• ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدە قاتناش ساقچىلىرى قولايلىق يارىتىدۇ

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-06-05 10:05
  • ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدە قاتناش ساقچىلىرى قولايلىق يارىتىدۇ

    ئەلكۈيى تورى ، ئەلكۈيى سالونى خەۋىرى: 2019-يىللىق مەملىكەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىر تۇتاش ئىمتىھانى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ« ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى» دېيىلىدۇ) 6-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە ئېلىنىدۇ. 

     تۈنۈگۈن مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قاتناش ساقچىلىرى ئەتىگەن سائەت 7 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە پۈتۈن خادىملار ئىشقا چىقىپ، ئىمتىھان نۇقتىسى ۋە ئەتراپتىكى يوللارنىڭ راۋان، تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن. 

     بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئۈرۈمچىدە جەمئىي 37 ئىمتىھان نۇقتىسى تەسىس قىلىندى.

      ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قاتناش ساقچىلىرى تەۋەلىكىدىكى ئىمتىھان نۇقتىلىرى ئەتراپىنىڭ قاتنىشىنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يول باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئادەم، ئىش ئورنى، مەسئۇلىيەتنى بېكىتىش تەلىپى بويىچە، خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يوچۇقسىز جىپسىلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ .

     37 ئىمتىھان نۇقتىسى، 37 يول باشلىقى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئىمتىھان بېرىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ ئىمتىھان مەيدانىغا ئوڭۇشلۇق يېتىپ بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلدى ھەمدە مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش ئاپتوموبىلى ۋە موتسىكىلىتىنى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

      ئىمتىھان مەزگىلىدە، شەھەر ئاھالىلىرى قاتناش قىستاڭچىلىقى، لىنىيە پىششىق بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئۇچرىسا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى قوماندانلىق مەركىزىگە تېلېفون قىلىپ ياردەم تەلەپ قىلسا بولىدۇ:

    4801773-0991

     قوماندانلىق مەركىزى بىرىنچى بولۇپ يېقىن ئەتراپتىكى ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىلىرىنى دەرھال نەق مەيدانغا كېلىپ ياردەم بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرىدۇ. 

     كوچىغا يېقىن شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى گۇاڭخۇا يولى، شەھەرلىك 20-ئوتتۇرا مەكتەپ ئەتراپىدىكى پاراۋۇز شەھىرى كوچىسى، شەھەرلىك 70-ئوتتۇرا مەكتەپ ئەتراپىدىكى نەنۋېي يولى، پىداگوگىكا  شۆيۈەنى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپى ئەتراپىدىكى يىنچۇەن يولىدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە باسقۇچلۇق قاتناش باشقۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ: ئىمتىھان باشلانغاندا قاتناشقا چەك قويۇلىدۇ، ئىمتىھان ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئاپتوموبىللار تەرتىپلىك يول قويۇلىدۇ.

      ئىمتىھان مەيدانى ئەتراپىدىكى 200 مېتىر ئارىلىقتا ئاپتوموبىل توختىتىش مەنئى قىلىنىدۇ (كىنىشكىسى بار سىمسىز تېلېگراف تەكشۈرۈش ئاپتوموبىلى قاتناشقا تەسىر يەتكۈزمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئىمتىھان نۇقتىسى ئەتراپىدىكى مۇۋاپىق ئورۇنغا توختىتىپ قويۇشقا قوماندانلىق قىلسا بولىدۇ).

      ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىلنى دەرھال توختىتىش، قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ يىغىلىپ قېلىشى، قىستاڭچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. 

     ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قاتناش ساقچىلىرى ئوقۇغۇچىلارغا راۋان، ئىناق ئىمتىھان مۇھىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، بۈگۈندىن باشلاپ ئىمتىھان نۇقتىلىرى ئەتراپىدىكى يول ئىگىلەپ ئاپتوموبىل توختىتىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە، خالىغانچە گۈدۈك چېلىپ، پىيادىلەرگە يول بەرمەسلىك قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىدۇ. 

     ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قاتناش ساقچىلىرى ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارغا ئىمتىھان مەيدانىنى ئالدىن كۆرۈش، ئىمتىھان يولىنى ئالدىن پىلانلاش، تۈرلۈك ئىمتىھان سايمانلىرى ۋە كىنىشكىلىرىنى تولۇق ئېلىپ بېرىشنى ئەسكەرتتى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قاتناش ساقچىلىرىمۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يول يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشقا تىرىشىدۇ.

    مەنبەسى :ياشىن تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك