• قىسقا ۋىدىئو ساھەسىنىڭ باشلامچىسى خەن كۈن كاتتا مۇكاپاتلاندى

  • يوللىغۇچى : http://alkuyi.com
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-05-24 12:00
  • قىسقا ۋىدىئو ساھەسىنىڭ باشلامچىسى خەن كۈن كاتتا مۇكاپاتلاندى

        ئەلكۈيى تورى ، ئەلكۈيى سالونى خەۋىرى: 5-ئاينىڭ 23-كۈنى تېڭشۈن چىڭتېڭ ئۇنىۋېرسىتېتى چىڭتېڭخۇي ئۇيۇشتۇرغان 2019 تېڭشۈن رەقەملىك ئېكولوگىيە شەخسلىرىنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى يۈننەن كۈنمىڭدا ئاياغلاشتى، سودا ساھەسىدىكى يۈزدىن ئارتۇق رەھبەر،كارخانىچىلار بىر يەرگە جەم بولدى.  نەقمەيداندا كارخانىلارنىڭ ئۈلگىسى، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان كارخانا قۇرغۇچىسى،كىشىلەر تىزىملىكى قۇرغۇچىسى، شان-شەرەپ ياراتقۇچىسى قاتارلىق نۇرغۇن چوڭمۇكاپاتلار ئېلان قىلىندى.

    يى شىيا پەن تېخنىكا قۇرغۇچىسى، قوشۇمچە CEO سى خەن كۈن، شۇۋېن گۇرۇھىنىڭ CEO سى ۋۇ ۋېنخۇي يېڭىلىق يارىتىپ ئىگىلىك تىكلەش ساھەسىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، « شەرەپلىك قۇرغۇچى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

    رەسىمدە: 2019- يىلى تېڭشۈن رەقەملىك ئېكولوگىيە شەخسلىرىنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمدا يىشا  پەن-تېخنىكىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، قوشۇمچە CEO خەن كۈن« شان-شەرەپلىك قۇرغۇچى» مۇكاپاتىغا ئېرىشمەكتە

        ئىگىلىنىشىچە، بۇ مۇراسىم تېڭشۈن بىلەن چىڭ تېڭخۇي بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 2-نۆۋەتلىك شەخسلەر تەنتەنىسى بولۇپ، تېڭشۈن رەقەملىك ئېكولوگىيە ھەمراھىدا كەسىپ ئۆزگىرىشى ۋە دەۋر دولقۇنىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە كارخانىچىلىرىن ىرىغبەتلەندۈرۈش ۋە تەقدىرلەشنى مەقسەت قىلغان، تىزىملىككە كىرگەن كارخانىچىلار،قۇرغۇچىلار 300 دىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ ئۆتكەن ئۈچ يىل ئىچىدە كارخانىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ۋە بازار ئورنى، قۇرغۇچى كەسىپ تۆھپىسى ۋە شەخسىي ئىناۋەت دەرىجىسى، شۇنداقلا شۇغۇللىنىۋاتقان ساھەدىكى يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرلىك ئۈچ نۇقتىنى چىقىش قىلىپ، يېقىنقى ئۈچ يىل ئىچىدە ئېلىمىزنىڭ سودا، پەن-تېخنىكا،مەدەنىيەت جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىش ساھەسىدىكى ئەڭ ئۇزۇن مۇددەتلىككە ئىگە،ئېنىقلىما بېرەلەيدىغان ۋە كەلگۈسىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان قۇرغۇچىلارنى كىرگۈزگەن.

       يىشا پەن-تېخنىكىسى شىركىتى خەن كۈننىڭ باشلامچىلىقىدا، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق ياراتقاندىن بۇيان،秒拍 سېكۇنتلۇق سۈرەتكە ئېلىش، 小咖秀كىچىك كاشيۇ، 一直播بىۋاستە كۆرسىتىش، 波波视频دولقۇن-دولقۇن كۆرۈنمە چاستوتىسى قاتارلىق نۇرغۇن كەسىپلەردە يېڭىلىق يارىتىش مەھسۇلاتلىرىنى يولغا قويۇپ، كۆرۈنمە چاستوتا ئىجادىيىتى، تارقىتىش، ھەمبەھىرلەش  ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە قاتارلىق بىر قانچە ساھەدە ئورتاق مۇلازىمەت قىلىپ، مىليونلىغان ئابونتنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

         قىسقا سىن ساھەسىنىڭ باشلامچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن،秒拍سېكۇنتلۇق سۈرەتكە ئېلىش تېخىمۇ ئۇزاق ۋاقىت كۆچمە كۆرۈنمە چاستوتا ساھەسىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. كۆچمە ۋىدىئو ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىدا،پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ياخشىلىققا ئىنتىلىش ئىدىيەسى بىلەن چولپان، MCN ئاپپاراتى زىچ بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ« مۇز چېلەك رىقابىتى» ، « مېھىر-شەپقەت بىر قاچا تاماق» ، « جان تومۇرىسىزىپ چىقىش» قاتارلىق كۆپ خىل ھادىسە دەرىجىلىك تەسىر كۈچىگە ئىگە يېڭىلىق يارىتىش جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيىتى بارلىققا كەلتۈرۈلۈپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى بېيىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۇپا كۈچى ئارقىلىق ئاكتىپ كۈچ تارقىتىلىدۇ.

     خەنكۈن كۆچمە سىن ساھەسىدە ئۇزاققىچە بەل قويىۋەتمەي تىرىشقان، 2018- يىلى پەن- تېخنىكا ئارقىلىق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، كۆچمە سىن ساھەسىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى قىلىپ، « يۇقىرى سۈپەتلىك قىسقا سىن مەزمۇنى مەھەللىسى» نى كۈچەپ بەرپا قىلدى.

         مۇراسىمدا، يىشا پەن تېخنىكىسىغا  مەبلەغ سالغۇچى، بىرلەشمە قۇرغۇچىسى جاڭ خۇڭيۈ خەن كۇنغا يازغان بىر پارچە خېتىنى  ئوقۇپ ئۆتتى.  ئۇ ئىلگىرىكى خەن كۈن بىلەن ئىگىلىك تىكلەش جەريانىنى ئەسلەپ ئۆتۈپ، ئەڭ دەسلەپكى 2008-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى توردا بىۋاستە كۆرسىتىش ئارزۇسىدىن باشلاپ، يىشىيا پەن-تېخنىكىسىنى بەرپا قىلىشقىچە، ئاندىن秒拍 سېكۇنتلۇق سۈرەتكە ئېلىش، 小咖秀كىچىك كاشيۇ، 一直播بىۋاستە كۆرسىتىش، 波波视频دولقۇن-دولقۇن كۆرۈنمە چاستوتىسى قاتارلىقلارنى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىپ ، يىشا پەن تېخنىكىسى شىركىتىگ ەشان -شەرەپلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتتى،       جاڭخۇڭيۈ نەق مەيداندا مۇنداق دېدى: ئىگىلىك تىكلەشتە ھامان گۇمان پەيدا بولىدۇ،ئىنتايىن جاپالىق ۋاقىتلارمۇ بولىدۇ، ئەمما خەن كۈننىڭ ئادەتتىن تاشقىرى چىڭ تۇرۇشى كۆپچىلىكنى ئويۇشتۇرۇشتىكى كۈچكە ئىگە قىلدى. 

    خەن كۈن ئىگىلىك تىكلەش ھەمراھى ۋە يېقىن دوستىغا رەھمەت ئېيتتى.  ئۇنىڭ قارىشىچە،ياخشى دەۋر ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش، بەرپا قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان.


    مەنبەسى :一下科技





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك