• زۇكام ۋىروسى راكنى داۋالىيالايدۇ،ئالىملار بۇ ھەقتە نېمە دەيدۇ؟

  • يوللىغۇچى : دىلمۇرات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-07-08 04:11
  • زۇكام ۋىروسى راكنى داۋالىيالايدۇ،ئالىملار بۇ ھەقتە نېمە دەيدۇ؟


     ئەلكۈيى تورى، ئەلكۈيى سالونى تەرجىمىسى:يېقىندا زۇكام ۋىروسى راك كېسىلىنى داۋالىيالىشى مۇمكىن دېگەن تەتقىقات خەۋىرى توردا پەيدا بولۇشقا باشلىدى ، بۈگۈن تېڭشۈن تورىدا ئېلان قىلىنغان كەسپىي ساھەدىكىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىق جاۋابىنى كۆرۈپ باقايلى:

    مۇھىم نۇقتا:

      1. بۇ تەتقىقات ھەقىقەتەن مەۋجۇت، ئەمما ئىشلىتىدىغىنى زۇكام ۋىرۇسى ئەمەس، بەلكى قول-پۇت ۋە ئېغىز كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئۈچەي ۋىرۇسى.  ھازىر تېخى دەسلەپكى مەزگىلدىكى كىلىنكىلىق تەجرىبە، بۇ ۋىروسنىڭ راك كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتالامدۇ يوق، بۇنى تېخىمۇ كۆپ تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

     2. « ۋىرۇس راك ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرىدۇ» دېگەن سۆزدىمۇ خاتالىق بار.  ئەمەلىيەتتە، بۇ ۋىرۇسنىڭ ھەقىقىي رولى بىمارنىڭ ئىممۇنىتېت ئىنكاسىنى كۈچەيتىپ، راك ھۈجەيرىلىرىنى بىۋاسىتە ئۆلتۈرەلەيدىغىنى يەنىلا ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى. 

    3. بۇ قېتىملىق كىلىنكىلىق تەجرىبىنىڭ ئوبيېكتى پەقەت دوۋساق راكى، باشقا راك كېسەللىكلىرىگە ماس كېلىش-كەلمەسلىكنى تېخىمۇ كۆپ تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

    ئەلۋەتتە، ھەممە كېسەلنى داۋالاشتىكى ئۇسۇل ئەمەس، پەقەت ھەقىقەتەن مەلۇم بىر خىل راك كېسىلىنى داۋالاش ئۈنۈمى بار، ئۇ بولسىمۇ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىلگىرىلەش.  


    ئىسپات تەكشۈرۈش خادىمى:پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنستىتۇتى پاتولوگىيە ۋە تەجرىبە ۋە دورىگەرلىك فاكۇلتېتىدا دوتسېنت

      يېقىندا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيەدىكى بىر دوۋساق راكى بىمارى بىر مەيدان زۇكامدىن كېيىن ساقىيىپ كەتكەن، « زۇكام ۋىروسى راك ھۈجەيرىسىنى ئۆلتۈرىدۇ» دېگەن خەۋەر قىزىق تېمىغا ئايلانغان، بۇ زادى قانداق ئىش؟

      1. بۇ بىر خىل ئەسۋە چىقىش كېسىلى ۋىرۇسى، ھەرگىزمۇ زۇكام ۋىرۇسى ئەمەس.  خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان بۇ تەتقىقات ھەقىقەتەن رەسمىي ئېلان قىلىنغان تەتقىقات بولۇپ، بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى« كىلىنىكىلىق راك كېسىلى تەتقىقاتى» كەسپىي ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان [1].  ئەمما، بىر ئۇقۇمنى تۈزىتىشكە توغرا كېلىدۇ: تەتقىقاتتا ئىشلىتىلىدىغان ۋىرۇس زۇكام ۋىرۇسى بولماستىن، بەلكى كوساچ ۋىرۇسى.  بۇ قول-پۇت ۋە ئېغىزلارغا ئەسۋە چىقىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئۈچەي يولى ۋىرۇسى بولۇپ، كۆپ ئۇچرايدىغىنى A16 تىپلىق، بۇ راكقا قارشى تۇرۇش تەتقىقاتىدا ئىشلىتىلىدىغىنى A21 تىپلىق. 

     بۇ تەتقىقات ئەمەلىيەتتە دەسلەپكى مەزگىلدىكى كىلىنىكىلىق تەجرىبە بولۇپ، جەمئىي  دەسلەپكى مەزگىلدىكى 15 دوۋساق راكى بىمارىنى داۋالىغان، كونكرېت مەشغۇلاتى ئوپېراتسىيە قىلىشتىن بۇرۇن، دوختۇر A21 تىپلىق كوساچ ۋىرۇسىنى بىۋاستە دوۋساققا ئوكۇل قىلىپ ئۇرغان، ئاندىن بىر-ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئوپېراتسىيە قىلىپ كېسىپ ئېلىۋەتكەن.  كېسىپ ئېلىۋېتىلگەن راك توقۇلمىلىرىنى كۆزەتكەندە، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر بىمارنىڭ راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بايقىغان.  

    ئەسلىدە دەسلەپكى مەزگىلدىكى كىلىنكىلىق سىناقنىڭ مەقسىتى پەقەت داۋالاشنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈستىدە ئىزدىنىش بولۇپ، داۋالاشنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرۈش ھاجەتسىز ئىدى.  ھازىر بىر بىماردا پاتولوگىيىلىك كېسەللىك ئەھۋالى پۈتۈنلەي تۈگىتىلدى، باشقا بىمارلاردىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە راك ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرگىلى بولدى، تەتقىقاتچىلار بۇنىڭدىن ناھايىتى رازى بولدى.

      ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، بۇ بىر مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان دەسلەپكى كلىنىكىلىق تەجرىبە، لېكىن بۇ ۋىرۇسنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا راك كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتالايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.  بۇ كىلىنىكىلىق سىناقتا، ئاساسلىق داۋالاش ئۇسۇلى يەنىلا ئوپېراتسىيە ئارقىلىق ئېلىۋېتىلىدۇ، سىناققا قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى ئوپېراتسىيە قىلىپ يىلتىزىدىن ساقايتىدىغان دوۋساق راكى بىمارلىرى. 

     كوساچ ۋىرۇسىنى كەلگۈسىدە راك كېسىلىنى داۋالاش ئۇسۇلى قىلغىلى بولامدۇ؟  

    بۇنىڭ ئۈچۈن ۋىرۇس داۋالاشنى قوبۇل قىلغان بىمارلارنىڭ ئوپېراتسىيە قىلغاندىن كېيىن راك كېسىلىنىڭ قايتا قوزغىلىشىدىن ساقلانغىلى ياكى كېچىكتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىغا قاراش كېرەك.

      بۇ قېتىمقى كىلىنكىلىق تەجرىبىدىن قارىغاندا، ھازىرچە ئېنىق سانلىق مەلۇمات يوق، بۇنى كەلگۈسىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كىلىنىكىلىق تەتقىقات ئارقىلىق ئىسپاتلاشقا توغرا كېلىدۇ. 

     2. راك ھۈجەيرىلىرىنى بىۋاسىتە ئۆلتۈرىدىغىنى، ۋىرۇس ئەمەس، بەلكى ئادەم بەدىنىدىكى ئىممۇنىتېت سىستېمىسى.

      بەزى تاراتقۇلار بۇ ۋىرۇسنى راك ھۈجەيرىسىنى ئۆلتۈرگەن قاتىل دەپ چۈشەندۈردى، ئەمەلىيەتتە بۇمۇ خاتا. 

     ئېلان قىلىنغان تەتقىقات دوكلاتىدىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى، كوساچ ۋىرۇسىنىڭ ھەقىقىي رولى بىمارنىڭ ئىممۇنىتېت ئىنكاسىنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولغان، ئەمەلىيەتتە راك ھۈجەيرىسىنى ھەقىقىي ئۆلتۈرگىنى كۈچەيتىلگەن نۇسخىدىكى ئىممۇنىتېت سىستېمىسى.  

    100 يىل بۇرۇن بىر قەدەر ئىپتىدائىي بولغان راك كېسىلىنى ئىممۇنىتېتلىق داۋالاشتا، ھەر خىل باكتېرىيە ياكى ۋىرۇسلار ئارقىلىق ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىنكاسىنى قوزغاتقان.

      راك كېسىلىنى ئىممونىتېتلىق داۋالاش ئاتىسى دەپ ئاتالغان ئامېرىكا تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى ۋىليام كوللى (WilliamColey) ، ئىشلىتىدىغىنى باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىش، « زەھەر ئارقىلىق زەھەر قايتۇرۇش» ئارقىلىق راك ھۈجەيرىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئۈمىد قىلغان.  ئەمما بۇ ئىپتىدائىي ئىممونىتېتلىق داۋالاشنىڭ راك كېسىلىنى داۋالاش ئۈنۈمى ئانچە ياخشى ئەمەس، ئاساسلىق سەۋەبى شەخسنىڭ بۇ كېسەللىك قوزغاتقۇچىلارغا بولغان ئىنكاسىدىكى پەرق بەك چوڭ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىممونىتېت ئىنكاسى ئېلىپ كەلگەن زەھەرلىك ئەكس تەسىرىنى كونترول قىلىش بىر قەدەر تەس.  

    بۇ قېتىمقى كىلىنكىلىق سىناقتىكى كوساچ ۋىروسى راك كېسىلىگە نىسبەتەن ئالاھىدە ئىممونىتېت رېئاكسىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى يىتەكلەيدۇ، بىراق كەلتۈرگەن ئىممونىتېت ئىنكاسى راك ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، راك كېسەللىكىنى ساقايتالىشى ناتايىن. 

     تەجرىبە نەتىجىسىدىن قارىغاندا، 15 بىمار ئىچىدە پەقەت بىرلا ئادەمدىكى، كېسەللىك پۈتۈنلەي پەسەيگەن.  دەل شۇنداق بولغاچقا، تەتقىقاتچىلار ئىلمىي ماقالىدە كەلگۈسى تەتقىقات يۆنىلىشىگە نەزەر سېلىپ، PD-1 ئانتىتېلا قاتارلىق ئىممۇنىتېتلىق داۋالاش بىلەن بىللە ئىشلەتسە بولىدۇ، ئەڭ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ دەپ قارىدى.

      3. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇ ۋىرۇسمۇ بارلىق راك كېسىلىنى داۋالاشقا ماس كېلىشى ناتايىن. 

     نۆۋەتتىكى كلىنىكىلىق تەجرىبىنىڭ ئوبيېكتى پەقەت دوۋساق راكى، باشقا ھەر خىل راك كېسەللىكلىرىگە ماس كېلەمدۇ؟  بۇنى يەنە تېخىمۇ كۆپ تەجرىبە ئارقىلىق دەلىللەش كېرەك.  

    بۇ قېتىمقى كىلىنكىلىق سىناقتا، ۋىرۇس دائىرىلىك بىۋاستە دوۋساققا ئوكۇل قىلىنىپ كىرگەن.  كوساچ ۋىرۇسى ئۈچەي يولى ۋىرۇسى بولۇپ، راك كېسىلى توقۇلمىسىغا ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.  كوساچ ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىممونىتېت ئىنكاسى يىراق راك ھۈجەيرىسىنىمۇ ئۈنۈملۈك كونترول قىلالامدۇ؟  بۇمۇ بىر گۇمان.  

    لېكىن، خۇددى باشقا راك كېسىلىنى داۋالاشقا ئوخشاش، ھەممە كېسەلنى داۋالىغاندا ئاندىن ياخشى دېگىلى بولمايدۇ.  پەقەت مەلۇم بىر خىل راك كېسىلىنى داۋالاش ئۈنۈمى بولسىلا، ئۇ بىر ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىلگىرىلەش.  مۇشۇ ئاساستا، ئەلۋەتتە داۋالىغىلى بولىدىغان راك قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى. 

     كەلگۈسىدىكى تەتقىقاتنىڭ A21 تىپلىق كوساچ ۋىروسىنىڭ راكقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمىنى ئىسپاتلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. 


      ئەلكۈيى تورى ، ئەلكۈيى سالونى تەييار قىلغان ،روخسىتىمىزنى ئالماي ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي ، باشقا سالون ۋە تور بېكەتلەردە كۆچۈرۈپ تارقاتسىڭىز دەرھال پاش قىلىنىدۇ.

    مەنبەسى :تېڭشۈن





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك