• خۇبېي ئۆلكىلىك جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش نازارىتى نازىرى موللاق ئاتتى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-05-13 08:40
  • خۇبېي ئۆلكىلىك جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش نازارىتى نازىرى موللاق ئاتتى


    ئەلكۈيى تورى ، ئەلكۈيى سالونى تەرجىمىسى : خۇبېي ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش  ، نازارەت قىلىش كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا: خۇبېي ئۆلكىلىك جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، نازىرى گو تاڭيىن ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش ۋە ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغاچقا، ھازىر ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە مەمۇرىي تەپتىش تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.

      گو تاڭيىن، ئەر، 1962-يىلى 11-ئايدا تۇغۇلغان، خەنزۇ، خۇبېي ئېجۇدىن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، 1984-يىلى 6-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. 
     ئاشكارا ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ ئىلگىرى ئېجۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىنىڭ باشلىقى، خۇبېي ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى ئىقتىسادىي جىنايەتنى تەھقىقلەش باش ئەترىتىنىڭ باشلىقى (مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك) ، خۇاڭشى شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، خۇبېي ئۆلكىلىك ج خ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى بولغان.
      ئۇ 2018-يىلى 11-ئايدا خۇبېي ئۆلكىلىك جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، نازىرلىقىغا تەيىنلەنگەن.

     ئاشكارا ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ سىياسىي قانۇن سىستېمىسىدا كۆپ يىل خىزمەت قىلغان، ئىلگىرى ئېجۇ شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بۆلۈم دەرىجىلىك تەپتىشى بولغان، 1997-يىلى ئېجۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىگە بېرىپ، ج خ ئىدارىسى قوماندانلىق مەركىزىنىڭ مۇدىرى، قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي كومىسسارى، تارماق ئەترەت باشلىقى بولغان.
     2002- يىلى گو تاڭيىن خۇبېي ئۆلكىلىك ج خ نازارىتىدە خىزمەت قىلغان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ قاتناش ساقچىلىرى باش ئەترىتى ۋە ئىقتىسادىي جىنايەتلەرنى رازۋېدكا قىلىش باش ئەترىتىدە سەككىز يىل ئىشلىدى.
      2010-يىلى 1-ئايدا، شۇ چاغدا ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى ئىقتىسادىي جىنايەتنى تەھقىقلەش باش ئەترىتىنىڭ باش ئەترەت باشلىقى ، شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان، كېيىن خۇاڭشى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان.
      2011 – يىلى 11 – ئايدا گو تاڭيىن ئۆلكىلىك ج خ نازارىتىگە قايتىپ كېلىپ، يېڭىدىن خۇبېي ئۆلكىلىك ج خ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرلىقىغا تەيىنلەندى، 2015 – يىلى 2 – ئايدا دائىمىي مۇئاۋىن نازىرلىققا ئۆستۈرۈلدى.
      2017- يىلى 4- ئايدا، ئۇ يېڭى ئۆلكىلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولدى، بۇلتۇر 11- ئايدا، ئاپپارات ئىسلاھاتىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئۆلكىلىك جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، نازىرى بولدى. 
     مەركەزنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش تەلىپى بويىچە، 5-چىسلادىن 10-چىسلاغىچە ، مەركەزنىڭ 12-نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى خۇبېيغا ئورۇنلىشىپ، تۇنجى نۆۋەتلىك ھەيدەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇردى.  مەركەز قارا گۇرۇھلارنى تازىلاش، قارا گۇرۇھلارنى يوقىتىش 12- نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ۋېيگۇاڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: قارا گۇرۇھلارنى ئومۇميۈزلۈك تازىلاش، قارا گۇرۇھلارنى يوقىتىش، قارا گۇرۇھلارنى يوقىتىش،، قارا گۇرۇھلارغا زەربە بېرىش، قارا گۇرۇھلارنى بىر ئېقىندا بۇلغىغان«  كۈنلۈك بولغان » ، « ساقچى كۈنلۈك» بولغانلارغا زەربە بېرىش، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدىغان، قىلىدىغاننى قىلمايدىغان« چاكىنا كۈنلۈك» لارنى تۇتۇپ، مەخسۇس كۈرەشنى قارا گۇرۇھلارنى تازىلاش، قارا گۇرۇھلارنى يوقىتىش، ، مال-مۈلۈكنى ئۈزۈش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت« بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي جەڭ نۇقتىسىغا قارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. 
     خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ كۈنلۈك تۇتۇش سالمىقى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.  
    بۇلتۇر 9-ئايدا، خۇاڭگاڭ شەھىرىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى ۋاڭ جىخۇەي موللاق ئېتىپ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىلدى، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا  ۋاڭ جىخۇەينىڭ  شەخسىي غەرەز بىلەن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلارنى زەھەر چەكتى دەپ سولاپ قويغان، قىمارخانا ئېچىش، قىمار ئويناش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە چېتىشلىق گۇماندارلارنى قانۇنسىز قوغدىغان، يەنە« تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ توسۇۋېلىش، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلىق كۆرسىتىش» ، « بىر ئايال بىلەن ئوزۇن مۇددەت بىنورمال جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇش» ، « باشقىلار تەمىنلىگەن جىنسىي مۇلازىمەتنى ئۇزاق مۇددەت قوبۇل قىلىش» قاتارلىق ئىشلىرى ئاشكارا ئوقتۇرۇش قىلىنغان .
      ئاشكارا خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ۋاڭ جىخۇەي زوراۋان كۈچلەرنىڭ ئاساسلىق كاتتىبېشى ۋاڭ رېنچېڭنىڭ مۇھاپىزەت كۈنلۈكى بولۇپ، ۋاڭ رېنچېڭ ئىلگىرى جەمئىيەتتىكى بىكار تۇرغانلارنى يىغىپ، ئۇرۇش، زوراۋانلىق، تەھدىت سېلىش،ئىتقا تالىشىش ،  تۆمۈر قەپەزگە سولاپ قويۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، باشقىلارنى قانۇنسىز قاماپ قويغان ۋە زەخمىلەندۈرگەن.  
    مۇخبىر، بۇلتۇردىن بۇيان خۇبېي ئۆلكىسىدە نۇرغۇن كىشىنىڭ موللاق ئاتقانلىقىغا دىققەت قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە سىياسىي قانۇن سىستېمىسىنىڭ   ئەمەلدارلىرى ئاز ئەمەس. 
    ئۆتكەن يىلى 5-ئايدا، ۋۇخەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سابىق باشلىقى ۋاڭ چېن ئاتتىن چۈشتى؛ 9-ئايدا ۋۇخەن شەھىرى خۇاڭپى رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق رەئىسى لى شېڭچياۋ ۋەزىپىسىدىن قالدى؛10-ئايدا، ۋۇخەن شەھەرلىك پارتكوم سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق دائىمىي مۇئاۋىن شۇجىسى جۇ بىڭ ئاتتىن موللاق ئاتتى، شۇ ئايدا، ۋۇخەن شەھىرى جياڭخەن رايونلۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ سابىق باشلىقى ليۇ خەنچياڭ تەكشۈرۈلدى. 
     بۇ يىل 1-ئايدا، خۇبېي ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش ،  نازارەتچىلىك كومىتېتى ئۆلكىلىك تەبىئىي بايلىق نازارىتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ باۋپىڭنى تەكشۈردى؛ 2-ئايدا خۇاڭگاڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تۇڭ گۇاڭمىڭ موللاق ئاتتى؛ 3-ئايدا ۋۇخەن شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ۋۇخەن تەرەققىيات رايونى خىزمەت كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، خەن نەن رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى خۇ خۇڭچۈن موللاق ئاتتى؛ شۇ ئايدا شياۋگەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاڭ جاۋ موللاق ئاتتى.  
    خۇبېي ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش ،  نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، يۇقىرىدا ئېيتىلغان كىشىلەر قارا كۈچلەر ئۈچۈن قانۇنسىز قوغدايدىغان« كۈنلۈك» ، « كۈچلۈك كۈنلۈك» ۋە« قاتتىق كۈنلۈك» بولغان.

    مەنبەسى :بېيجىڭ ياشلار گېزىتى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • لاتارىيەچى كۆكتات سېتىۋىلىپ ئاشقان پۇلغا لاتارىيە بېلىتى ئېلىپ كاتتا مۇكاپاتغا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • لاتارىيەچى ئۆيدىكىلىرىنىڭ «تۇغۇلغان كۈن» نۇمۇرى بىلەن نۇمۇر تاللاپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئامەتلىك لاتارىيەچى 300 مىڭ يۈەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • پاراۋانلىق لاتارىيە كۈندىلىك خەۋەرى (5-ئاينىڭ 7-كۈنى)

    1970-01-01 08:00

  • تېڭشۈننىڭ يېڭى توخۇ يىيىش ئويۇنى ئۈچ كۈندە 95مىليون يۈەن پۇل تاپقان

    1970-01-01 08:00

  • خۇبېي ئۆلكىلىك جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش نازارىتى نازىرى موللاق ئاتتى

    1970-01-01 08:00

  • رىم بىلەن بولغان مۇسابىقىدە رونالدو قارشى تەرەپ بىلەن توقۇنۇشۇپ قالدى

    1970-01-01 08:00

  • رونالدونىڭ توپ كىرگۈزدى،ئىناۋەتسىز قىلىندى رىم2-يۇۋېىنتۇس 0 (ئىتالىيە بىرلەشمىسى36-ئايلانما)

    1970-01-01 08:00

  • ئانىلاربايرام مۇبارەك!«بال سەدەف»تە ئانىلار بايرىمى مەخسۇس فىلىم

    1970-01-01 08:00

  • ◁ئانىلار بايرىمىدا ئانىلىرىمىزنىڭ يۈرەك سۆزىگە قۇلاق سېلىپ قۇيۇڭ!

    1970-01-01 08:00