• 5G مۇشۇ ئايدا ياكى 8-ئايدا رەسمىي بازارغا چىقىدىكەن،باھاسى4Gدىن تۆۋەن بۇلىدىكەن

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-06-04 11:32
  • 5G مۇشۇ ئايدا ياكى 8-ئايدا رەسمىي بازارغا چىقىدىكەن،باھاسى4Gدىن تۆۋەن بۇلىدىكەن

    ئەلكۈيى تورى ، ئەلكۈيى سالونى تەرجىمىسى: كەسىپ ئەھلىلىرى مۇنداق دېدى:5G سودا نومۇر تاختىسى ئەڭ تېز بولغاندا مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە تارقىتىلىدۇ، ئىككى ئايدىن كېيىن 5G ھەققى يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى ئېلان قىلىنىدۇ، باھاسى 4G يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى يۇقىرى ئەمەس، لېكىن 5G ئابونېتلىرىنىڭ كۆپ بولغان نىسبىتىنى كېلەر يىلى كۆرگىلى بولىدۇ.

      2019-يىلى رەسمىي 5G نىڭ تۇنجى يىلىغا تەڭشەلدى.

      3-ئىيۇن، سانائەت-ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى يېقىندا 5G لىق سودىدا ئىشلىتىلىدىغان نومۇر تاختىسىنى تارقىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
      سانائەت-ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى ئاشكارا بىلدۈردى: ئېلىمىزدە 5G سودا ئاساسى ھازىرلاندى.  يېقىندا، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى 5G سودا نومۇر تاختىسىنى تارقىتىدۇ، ئېلىمىز 5G سودا تۇنجى يىلىغا رەسمىي كىرىدۇ.
      كەسىپ ئەھلىلىرى« ئاكسىيە گېزىتى» نىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى:5G سودا نومۇر تاختىسى ئەڭ تېز بولغاندا مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە تارقىتىلىدۇ، ئىككى ئايدىن كېيىن 5G ھەققى يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى ئېلان قىلىنىدۇ، باھاسى 4G يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى يۇقىرى ئەمەس، لېكىن 5G  ئىشلەتكۈچىلەر سانىنىڭ  شىددەت بىلەن ئېشىشىغا قارايدىغان كۈنلەر بولسا كېلەر يىلىغا  ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ.

      8-ئايدا 5G يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى باشلنىدۇ. 

    خەۋەرلىشىش كەسپىنىڭ كۆزەتكۈچىسى شياڭ لىگاڭ« ئاكسىيە گېزىتى» نىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: ئېلىمىز ئۈچ چوڭ تىجارەت سودىگەرلىرىگە ئۈچ پارچە 5G نومۇر تاختىسى تارقاتقاندىن كېيىن، دۆلەت ئىچىدە ئۈچ پارچە 5G تورى بەرپا قىلىدۇ، ئۈچ يىل ئىچىدە ئاساسىي پونكىتنىڭ 3 مىليوندىن ئېشىشىدىن ئۈمىد بار، بەش يىل ئىچىدە ئاساسىي پونكىتنىڭ 6 مىليونغا يېتىشىدىن ئۈمىد بار.  "بۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ 3دانە 5G تورى بولۇپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ 5G تەرەققىيات سۈرئىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ. 


    شياڭ لىگاڭنىڭ قارىشىچە، ئېلىمىزدە 5G تورى تېز قۇرۇلۇپ، دۇنياغا ئۈلگە كۆرسىتىش ئۈنۈمى ھاسىل بولۇپ، دۇنيا مىقياسىدا سۈرئەتنى تېزلىتىدىكەن ۋە 5G قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى دولقۇنىنى قوزغىيالايدىكەن، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ بۇ توسۇشنى بۇزۇپ تاشلاپ، دۇنيا مىقياسىدا ئەۋزەل ئورۇنغا ئېرىشىشىگە ياردەم بېرىدىكەن. 


    5G سودا نومۇر تاختىسىنىڭ رەسمىي تارقىتىلغان ۋاقتىغا كەلسەك، شياڭ لىگاڭ« بۇ ھەپتە بولۇشى مۇمكىن» دەپ قارىدى.


      5G نىڭ قاچان ئادەتتىكى ئاممىغا نەپ يەتكۈزىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغاندا، ئۇ 1يىلدىن 3يىلغىچە ۋاقىت كېتىدۇ دەپ قارىدى. 

    تېلېگراف ئانالىزچىسى فۇ لياڭ يەنە« ئاكسىيە گېزىتى» نىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: مۆلچەرلىنىشىچە، 5G سودا نومۇر تاختىسى مۇشۇ ئايدا رەسمىي تارقىتىلىدىكەن، شۇنىڭدىن كېيىن 5G ھەققى يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى ياكى  نومۇر تاختىسى تارقىتىلغاندىن كېيىنكى ئىككى ئايدا، يەنى 7- ئايدا ياكى 8- ئايدا رەسمىي يولغا قويۇلىدىكەن. 


    5G  يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىنىڭ باھاسى نۆۋەتتىكى 4G يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىدىن يۇقىرى بولمايدۇ. 


    فۇ لياڭ مۇنداق دەپ قارىدى:5G يۈرۈشلۈك ھەققى ياكى 2خىل شەكىلدە بولۇپ، بىر خىلى بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى 4G يۈرۈشلۈك ھەققىنى ئىشلىتىپ، يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت ئىچىدىكى ئېقىم مىقدارىنى 5G ئېقىم مىقدارىغا ئايلاندۇرۇش؛ يەنە بىر خىلى ئابونتلار ئۈچۈن نۆۋەتتىكى 4G يۈرۈشلۈك ھەققىنى داۋاملىق ئىشلىتىش بولۇپ، مۇشۇ ئاساستا بىر قىسىم 5G ئېقىم مىقدارى سوۋغا قىلىنىدۇ.


      فۇ لياڭنىڭ قارىشىچە، مەيلى تىجارەت ئورۇنلىرى قايسى خىل ئۇسۇلنى قوللانسۇن، ئۇلار دۇچ كەلگەن تىجارەت بېسىمى ئېشىپ كېتىدۇ. 


    5G قۇرۇلۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، تىجارەت ئورۇنلىرى بىر قەدەر زور مەبلەغ سالدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 5G ئابونتلىرى تېخى كۆلەملەشمىدى، شۇڭا 5G سېگنالى تىجارەت سودىگەرلىرىگە نىسبەتەن تەننەرخى تېخىمۇ يۇقىرى. 


    ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، 5G دىن ھەقىقىي نەپ ئېلىش ئۈچۈن يەنە بىر مەزگىل ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ.  5G تورنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى بىر تەدرىجىي جەريان، مۇكەممەل كۆچمە تور قۇرۇش ئۈچۈن ئادەتتە نەچچە يىل ۋاقىت كېتىدۇ.


      تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ كەسىپكارلىرى« ئاكسىيە گېزىتى» نىڭ مۇخبىرىغا «بۇ يىل 5G ئابونتى سانىنىڭ  كۆپىيىشى ھەقىقەتەن تەس» دېدى.


     فۇ لياڭنىڭ قارىشىچە، كېلەر يىلى 1-پەسىلدە 5G يانفوننىڭ باھاسى تېخىمۇ ئەرزان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

    مەنبەسى :تېڭشۈن





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك