• بۇ ھەپتە ئۈرۈمچىدە 2 قېتىم يامغۇر ياغىدۇ،جۈمە كۈنى قاتتىق ئىسسىق بولىدۇ

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-07-08 05:13
  • بۇ ھەپتە ئۈرۈمچىدە 2 قېتىم يامغۇر ياغىدۇ،جۈمە كۈنى قاتتىق ئىسسىق بولىدۇ

    ئەلكۈيى تورى ، ئەلكۈيى سالونى تەرجىمىسى:كونىلاردا« ئىسسىق قاتتىق بولسا، ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىدۇ» دېگەن گەپ بار.  7-چىسلا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرىسى 34 سېلسىيە گرادۇسقا چىقتى، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ھەپتە ئاخىرىدا ھەرقايسى چوڭ باغچىلارغا بېرىپ سالقىنداشنى تاللىدى.

     يېڭى بىر ھەپتىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىككى مەيدان يامغۇر يېغىپ، تېمپىراتۇرا بەلگىلىك تۆۋەنلەيدىكەن، شەھەر ئاھالىلىرى يازنىڭ سالقىن ھاۋاسىدىن بەھرىمان بولىدىكەن. 


     شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالدىن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 8-چىسلا ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، تېمپېراتۇرا 22 سېلسىيە گىرادۇستىن 28 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن؛ 9-چىسلا ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، تېمپېراتۇرا 21 سېلسىيە گىرادۇستىن 32 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن؛ 10-چىسلا ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، تېمپېراتۇرا 21 سېلسىيە گىرادۇستىن 31 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن.  

    مۆلچەرلىنىشىچە، 11-چىسلادىن 12-چىسلاغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 2مەيدان ھۆل-يېغىن بولىدىكەن. 

    كەلگۈسى ئىككى كۈندە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايون، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايون، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايون قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ، قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدۇ.  


    مېتېئورولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە،قىسمەن جايلاردا قىسقا ۋاقىتلىق قاتتىق يامغۇر، مۆلدۈر، گۈلدۈرمامىلىق بوران قاتارلىق كۈچلۈك كونۋېكسىيەلىك ھاۋارايى كۆرۈلۈشىنىڭ ئېھتىماللىقى چوڭ بولۇپ، قىسمەن جايلاردا كەلكۈن، سىيرىلىپ چۈشۈش، لاتقا-شېغىللىق ئېقىن قاتارلىق گېئولوگىيىلىك ئاپەتلەر ۋە كۈچلۈك كونۋېكسىيەلىك ھاۋارايىنىڭ پايدىسىز تەسىرىدىن مۇداپىئەلىنىشكە توغرا كېلىدىكەن.  

    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بورتالا ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، قاراماي شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، تۇرپان شەھىرى، قۇمۇل شەھىرى قاتارلىق جايلاردا يەنە 35 گىرادۇستىن يۇقىرى ئىسسىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدۇ. 

     تومۇز ئىسسىق بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ ئىسسىق ۋاقىت ئەمەس، شۇڭا« تومۇز ئىسسىق ئىسسىق ئەمەس » دېگەن گەپ بار.  ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 6-ئايدا، ئۈرۈمچى بىر قېتىملىق يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق كۈن كۈتۈۋالدى، مۇشۇ ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنى يەنە تومۇز كۈن بولىدۇ، ئۈرۈمچى تومۇز كىرىشتىن بۇرۇن كۈتۈۋالغان ئىككى قېتىملىق ھۆل-يېغىننى كۈتىۋالىدۇ.ئۇنداقتا ئۈرۈمچى تومۇز كىرگەندىن كېيىن تېمپېراتۇرىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى، ھۆل-يېغىننىڭ تېخىمۇ ئاز بولۇشىغا ئۇچرامدۇ؟

     شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى ۋاڭ جيەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل 6-ئايدا، ئۈرۈمچىنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ھەر قايسى رايونلارنىڭكىدىن ئۇزۇن بولغان، لېكىن ئېگىز-پەسلىك دەرىجىسى بىر قەدەر چوڭ بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر رايونىنىڭ 21.9 گىرادۇس، داۋانچىڭ رايونىنىڭ 19.7 گىرادۇس بولۇپ، يىل بويى ئوخشاش بولغان؛ مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىنىڭ 24.3 گىرادۇس بولۇپ، ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن 0.2 گىرادۇس يۇقىرى بولغان.  ھۆل-يېغىن مىقدارى جەھەتتىن قارىغاندا، 6-ئايدىكى ھۆل-يېغىن مىقدارى شەھەر رايونى، مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىدا% 20 تىن% 50 كىچە ئاز بولغان، داۋانچىڭ رايونى ئادەتتىكى يىللارغا يېقىنلاشقان.

      ۋاڭ جيەن مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى ھەر يىلى 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە 8-ئاينىڭ باشلىرى پۈتۈن يىللىق تېمپېراتۇرا بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ۋاقىت، نۆۋەتتە ھەر قايسى رايون ناھىيەلەرنىڭ ھازىرقى ھاۋارايى شارائىتىغا ئاساسەن، 7-ئايدىكى قىسقا مۇددەتلىك كىلىمات مۆلچەرىگە بىرلەشتۈرۈش كېرەك، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل 7-ئايدا ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ھەر قايسى رايون ناھىيەلىرىدە ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن سەل يۇقىرى بولىدىكەن، ھۆل-يېغىن مىقدارىنىڭ كۆپ قىسمى سەل كۆپرەك، داۋانچىڭ رايونىدا سەل ئاز بولىدىكەن.  

    تومۇز كىرگەندىن كېيىن، ھاۋا چوقۇم يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلەمدۇ-يوق، بۇنىسى ئېنىق ئەمەس.

    مەنبەسى :تېڭشۈن تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك