• خانلىق مادىرىد ئورگان تەرەپ:خازارد خان مادىرىدقا رەسمىي قوشۇلدى،توختام ۋاقتى2024-يىلىغىچە

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-06-08 11:09
  • خانلىق مادىرىد ئورگان تەرەپ:خازارد خان مادىرىدقا رەسمىي قوشۇلدى،توختام ۋاقتى2024-يىلىغىچە

    ئەلكۈيى تورى ، ئەلكۈيى سالونى تەرجىمىسى : بېيجىڭ ۋاقتى بۈگۈن سەھەردە، خانلىق مادرىد ئورگان تەرەپ چېلسى توپچىسى خازاردنىڭ كوماندىغا قوشۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى، ئارقىدىن چېلسىمۇ ئورگان تەرەپنىڭ بۇ يۆتكىلىشنى جاكارلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئىككى تەرەپ 2024-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە توختام ئىمزالىدى. 

    BBC قاتارلىق ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خازاردنىڭ خانلىق مادرىد كوماندىسىغا قوشۇلغان يۆتكىلىش ھەققىگە ھەر خىل قوشۇمچە ھەقلەر قوشۇلۇپ جەمئىي 130 مىليون فوندستېرلىڭ بولۇپ، ھەپتىلىك مائاشى 400 مىڭ فوندستېرلىڭغا يەتكەن. 


    گېرمانىيە يۆتكىلىش بازىرىنىڭ ئۇنىڭ يۆتكىلىش ھەققىگە قويغان باھاسى بولسا 100 مىليون ياۋرو. 

    خانلىق مادرىد ئورگان تەرەپ ئۇقتۇرۇشىدا: خانلىق مادرىد بىلەن چېلسى خازاردنىڭ يۆتكىلىش ئىشىدا بىردەكلىككە كەلگەن، ئىككى تەرەپ بەش يىل توختام ئىمزالىغان.  خازارد 6-ئاينىڭ 13-كۈنى سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ، بېرنابۇ پۇتبول مەيدانىدا نامايەن بولىدۇ. 


    يېقىنقى ئىككى يىللىق يۆتكىلىش مەزگىلىدە، خازاردنىڭ خانلىق مادرىد بىلەن بولغان ئالاقىسى ئىزچىل زىچ بولۇپ كەلدى، بولۇپمۇ بۇ يىل، خازارد كۆپ قېتىم زىيارەت جەريانىدا ئۆزىنىڭ چېلسىدىن ئايرىلىپ« بالىلىق چاغلىرىدىكى ئارزۇدىكى كوماندا» خانلىق مادرىد قا قوشۇلۇش ھەققىدە بېشارەت بەردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە زىدانى خازاردنىڭ مەبۇدىسى بولۇپ، بېلگىيىلىكلەرنى ئاق كىيىملىك قوشۇن قۇرۇشقا تېخىمۇ قىزىقتۇردى. 

    بۇ يىل چېلسىغا ياردەملىشىپ ياۋروپا ئىتىپاق لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، خازارد بىۋاستە مۇسابىقىدىن كېيىن زىيارەت قىلىپ: « بۇ ۋاقىت ئۆزگەردى» دېدى، لېكىن يېقىنقى بىر نەچچە كۈندە ئىسپانىيە ۋە ئەنگىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ يۆتكىلىش خەۋىرى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، ھەممە ئىش بېكىتىلىپ بولدى دىيىشتى، يەنە تېخى كېلەر ھەپتە ئاندىن ئورگان تەرەپ  تەشۋىق قىلىدۇ دېگەن گەپمۇ چىقتى .

      6-ئاينىڭ 8-كۈنى سەھەردە، خانلىق مادرىد ئورگان تەرەپ ئاخىرى بۇ ئېغىر يۆتكۈلۈشنى مۇقىملاشتۇردى.

     خازارد كەسپىي ھاياتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش


      خازارد 2005-يىلى لىئېرغا قوشۇلغان بولۇپ، 2007-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئۇ 16 يېشىدا  فىرانسىيە بىرلەشمىسىنىڭ مۇسابىقىسىدە زاپاس ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىققان.  2010-11 مۇسابىقە پەسلىدە خازارد لىئېرغا ياردەملىشىپ فىرانسىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن.  2012-يىلى 6-ئايدا خازارد چېلسى كۇلۇبىغا يۆتكەلگەن.  چېلسىغا كۈچ قوشقان مەزگىلىدە، ئۇ جەمئىي 348 قېتىم مەيدانغا چىقىپ، 108 توپ كىرگۈزۈپ، ئىككى قېتىم ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسى چېمپىيونى (2012/2013، 2018/19) ، ئىككى قېتىم ئەنگلىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى چېمپىيونى (2014/15، 2016/2017) ، بىر قېتىملىق بىرلەشمە لوڭقىسى چېمپىيونى (2014/2015) ۋە بىر قېتىملىق پۇتبول ئومۇمىي لوڭقىسى چېمپىيونى (2017\ 2018)  نى قولغا كەلتۈرگەن .

    شەخسىي شۆھرەت جەھەتتە خازارد 2015-يىلى PFA باھالاپ چىققان ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى بولۇپ باھالانغان.  بۇ پەسىللىك مۇسابىقە پەسلىدە چېلسىدا تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە 51 قېتىم مەيدانغا چىققان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 40 قېتىم تۇنجى بولۇپ، 21 توپ كىرگۈزۈپ، 17 قېتىم ياردەمچى پاس بېرىپ، كوماندىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىشىگە ياردەم قىلىپ، بىرلەشمە مۇسابىقىدە 3A دەرىجىلىكلەر قاتارىغا كىرگەن.  


    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك