• تېڭشۈننىڭ يېڭى توخۇ يىيىش ئويۇنى ئۈچ كۈندە 95مىليون يۈەن پۇل تاپقان

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • تېڭشۈننىڭ يېڭى توخۇ يىيىش ئويۇنى ئۈچ كۈندە 95مىليون يۈەن پۇل تاپقان

    ئەلكۈيى تورى ، ئەلكۈيى سالونى خەۋىرى: سۇمرۇغ ئويۇن قانىلىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، بىر قانچە كۈن بورۇن تېڭشۈن  شىركىتى تۇيۇقسىز« خەتەرلىك جايلاردا ھاياتلىق ئىزدەش: جەڭ مەيدانىغا تۈرتكە بولۇش» 《绝地求生:刺激战场》  نى مەڭگۈلۈك تاقىۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى ھەمدە تېڭشۈن ئويۇن تەتقىقات ئىشخانىسى ئۆزى تەتقىق قىلغان يېڭى تىپتىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسىنى كۆرۈش  ئويۇنى « تىنچلىق سەرخىللىرى» نى  بازارغا چىقاردى.

      « تىنچلىق سەرخىللىرى» 8-ماي ئاندرويد ۋە iOS سۇپىسىغا چىقىرىلىپ سىناق قىلىندى، ھەمدە ئالما يانفۇنى iOS  بازىرىدىكى ھەقسىز ئويۇنلار  ھەقسىز تىزىملىكىدە چۈشۈرۈش سانى جەھەتتە بىرىنچى ئورۇنغا چىقتى. SensorTower سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، « تىنچلىق ئەزىمەتلىرى» ئۆتكەن 72 سائەت ئىچىدە ( يەنى 3 كۈن)  iOS تا ئەڭ پۇل تاپىدىغان بۇ خىل تۈردىكى يانفۇن ئويۇنىغا ئايلانغان.  

    SensorTower مۇنۇلارنى بىلدۈردى: « بىزنىڭ سانلىق مەلۇماتىمىزدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ App Store ئابونتلىرى« تىنچلىق سەرخىللىرى» نى چىقارغان دەسلەپكى ئۈچ كۈن ئىچىدە، 14 مىليون ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 95 مىليون 500 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى، تېزلا 100 مىليون  يۈەنگە چىقىدۇ) خەجلەپ بۇ ئويۇنغا پۇل تۆلىدى، ھەر كۈنى بۇ ئويۇننىڭ كىرىمى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 4 مىليون 700 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 32 مىليون 600 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) غا يەتكەن.  ئۇنىڭدىن بۇرۇن، بىر يىلدىن بورۇنراق تورغا چىقىرىلغان 《绝地求生:刺激战场》 ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقىغا ئېرىشمىگەچكە ، ھېچقانداق مىكرو سودىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان .  بۇ يېڭى ئويۇننىڭ، زوراۋانلىق دەرىجىسى تېخىمۇ تۆۋەن  ، « تىنچلىق سەرخىللىرى»《和平精英》 بولسا ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقلىشىغا ئومۇميۈزلۈك ماسلىشىش ئۈچۈن ياساپ چىقىلغان بولۇپ ،  نەتىجىدە تېڭشۈن شىركىتى  ئويۇن ئىچىدە سېتىۋېلىش ئىجازىتىگە ئېرىشكەن.


     « تىنچلىق سەرخىللىرى»《和平精英》 نىڭ iOS تىكى تىجارەت كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكى تورغا چىقىرىلغان《绝地求生:刺激战场》 تىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتتى.
      SensorTowerنىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، « خەتەرلىك جايلاردا ھاياتلىق ئىزدەش: جەڭ مەيدانىغا تۈرتكە بولۇش» 《绝地求生:刺激战场》 نىڭ ئومۇمىي كىرىمى تەخمىنەن 2 مىليون 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، « تىنچلىق سەرخىللىرى» نىڭ كىرىمى بۇ پۇلنىڭ ئالتە ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشقان.  iOS تىكى باشقا پۇل تېپىش ئىقتىدارى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە بولغان « قورغان كېچىسى» غا سېلىشتۇرغاندا، كېيىنكىسى ئۆتكەن ئۈچ كۈن ئىچىدە تەخمىنەن تۆت مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا پۇل تاپقان.بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى   « تىنچلىق سەرخىللىرى»《和平精英》 نىڭ پۇل تېپىش ئىقتىدارى« قورغان كېچىسى» نىڭ 3.5 ھەسسىسىدىن ئېشىپ كەتكەن.


    مەنبەسى :سۇمرۇغ تورى خەۋىرى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • مەردان مىجىتنىڭ ئەڭ يېڭى سۈرەتلىك ناخشىسى«شەلىرىڭدە ئوينايلى» تارقىتىلدى

    1970-01-01 08:00

  • 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى ئالاھىدە لاتارىيە بېلىتى : «ئەتىرگۈل كېلىشىمى»

    1970-01-01 08:00

  • پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ كۈرۈپ بېقىشن ئويلىغان لاتارىيەچى 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئانا بۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ئامەتلىك قىز 20 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • تەلەي سىناپ باقماقچى بولغان ئامەتلىك لاتارىيەچى بىر مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ياش ھەم كېلىشكەن قازاق يىگىتىگە 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقتى

    1970-01-01 08:00

  • لاتارىيە سېتىۋالسا چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بولامدۇ-يوق؟ لى ئەپەندىم بۇ سوئالغا ياخشى جاۋاب بەردى

    1970-01-01 08:00

  • <قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش> ھەقىقەتەن خۇشاللىققا خۇشاللىق قۇشىدىغان ئۇيۇن!

    1970-01-01 08:00

  • پېشقەدەم لاتارىيەچى 104 يۈەنگە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك مۇكاپاتقا ئېرىشىتى

    1970-01-01 08:00

  • ياش يىگىت تەلەي سىناپ بېقىش ئۈچۈن لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00