• ئۈرۈمچى بۇ ھەپتە ياز پەسلىگە كىرىدۇ،كەلگۈسى ئۈچ كۈندە شىنجاڭنىڭ ھاۋارايى مۇنداق بولىدۇ

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-06-03 10:48
  • ئۈرۈمچى بۇ ھەپتە ياز پەسلىگە كىرىدۇ،كەلگۈسى ئۈچ كۈندە شىنجاڭنىڭ ھاۋارايى مۇنداق بولىدۇ

    ئەلكۈيى تورى ، ئەلكۈيى سالونى تەرجىمىسى : 5-ئاي ئۆتۈپ كەتتى، ئۈرۈمچى 6-ئاي كىرگەندىن كېيىن، ياز پەسلى يېتىپ كەلدى.

      مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، دۈشەنبە كۈنى ياغقان يامغۇر تېمپېراتۇرىغا ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن، بۇ ھەپتە ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئوچۇق بولىدىكەن، ئاساسىي شەھەر رايونىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا كۆپىنچە 27 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولىدىكەن، تۆۋەن تېمپېراتۇرا 18 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولىدىكەن. 

      ھەپتە ئىچىدە، ئۈرۈمچىدە ئۇدا بەش كۈن ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا 20 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولغان ياز كىرىش ئۆلچىمىگە يېتىپ، ياز پەسلىگە رەسمىي كىرىدۇ.

      ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن ھەپتە ئاخىرىدا، يازنىڭ پۇرىقى ھەممە يەرنى قاپلىدى.  

    شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، ئاساسىي شەھەر رايونىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئومۇميۈزلۈك ℃28 ئەتراپىدا بولۇپ،  شەرقىي ۋە شىمالىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃30 تىن ئاشىدىكەن. 

      شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدىمۇ تېمپېراتۇرا ئۆرلەش ۋەزىيىتى ساقلىنىپ، تۇرپاندا بىر مەھەل تېمپېراتۇرا ℃40 تىن ئاشىدىكەن.

      بۇ ھەپتە كىردى، گەرچە سوغۇق ھاۋا ئېقىمى بولسىمۇ، لېكىن تېمپېراتۇرا كۈچلۈك تۆۋەنلىمەيدۇ، شەھەر ئاھالىلىرى يەنە بىر قېتىم كۈزلۈك ئىشتان كىيىشىدىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ. 

      شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالدىن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچىدە دۈشەنبە كۈنى ئازراق يامغۇر يېغىپ بۇلۇتلۇق بولىدىكەن، جۈمە كۈنىنىڭ ئالدى كەينىدە يامغۇر كېلىشى مۇمكىن، سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ كۈچى ئاجىز بولغاچقا، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش دائىرىسى بىر قەدەر كىچىك بولىدىكەن.

      ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، بۇ ھەپتە ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئوچۇق بولىدىكەن، ئاساسىي شەھەر رايونىدا كۈندۈزى يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃27 دىن يۇقىرى بولىدىكەن، ئەتىگەن ۋە كەچتە تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃18 ئەتراپىدا بولىدىكەن. 

      ھاۋا رايى ئۆلچىمىگە ئاساسلانغاندا، ئۇدا بەش كۈن ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ℃20 دىن يۇقىرى بولسا ھەمدە كېيىنكى مەزگىلدە كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىمىسە، ياز پەسلىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

     نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرىسى 20 سېلسىيە گرادۇستىن يۇقىرى بولۇپ، بۇ ھەپتە تېمپېراتۇرا داۋاملىق ئۆرلەيدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ ھەپتە ياز پەسلى رەسمىي يېتىپ كېلىدۇ.

      ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە قارىغاندا، كەلگۈسى ئۈچ كۈندە شىمالى شىنجاڭنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا ھۆل ـ يېغىن كۆپ بولۇپ، قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر ياغىدىكەن.  جەنۇبىي شىنجاڭ بولسا دائىرىسى بىر قەدەر چوڭ بولغان چاڭ ـ توزان جەريانىنى كۈتۈۋالىدۇ. 

      ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى قارا يامغۇردىن كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش ۋە قۇم بوران سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چىقىرىپ، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئاممىنىڭ ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىشىنى ئەسكەرتتى.

    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك