• فەن بىڭبىڭ سۈرەت ھوقۇقىغا ئ‍ەرز قىلىپ250مىڭ تەلەپ قىلدى،70مىڭ يۈەنگە ئېرىشتى

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • فەن بىڭبىڭ سۈرەت ھوقۇقىغا ئ‍ەرز قىلىپ250مىڭ تەلەپ قىلدى،70مىڭ يۈەنگە ئېرىشتى

    بۇ ھۆكۈمنامىگە قارىغاندا، فەن بىڭبىڭ بۇ قېتىمقى سۈرەت ھوقۇقى ماجىراسى دېلوسىدا ئۇتۇپ چىققان، لېكىن دەسلەپتە ئۈمىد قىلىپ ئېرىشكمەكچى بولغان تۆلەم 250 مىڭ يۈەنگە سېلىشتۇرغاندا، ئاخىرىدا فەن بىڭبىڭ پەقەت 70 مىڭ يۈەن تۆلەمگە ئېرىشكەن.


    ئەلكۈيى تورى ، ئەلكۈيى سالونى خەۋىرى :بېيجىڭ سوت مەھكىمىسى سوت ئۇچۇر تورى چاڭشا ۋاڭفۇجىڭ تۈرلۈك ماللار چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن فەن بىڭبىڭ سۈرەت ھوقۇقى ماجىراسى 2-سوت ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسىنى ئاشكارىلىدى. 

    ئىگىلىنىشىچە، چاڭشا ۋاڭفۇجىڭ شىركىتى جامائەت سۇپىسىدا  فەن بىڭبىڭنىڭ كىنو فىلىم سۈرىتىنى ئىشلىتىپ، ئۆزىنىڭ تاۋارلىرىنى سېتىشنى كېڭەيتىشكە ئىشلەتكەن، نەتىجىدە جاۋابكار سوتقا چىقىپ، بىرىنچى سوتتا ھۆكۈم چىقارغاندىن كېيىن، جاۋابكار تەرەپ بىرىنچى سوتنىڭ ھۆكۈمىگە قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سەھنە سۈرىتى فەن بىڭبىڭنىڭ سۈرەت ھوقۇقى ماجراسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەمەس، ئارتىسلارنىڭ سۈرەتنىڭ ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىش قىلماسلىقنى قارار قىلىش ھوقۇقى يوق دەپ ، شۇڭا سوت مەھكىمىسىدىن بىرىنچى سوتنىڭ ھۆكۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

      فەن بىڭبىڭ بولسا بىرىنچى سوتتا ھۆكۈم چىقىرىشىغا قوشۇلغان ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جاۋابكارنىڭ نارازىلىق ئەرزى سۇنۇش پىكرىگە قوشۇلمىدى، جاۋابكاردىن« قانۇنچىلىق گېزىتى» دە ئۇدا بىر ئاي ئاشكارا ناماقۇل بولۇشنى، ھەمدە 250 مىڭ يۈەن ئىقتىسادىي زىياننى تۆلەپ بېرىشنى، روھىي زىيان 20 مىڭ يۈەن، ھوقۇقنى قوغداش تەننەرخى 3000 يۈەن بولۇشنى تەلەپ قىلدى. 

    ئەڭ ئاخىرىدا سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقىرىپ، جاۋابكارنىڭ فەن بىڭبىڭغا ئۇدا ئۈچ كۈن ئاشكارا ناماقۇل بولۇشىنى تەلەپ قىلدى، ھەمدە 7 كۈن ئىچىدە 70 مىڭ يۈەن ئىقتىسادىي زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى، ئەمما فەن بىڭبىڭ تەرەپ تەلەپ قىلغان 20 مىڭ يۈەن روھىي زىياننى سوت مەھكىمىسى رەت قىلدى.

    مەنبەسى :سىنا





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • شىنجاڭ يېڭى تاجىسىمان ۋىروسنى تەكشۈرۈش ھەققىنى 160يۈەنگە تەڭشىدى

    1970-01-01 08:00

  • ئامما بىلەن بىرگە يەپ ، بىرگە تۇرۇپ ، بىرگە ئەمگەك قىلىپ ئامما ئارىسىغا چۈكۈش

    1970-01-01 08:00

  • ﺑﻪزﯨﻠﻪر لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺳﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎزلا ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪا ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺑﯧﻠﯩﺘﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟاﻟﯩﺪۇ، بۇ قانداق ئىش؟

    1970-01-01 08:00

  • توغرا ! مەن ئۇنىڭغا لاتارىيە بېلىتى سوۋغا قىلاي !

    1970-01-01 08:00

  • مەن ئىشىنىمەن ئىتتىپاقلىق كۈچ ، بىز يەنە كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشەلەيمىز

    1970-01-01 08:00

  • پاراۋانلىق لاتارىيە بىزگە ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقلار

    1970-01-01 08:00

  • تۆۋەندە بۇ تۆت خىل دو تىكىش ئۇسۇلىنى لاتارىيەچىلەرگە تونۇشتۇرىمىز

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى لاتارىيە سېتىش نوقتىلىرى يۇقۇمغا پائال قارشى تۇردى

    1970-01-01 08:00

  • ئامەت كەلدى ! ئامەت كەلسە ، قانداق نۇمۇر ئېلىڭ ئوخشاش مۇكاپات چىقىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • پارۋانلىق لاتارىيەسى زىمىستان سۇغۇق قىشتا سىزگە ئىللىقلىق ئېلىپ كەلدى

    1970-01-01 08:00