• لىۋېرپول مۆجىزە يارىتىپ4-3نەتىجىدە بارسىلونا شاللاپ ھەل قىلغۇچقا كىردى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-05-08 05:43
  • لىۋېرپول مۆجىزە يارىتىپ4-3نەتىجىدە بارسىلونا شاللاپ ھەل قىلغۇچقا كىردى

    ئەلكۈيى تورى ، ئەلكۈيى سالونى تېز خەۋىرى:بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 3:00 دە، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئەنفىرىد مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلدى، لىۋېرپول ئۆز مەيدانىدا بارسېلونا بىلەن مۇسابىقىلەشتى، ئىككى تەرەپ تۇنجى ئۇچرىشىشتا 3-0 نەتىجە بىلەن بارسېلونا غەلبە قىلغان بولۇپ ، بۇ قېتىملىق ئىككىنچى ئۇچرىشىشتا  ھەقىقەتەنمۇ تارىخ يارىتىپ ، ئۇزغۇنلۇقتا چىمپىيونلۇققا ئېرىشىدۇ دەپ ھەممە تۆز كۆز تىككەن بارسېلونانى ئېچىنىشلىق شاللاپ  4-0 بارسېلونانى يەڭدى ۋە ئومۇمى نەتىجە 4-3 بولۇپ لېۋىرپۇل ئوڭۇشلۇق ھالدا ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە  كىردى.




     بەلكىم بۇ كېچە پۇتبول مەستانىلىرىنى يەنە بىر قېتىم ھەيران قالدۇرغان كېچە بولىشى مۇمكىن ، تۇنجى ئۇچرىشىشتا بارسېلونا نوكەمپودا ئۆز مەيدانىدا 3-0 نەتىجە بىلەن ، لىۋېرپوللۇقلارنىڭ يۈرىكىنى ئاغرىتقان، نەچچە يىلدىن بېرى مېسسى ھەممىگە قادىر مېسسى ئىدى، « مىسىرلىق مېسسى» نىڭ تەلىيى ئوڭدىن كەلمىدى، ئەگەر سالاھنىڭ ۋاقىت گۆھىرى بار بولسا ئۇ چوقۇم بارسېلونا چەكلەنگەن رايونغا قايتىپ كېلىپ، ئاشۇ  تۈۋرۈككە سوققان توپنى يەنە بىر قېتىم تېپىپ بېقىشى مۇمكىن.  ئەمما بۇ مۇمكىن ئەمەس، بەلكىم مۇسابىقىدىن بورۇن سالاھ قاتتىق ئەپسۇسلانغان بولىشى مۇمكىن ،  شۇڭا لىۋېرپولمۇ نوكەمپودىن ھېچقانداق نەرسىنى ئېلىپ كېتىشنى خىيال قىلالمايدۇ، پەقەت ئانفىرىدنىڭ كىيىنكى ئۇچۇرشىش مۇسابىقىسىگىلا قايتىدۇ، لىۋېرپولنىڭ تەتۈر ئېشىش نىسبىتى ھەقىقەتەنمۇ قىيىن بولۇپ مۇسابىقىدىن بورۇن تاراتقۇلار بۇ ھەقتە نۇرغۇن پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بارسېلونانى بەلكىم بۇ يىللىق چېمپىيون دەپ تەھلىل قىلغان ئىدى.  فىرمىنونىڭ يارلىنىشى، سالاھنىڭ يارلىنىشى، نابى-كەيتانىڭمۇ يارلىنىشى، ئوسمان -دېمبىلىمۇ يارلاندى … بارسېلونا ئېنىقلا ئۇزغۇنلۇق چوققىسىغا قايتىپ كىلىشكە تولۇق تەييارلىق قىلغان ئىدى.  بىراق، بارسېلونامۇ لېۋىرپۇلغا  سەل قارىمايتتى، چۈنكى كۆپچىلىكنىڭ  ئىستانبۇل كېچىسىدىكى لىۋىرپۇل ھېلىھەم ئىسىدە ئىدى...



