|
شىنجاڭ خوشۇت ناھىيەسىدە4.6 بال يەر تەۋرىدى
ئەلكۈيى تورى ، ئەلكۈيى سالونى خەۋىرى: جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىستانسىسى تورىنىڭ رەسمىي ئۆلچەپ بېكىتىشىچە، 22-ئىيۇل سائەت 20دىن 32 مىنۇت ئۆتكەندە شىنجاڭ بايىنغۇلىن ئوبلاستىنىڭ خوشۇت ناھىيەسى (شىمالىي كەڭلىك 42.69 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 87.76 گىرادۇس) دە 4.6 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 8000 مېتىر بولغان.ئۈرۈمچى ، تۇرپان قاتارلىق جايلاردىمۇ تەۋرەش سېزىمى بولغان .
مەنبەسى :سىنا تورى