• بۈگۈن ئۈرۈمچىدە ئازراق يامغۇر ياغىدۇ،كىلەر ھەپتىدىن باشلاپ تېمپىراتۇرا ئۆرلەيدۇ

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-05-05 07:16
  • بۈگۈن ئۈرۈمچىدە ئازراق يامغۇر ياغىدۇ،كىلەر ھەپتىدىن باشلاپ تېمپىراتۇرا ئۆرلەيدۇ

    ئەلكۈيى تورى خەۋىرى: 1-ماي دەم ئېلىش مەزگىلىدە يامغۇرلۇق ھاۋارايى   پات ـ پات كۆرۈلۈپ تۇردى، بۈگۈن يەنە ئۈرۈمچىدە ھاۋارايى ئەھۋالى ئازراق يامغۇرلۇق بولۇپ، تېمپىراتۇرا بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ.  كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئوچۇق، ھاۋا بۇلۇتلۇق بولىدۇ، تېمپېراتۇرا تەدرىجىي ئۆرلەپ، شەھەر رايونىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا يەنە 20 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولىدۇ.
     باش ياز مەۋسۈمى يېتىپ كەلدى، قاتتىق يامغۇر ئۈرۈمچى شەھىرىنى سوغۇق ھېس قىلدۇردى.  
    ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۆلچەپ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، 3-چىسلا كېچىدىن 4چىسلاغىچە، ئۈرۈمچىدە كۆرۈنەرلىك يامغۇر ياغقان، 4-ماي سائەت 19غىچە، ئاساسلىق شەھەر رايونىنىڭ ھۆل-يېغىن مىقدارى 18.4 مىللىمېتىرغا يېتىپ، قاتتىق يامغۇر دەرىجىسىگە يەتكەن.  يامغۇر سۈيىنىڭ كىرىشى بىلەن تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن. ئاساسلىق شەھەر رايونىدا كۈندۈزدىكى تېمپېراتۇرا ئاران 7 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولدى.  گەرچە قاتتىق يامغۇر شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بىراق كونىلاردا باھار يامغۇرى ياغدەك ياغىدۇ، دەيدىغان گەپ بار.  بۇ قېتىمقى يامغۇر شەھەرنى كۆكەرتىش، ھاۋانى ساپلاشتۇرۇش، تۇپراقنىڭ نەملىكىنى ياخشىلاش، سۇ ئامبىرىدا سۇ ساقلاشنى ئاشۇرۇشقا ئىنتايىن پايدىلىق.
      شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالدىن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچىدە بۈگۈن يەنىلا ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدىكەن، تېمپېراتۇرا بىرقەدەر تۆۋەن بولۇپ، ئەتىگەن ۋە كەچتىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃7 ئەتراپىدا، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃14 ئەتراپىدا بولىدىكەن.  كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئوچۇق بۇلىدىكەن، شەھەر رايونىدا كۈندۈزدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃20تىن يۇقىرى بۇلىدىكەن . 
     پۈتۈن شىنجاڭدىن قارىغاندا، كەلگۈسى ئۈچ كۈندە  تيانشان رايونلىرىدا يەنىلا ھۆل-يېغىن بولۇپ تۇرىدىكەن.  ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى نۇقتىلىق كۆرسەتمە بېرىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن ئوبلاستى، تيانشان تاغلىق رايونلىرىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قىسقا ۋاقىتلىق قاتتىق يامغۇر، مۆلدۈر، گۈلدۈرمامىلىق بوران قاتارلىق كونۋېكسىيەلىك ھاۋارايى كۆرۈلۈشىنىڭ ئېھتىماللىقى بىر قەدەر چوڭ بولىدىغانلىقى، قىسمەن رايونلاردا قارا يامغۇر يېغىپ، كەلكۈن، تاغ گۈمۈرۈلۈش، لاي-لاتقا ئېقىنى قاتارلىق گېئولوگىيىلىك ئاپەتلەردىن مۇداپىئەلىنىشنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    مەنبەسى :ۋاڭيى تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • لاتارىيەچى كۆكتات سېتىۋىلىپ ئاشقان پۇلغا لاتارىيە بېلىتى ئېلىپ كاتتا مۇكاپاتغا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • لاتارىيەچى ئۆيدىكىلىرىنىڭ «تۇغۇلغان كۈن» نۇمۇرى بىلەن نۇمۇر تاللاپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئامەتلىك لاتارىيەچى 300 مىڭ يۈەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • پاراۋانلىق لاتارىيە كۈندىلىك خەۋەرى (5-ئاينىڭ 7-كۈنى)

    1970-01-01 08:00

  • تېڭشۈننىڭ يېڭى توخۇ يىيىش ئويۇنى ئۈچ كۈندە 95مىليون يۈەن پۇل تاپقان

    1970-01-01 08:00

  • خۇبېي ئۆلكىلىك جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش نازارىتى نازىرى موللاق ئاتتى

    1970-01-01 08:00

  • رىم بىلەن بولغان مۇسابىقىدە رونالدو قارشى تەرەپ بىلەن توقۇنۇشۇپ قالدى

    1970-01-01 08:00

  • رونالدونىڭ توپ كىرگۈزدى،ئىناۋەتسىز قىلىندى رىم2-يۇۋېىنتۇس 0 (ئىتالىيە بىرلەشمىسى36-ئايلانما)

    1970-01-01 08:00

  • ئانىلاربايرام مۇبارەك!«بال سەدەف»تە ئانىلار بايرىمى مەخسۇس فىلىم

    1970-01-01 08:00

  • ◁ئانىلار بايرىمىدا ئانىلىرىمىزنىڭ يۈرەك سۆزىگە قۇلاق سېلىپ قۇيۇڭ!

    1970-01-01 08:00