    ئەپسۇس بۈگۈن كېچىدە بۇ مەزمۇننى يېزىۋاتقاندا تەھرىرنىڭمۇ قۇلى تىترىدى ، چۈنكى  لىۋېرپول ئۆز مەيدانىدا 4-0 نەتىجىدە بارسېلونانى مەغلۇپ قىلىپ، ئادەمنى ھەيران قىلدۇرىدىغان  زور بۇرۇلۇش ھاسىل قىلدى.  بۈگۈن كېچە چوقۇم يەنە بىر قېتىم پۇتبول تارىخ بېتىگە يېزىلىدۇ!    بۈگۈن كەچتىكى مۇسابىقىدىن بۇرۇن، سىز بۇنداق ۋەقەلىكنى ئويلاپ چىقالامسىز؟  تۇنجى ئۇچرىشىشتا 3-0 نەتىجىدە  ئارقىدا قالغان، تۇنجى ئۇچرىشىشتىلا  داڭلىق پۇتبول چولپانلىرىدىن  ۋە ئاساسلىق مەرگەنلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان لېۋىرپۇلنىڭ بۇنداق نەتىجىنى قولغا كەلتۈرىشىنى كىممۇ ئ‍ويلىغان دەيسىز ، كەم قالغان، مۇشۇنداق ئاقىۋەتنى كىممۇ ئويلىسۇن؟ 


      بۈگۈن كېچە تۈنەيدىغان توپ مەستانىلىرىغا مۇبارەك بولسۇن، سىلەر بىر مەيدان ھاياجانلىق مۆجىزىگە شاھىد بولدۇڭلار، تۈنەلمەيدىغان توپ مەستانىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، سىلەر ھەقىقەتەن پۈتۈن دۇنيادىكى بىر مەيدان ھاياجاننى قولدىن بېرىپ قويدۇڭلار.  مانا بۇ پۇتبولنىڭ سىھرى كۈچى، بىزنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى،بەزىلەر كۆڭلىدە ئازاپلاندى ، بەزىلەر كۆڭلىدە خوشال بولدى.قالغان گەپلەرنى سىلەرمۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرساڭلار بولىدۇ.



    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • لاتارىيەچى كۆكتات سېتىۋىلىپ ئاشقان پۇلغا لاتارىيە بېلىتى ئېلىپ كاتتا مۇكاپاتغا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • لاتارىيەچى ئۆيدىكىلىرىنىڭ «تۇغۇلغان كۈن» نۇمۇرى بىلەن نۇمۇر تاللاپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئامەتلىك لاتارىيەچى 300 مىڭ يۈەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • پاراۋانلىق لاتارىيە كۈندىلىك خەۋەرى (5-ئاينىڭ 7-كۈنى)

    1970-01-01 08:00

  • تېڭشۈننىڭ يېڭى توخۇ يىيىش ئويۇنى ئۈچ كۈندە 95مىليون يۈەن پۇل تاپقان

    1970-01-01 08:00

  • خۇبېي ئۆلكىلىك جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش نازارىتى نازىرى موللاق ئاتتى

    1970-01-01 08:00

  • رىم بىلەن بولغان مۇسابىقىدە رونالدو قارشى تەرەپ بىلەن توقۇنۇشۇپ قالدى

    1970-01-01 08:00

  • رونالدونىڭ توپ كىرگۈزدى،ئىناۋەتسىز قىلىندى رىم2-يۇۋېىنتۇس 0 (ئىتالىيە بىرلەشمىسى36-ئايلانما)

    1970-01-01 08:00

  • ئانىلاربايرام مۇبارەك!«بال سەدەف»تە ئانىلار بايرىمى مەخسۇس فىلىم

    1970-01-01 08:00

  • ◁ئانىلار بايرىمىدا ئانىلىرىمىزنىڭ يۈرەك سۆزىگە قۇلاق سېلىپ قۇيۇڭ!

    1970-01-01 08:00