• لى شياۋلوڭنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس

  • يوللىغۇچى : ئادىلە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-07-22 06:52
  • لى شياۋلوڭنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس

    لى شياۋلوڭنىڭ بوي ئېگىزلىكى 173 سانتىمېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 67 كىلوگىرام ئەتراپىدا بولۇپ، ئېگىزمۇ ھەم قاۋۇلمۇ ئەمەس. لېكىن، ئۇ دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر ئادەمنى يېڭەلەيدىغانلىقىنى كۆپ قېتىملاپ تىلغا ئالغان.

    2019072217230126659.jpg

    لى شياۋلوڭ

    لى شياۋلوڭنىڭ گۇمپىسى كۆپنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قوبۇل قىلىشتىن كەلگەن بولۇپ، كىچىكىدىن باشلاپ مەشىق قىلغان چوڭقۇر چامباشچىلىق ئاساسىدىن كەلگەن. «ئىجاد قىلىش ئۈچۈن ئاۋۋال تەقلىد قىل» دېگەن بىر گەپ بار، لى شياۋلوڭمۇ تەبىئىيلا بۇ پولاتتەك قانۇنىيەت بويىچە ئىش كۆرگەن، ئۇ نۇرغۇن چامباشچىلىق ئۇسۇللىرىنى مەشىق قىلغان، مەسىلەن، يۇڭچۈن، تەيجى، قىلىچۋازلىق، چامباشچىلىق قاتارلىق ئۇسۇللارنى مەشىق قىلغان. ئۇ ئېلىشىش تەجرىبىسىدە بەدەن ئىقتىدارى بىلەن ماھارەتنىڭ ئوخشاشلا مۇھىملىقىنى تەدرىجىي بايقىغان. بەدەن ئىقتىدارى ياخشى بولمىسا، ھەرقانچە ياخشى ماھارەتمۇ كارغا كەلمەيدۇ. ئەمما، بەدەن ئىقتىدارىنى ئېچىش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس، لى شياۋلوڭ ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ بەدەن ئىقتىدارىغا قارىتا ناھايىتى چوڭقۇر تەھلىل ئېلىپ بارغان.

    2019072217230268096.jpg

    ئۇ نۇرغۇن چامباشچىلارنىڭ ۋاقىت سەرپ قىلىپ بەدەن شارائىتى ئامىلىنى ئويلاشمىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك تاۋلىنىش ۋە ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەشنىڭ كەمچىللىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ بۇ جەھەتتە ناھايىتى زور زېھنىي كۈچىنى سەرپ قىلغان، ئۇ نۇرغۇن ئەنئەنىۋى چامباشچىلارغا ئوخشاش نوقۇل ھالدا ئۆزىنىڭ تۇيغۇسىغا تايانمىغان، چۈنكى تۇيغۇنىڭ بەزىدە ئادەم ئالدايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان. ئۇ مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن كەسپىي كىتابلارنى ئوقۇغان، مەسىلەن، مۇسكۇل بېسىمى، مۇسكۇل چىدامچانلىقى، يۈرەك قان-تومۇرلىرىنىڭ چىدامچانلىقى، ئېلاستىكلىقى قاتارلىقلارنى قانداق مەشىق قىلىدىغانلىقىغا ئالاقىدار كىتابلارنى كۆرگەن، ئۇ ئەنئەنىۋى ئۇسۇل ئارقىلىق كۈچلۈك مۇسكۇل بەرپا قىلىشنى سىناپ باققان.

    2019072217230517642.jpg

    لى شياۋلوڭ تېز سۈرئەتتە يىراقتىن مۇشت ئاتماقتا

    ئۇ ئالدى بىلەن بىر بەدەن ئىقتىدارى ئالىمى بولۇپ، بەدەن ئىقتىدارىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ساقلاپ قېلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى سىناپ باققان، لېكىن، بۇنى ھەقىقەتەن قىلالىغان. ئايالىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ئامېرىكىغا كۆچۈپ بارغاندىن كېيىن، لى شياۋلوڭ ئوزۇقلۇققا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، ساغلام يېمەكلىكلەرگە قارىتا ناھايىتى زور قىزىقىش پەيدا بولغان.

    2019072217230154263.jpg

    2019072217230165030.jpg

    لى شياۋلوڭ ۋە ئائىلىسىدىكىلەر

    ئۇ كېيىن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «بىر ئادەم بەدەننى ئەڭ ياخشى ھالەتكە يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىكى كېرەك، ئادەم بەدىنىدىكى قالايمىقان ھەزىم قىلىنىش ئادەمنى ھورۇن قىلىپ ئارامسىزلاندۇرىدۇ». ئۇ ئامال قىلىپ بولكا تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردىن ساقلانغان، ئۇ بۇلارنى ئۆزىگە ئېنېرگىيە ئېلىپ كېلەلمەيدىغان يېمەكلىكلەر دەپ تەسۋىرلىگەن. ئۇ تاماقلانغاندا ئاقسىللىق ئىچىملىك ئىچكەن، ئۇ دائىم بىر ئىككى كۈن ئىچىدە ئىچىپ بولغان، ۋاقتى بۇنىڭدىن ئاشسا ئىچمىگەن.

    2019072217230276706.jpg

    ئايالى لىندا لى شياۋلوڭنىڭ بەل ئايلانمىسىنىڭ 66-71 سانتىمېتىر ئەتراپىدا ئۆزگىرىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. «ئۇ ئالما، كەرەپشە، سەۋزە قاتارلىقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ ياسىغان مېۋە شەربىتىنى ئىچەتتى، ئىچىشتىن بۇرۇن ئېلېكتىر ماگنىتلىق ئوچاقتا ئازراق ئىسسىتاتتى.» ئۇ ھەر كۈنى نۇرغۇن يېشىل سەي-كۆكتات، مېۋە، يېڭى سۈت ئىچەتتى. ئۇ جۇڭگو ياكى ئاسىيادىكى باشقا رايونلارنىڭ يېمەكلىكلىرىنى يېيىشنى تېخىمۇ ياخشى كۆرەتتى، چۈنكى ئۇلار تېخىمۇ كۆپ خىللاشقان. ئۇ يەنە تاماقتىن كېيىنكى قاتتىق بولغان ئوزۇقلۇق تولۇقلىمىسى تۈزۈپ چىققان:

    Vitamin C ۋىتامىن C

    Lecithin Granules لېتسىتىن دانچىسى

    Bee pollen ھەسەل گۈل چېڭى

    Vitamin E ۋىتامىن E

    Rosehips(liquid form) سۇيۇق ھالەتتىكى ئەتىرگۈل پىلىكى

    Wheat germ oil ئارپا ئۈندۈرمىسى مېيى

    لى شياۋلوڭنىڭ ئۆزى تۈزۈپ چىققان ئوزۇقلۇق تاماق تىزىملىكى كېيىن نۇرغۇن كەسپىي بەدەن چېنىقتۇرغۇچىلار ياكى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ پايدىلىنىش ئۆلچىمى بولۇپ قالغان. لى شياۋلوڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش، ئېغىرلىق مەشىقى، فىزىئولوگىيە ۋە ھەرىكەت ئىلمىگە ئائىت 140 خىلدىن ئارتۇق كىتاب توپلىغان.

    2019072217230153829.jpg

    لى شياۋلوڭنىڭ مىس ھەيكىلى

    مۇسكۇل پارچىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى، مەخسۇس مەشىق قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۇ يەنە ئۆزىگە ماس كېلىدىغان بىر نەچچە خىل مەشىق ئۈسكۈنىسىنى لايىھەلىگەن ھەمدە دوستى گىئورگىغا ئۆزىنىڭ دېگىنى بويىچە بۇ ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇشنى ھاۋالە قىلغان.

    مەنبەسى :نۇر تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك