپ بىلەن توقۇنۇشۇپ قالدى

    1970-01-01 08:00

  • رونالدونىڭ توپ كىرگۈزدى،ئىناۋەتسىز قىلىندى رىم2-يۇۋېىنتۇس 0 (ئىتالىيە بىرلەشمىسى36-ئايلانما)

    1970-01-01 08:00

  • ئانىلاربايرام مۇبارەك!«بال سەدەف»تە ئانىلار بايرىمى مەخسۇس فىلىم

    1970-01-01 08:00

  • ◁ئانىلار بايرىمىدا ئانىلىرىمىزنىڭ يۈرەك سۆزىگە قۇلاق سېلىپ قۇيۇڭ!

    1970-01-01 08:00