• مائارىپ مىنىستىرلىقى:بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىرىدىغانلار10 مىليون 310 مىڭ

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-06-05 10:54
  • مائارىپ مىنىستىرلىقى:بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىرىدىغانلار10 مىليون 310 مىڭ

    ئەلكۈيى تورى ، ئەلكۈيى سالونى تەرجىمىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا دۆلەت مائارىپ بىر تۇتاش ئىمتىھان خىزمىتى مىنىستىرلىقلار ئارا بىرلەشمە يىغىنىغا ئەزا ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە تۈرلۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ئىمتىھان بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئىمتىھان مۇھىتىنى تۈزەش، ئىمتىھان ئىستىلىنى تۈزەش ۋە ئىمتىھان ئىنتىزامىنى تەرتىپكە سېلىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان خىزمىتىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم، ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىشقا تەييارلاندى. 

      2019-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار 10 مىليون 310 مىڭ (ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرگە كۆپەيتىپ قوبۇل قىلىنىدىغان، تولۇقلاپ تىزىملاتقانلار بۇنىڭ سىرتىدا) بولىدۇ. 

    مائارىپ تارماقلىرى دۆلەت مائارىپ بىر تۇتاش ئىمتىھانى خىزمىتى مىنىستىرلىقلار ئارا بىرلەشمە يىغىنىغا ئەزا ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە تۈرلۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ئىمتىھان بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، ئىمتىھان مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئىمتىھان ئىستىلىنى تەرتىپكە سېلىپ، ئىمتىھان ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان خىزمىتىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم، ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى. 

    ئىمتىھان بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. 

    مائارىپ مىنىستىرلىقى جايلاردىن پۈتۈن جەرياننى قاتتىق تەكشۈرۈپ، قەغەز ياساش، توشۇش، ساقلاش، تارقىتىش، ئىمتىھان ئېلىش، ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق پۈتۈن جەرياننى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئىمتىھان سوئالىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.  جايلاردىكى مائارىپ تارماقلىرى مەخپىيەتلىكنى ساقلاش تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئىشخانىسى قاتارلىق نۇقتىلىق ئورۇنلارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، ئىش ئورنىنى كۆپ كونترول قىلىش، ئادەم تېخنىكا بىرلەشمە مۇداپىئەسى قاتارلىق چارىلەرنى قوللىنىپ، تۈرلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلدى. 

    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جايلار جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئىمتىھان ئالدىدىكى« تور تارتىش شەكلىدىكى» بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، ئىمتىھان نۇقتىسى ۋە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار مەركەزلەشكەن سورۇنلارنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە خىزمەتچى خادىملارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى.  

    ئىمتىھاندا كۆز بويامچىلىق قىلىشقا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. 

    جايلاردىكى مائارىپ تارماقلىرى شۇ ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) لىك دۆلەت مائارىپ بىر تۇتاش ئىمتىھانى خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنىغا ئەزا ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە بىرلەشمە مۇداپىئە كۆرۈش، بىرلىكتە كونترول قىلىش، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇش خىزمەت مېخانىزمىنى ئورناتتى.

      5-ئايدىن باشلاپ، « ساختىلىق قىلىشقا زەربە بېرىش سايمانلىرى» ، « ئىمتىھان تور مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇش» ، « ئىمتىھان نۇقتىسى ئەتراپىدىكى مۇھىتنى ساپلاشتۇرۇش» ، « باشقىلارنىڭ ئورنىدا ئىمتىھان بېرىپ ساختىلىق قىلىشقا زەربە بېرىش» قاتارلىق تۆت مەخسۇس ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇپ، كۆچۈرمىچىلىك قىلىش سايمانلىرىنى ئېلىپ سېتىش، ناچار ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىش، ئىمتىھان بېرىشكە ياردەم بېرىشكە تەشكىللەش، قانۇنسىز ئادەم قوبۇل قىلىش» قاتارلىق ئىمتىھان بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، ئىمتىھان تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان، قانۇنسىز مەنپەئەتكە ئېرىشىشتەك قىلمىشلارنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ، بىر تۈركۈم جىنايەت شايكىلىرىنى قانۇن بويىچە بىتچىت قىلدى. 

    ئىمتىھان مەيدانىنى باشقۇرۇش تەرتىپىنى چىڭىتىش كېرەك. 

    بۇ يىل جايلار ئىمتىھان نۇقتىلىرىغا بېرىپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر خىل تەكشۈرۈش ۋاستىلىرىنى پائال قوللىنىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ يۇقىرى پەن تېخنىكىلىق كۆچۈرمىكەشلىك قوراللىرىنى ئېلىپ ئىمتىھان مەيدانىغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، كۆپ خىل كىنىشكا سېلىشتۇرۇش، ئادەم بىلەن ماشىنىنى سېلىشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئورنىغا ئىمتىھان بېرىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئالىدۇ.  

    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جايلاردىكى مائارىپ تارماقلىرى دەرىجىمۇ دەرىجە، بارلىق خادىملار ئىمتىھان بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالاپ، ئىمتىھان نازارەتچىلىرىنىڭ قانۇن ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە خىزمەت ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈردى. 

    ئىمتىھاندا سەمىمىي بولۇش تەربىيىسىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. 

    جايلاردىكى مائارىپ تارماقلىرى ئىمتىھاندىن بۇرۇن« سەمىمىي ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى» تەربىيە پائالىيىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، « جىنايى ئىشلار قانۇنى» (تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن 9) ۋە« مائارىپ قانۇنى» دىكى ئىمتىھانغا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جازا ماددىلىرىنى نۇقتىلىق تەشۋىق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئىمتىھاندا كۆز بويامچىلىق قىلىش ئۈستىگە ئالىدىغان ئېغىر ئاقىۋەتنى بىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. 

    شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىجابىي جامائەت پىكرى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، « سەمىمىي بولۇش، قانۇنغا رىئايە قىلىش شەرەپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ كۆز بويامچىلىق قىلىش نومۇس» تەك ياخشى كەيپىياتنى پائال بەرپا قىلىش كېرەك. 

    جايلاردىكى مائارىپ تارماقلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى پاش قىلىش تېلىفونىنى داۋاملىق ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ. 

    ئىمتىھان مۇلازىمىتى كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. 

    جايلار ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قاتناش، شاۋقۇن تىزگىنلەش، سەھىيە، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇنىۋېرسال كاپالەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى خاتىرجەم، ئازادە مۇھىتتا ئىمتىھانغا قاتناشتۇرۇش كېرەك.  بىر قىسىم ئۆلكىلەر قارا يامغۇردىن مۇداپىئە كۆرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا كاپالەتلىك قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىپ تۈزدى.

    مەنبەسى :تېڭشۈن تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك