• غۇلجا ۋە قەشقەر ئايرودرومى مەملىكەت بويىچە كاتتا شان-شەرەپكە ئېرىشتى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • غۇلجا ۋە قەشقەر ئايرودرومى مەملىكەت بويىچە كاتتا شان-شەرەپكە ئېرىشتى


    ئەلكۈيى تورى ، ئەلكۈيى سالونى تەرجىمىسى : يېقىندا، « مۇلازىمەت سۈپىتى، ئەقىل-پاراسىتى باشلىنىش» تېمىسىدىكى 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئايرودۇرۇم مۇلازىمەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، يىغىندا« 2018-يىللىق جۇڭگو پۇقرالار ئايرودۇرۇمى مۇلازىمەت سۈپىتىنى باھالاش دوكلاتى» ئېلان قىلىندى. 

    ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى  غۇلجا ۋە قەشقەر ئايرودرومى ئايرىم-ئايرىم ھالدا دۆلەت ئىچىدىكى باھالاشقا قاتناشتۇرۇلغان 32 ئايرودروم ئىچىدە بىرىنچى ۋە ئىككىنچى بولۇشتەك ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىپ، « 2018- يىللىق مۇنەۋۋەر ئايرودروم» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 

    ئىگىلىنىشىچە، بۇ شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمىنىڭ تۇنجى قېتىم مەملىكەت بويىچە مۇلازىمەت سۈپىتى مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى ئىكەن.

      شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى« يولۇچىلارنىڭ ئېھتىياجى بىزنىڭ مۇلازىمەت نىشانىمىز» نى يېتەكچى قىلىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىچكى تەكشۈرگۈچىلەر قوشۇنى قۇرۇپ، باھالاش لايىھەسىنى تۈزۈپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئىچكى قىسىمدا باھالاش، ئۆزىنى تەكشۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى قانات يايدۇردى.

      غۇلجا، قەشقەر ئايروپورتلىرى مۇلازىمەت سۈپىتىنى باھالاش كۆرسەتكۈچىدىن پايدىلىنىپ، نىشان ئوخشاش دەرىجىدىكى ئايروپورتقا قارىتا، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كۆپ قېتىم ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، قايتا تەكشۈردى؛ ئادەم كۈچى، ئۈسكۈنە، مەبلەغ قاتارلىق جەھەتلەردە ئومۇميۈزلۈك مەبلەغ سېلىپ، ئىنچىكە ھالقىلاردىن باشلاپ، تۈزىتىش تەلىپىنى بىرمۇ بىر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈردى. 


    مۇخبىرنىڭ غۇلجا ئايرودۇرۇمىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ئايرودۇرۇم ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنىڭ يول يۈزىنى قايتىدىن ياتقۇزۇش، گۈللۈكنى كۆپەيتىش، كۆزگە چېلىقىدىغان يېتەكلەش بەلگىسى ياساش، ئەمالار يولى ئورنىتىش، كۆۋرۈك تۇتقۇچى ئورنىتىش، مەدەنىيەت كارىدورى ۋە مەدەنىيەت تېمى قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەت كەمتۈكلۈكىنى تولۇقلاپ، ماھىيەتلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگەن. 

    جۇڭگو ئايرودۇرۇم مۇلازىمەت سۈپىتىنى باھالاش بويىچە« مۇنەۋۋەر ئايرودۇرۇم» شەرىپىگە ئېرىشىش ھەم يېڭى بۆسۈش، ھەم يېڭى خىرىستىن دېرەك بېرىدۇ. 

    شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى ئايرودۇرۇم مۇلازىمىتى خىزمىتىنىڭ ئورنىنى يەنىمۇ توغرا تېپىپ، ئەقىل-پاراسەت تېخنىكىسىنى قوللىنىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يولۇچىلار كۆڭۈل بۆلىدىغان ئايرودۇرۇم مۇلازىمىتى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى يەنىمۇ ياخشى ھەل قىلىپ، « توققۇز تۈرلۈك خەلققە قولايلىق يارىتىش تەدبىرى» نى سىجىل چۆرىدەپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ پۇختا تەدبىر، تېخىمۇ ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىنى تېخىمۇ بىخەتەر، قولايلىق، تېخىمۇ تېز قىلىدۇ.

    مەنبەسى :ئاسىيا كىندىكى تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • مەردان مىجىتنىڭ ئەڭ يېڭى سۈرەتلىك ناخشىسى«شەلىرىڭدە ئوينايلى» تارقىتىلدى

    1970-01-01 08:00

  • 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى ئالاھىدە لاتارىيە بېلىتى : «ئەتىرگۈل كېلىشىمى»

    1970-01-01 08:00

  • پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ كۈرۈپ بېقىشن ئويلىغان لاتارىيەچى 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئانا بۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ئامەتلىك قىز 20 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • تەلەي سىناپ باقماقچى بولغان ئامەتلىك لاتارىيەچى بىر مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ياش ھەم كېلىشكەن قازاق يىگىتىگە 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقتى

    1970-01-01 08:00

  • لاتارىيە سېتىۋالسا چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بولامدۇ-يوق؟ لى ئەپەندىم بۇ سوئالغا ياخشى جاۋاب بەردى

    1970-01-01 08:00

  • <قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش> ھەقىقەتەن خۇشاللىققا خۇشاللىق قۇشىدىغان ئۇيۇن!

    1970-01-01 08:00

  • پېشقەدەم لاتارىيەچى 104 يۈەنگە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك مۇكاپاتقا ئېرىشىتى

    1970-01-01 08:00

  • ياش يىگىت تەلەي سىناپ بېقىش ئۈچۈن لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00