• پاراۋانلىق لاتارىيە كۈندىلىك خەۋەرى (7-ئاينىڭ 17-كۈنى)

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-07-23 11:03
  • پاراۋانلىق لاتارىيە كۈندىلىك خەۋەرى (7-ئاينىڭ 17-كۈنى)

    7-ئاينىڭ 16-كۈنى، لاتارىيە بازىدا ئاۋىياماتكا دەپ نام ئالغان « قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى 2019082-قارارلىق مۇكاپات ئېلان قىلىندى، مەملىكەت بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا  بەش دو بىرىنچى دەرىجلىك مۇكاپات چىققان بۇلۇپ ، يەككە دو مۇكاپات سوممىسى 8 مىليون 270 مىڭ 886 يۈەن ، گۇاڭدۇڭ (2 دو) ، خېبېي، لياۋنىڭ، ئەنخۇيدىكى لاتارىيەچىلەر بۇ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى ؛ 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن 91 دو چىققان بۇلۇپ ، يەككە دو مۇكاپات سوممىسى 224 مىڭ 648 يۈەن بولدى ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى لاتارىيەچىلەر بۇنىڭ ئىچىدىن 2 دو مۇكاپاتقا ئېرىشتى ، بۇ ئىككى دو مۇكاپات قاراماي شەھىرى 65020130 لاتارىيە سېتىش نۇقتىسى بىلەن خوتەن شەھىرى 6532019 لاتارىيە سېتىش نۇقتىسىدىن چىققان.  6532019 لاتارىيە سېتىش نۇقتىسىنىڭ مال ساتقۇچىسىنىڭ ئېيتىشىچە: « مۇكاپات چىققان لاتارىيەچى  ياشانغان لاتارىيەچى ئىكەن، لاتارىيە سېتىۋالغىنىمغا ئون نەچچە يىل بوپتۇ، بۇ قېتىم ئۇ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ بىر قېتىمدا ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ۋە بىر قانچە مۇقىم مۇكاپاتقا ئېرىشىپتۇ، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 230 مىڭ 348 يۈەن ئىكەن! ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇشال بولدۇم! »  ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئويۇن كېلەر قېتىملىق بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات ئۇمۇمىي سوممىسى 927 مىليون يۈەنگە ئۆرلىگەن.
    7-ئاينىڭ 16-كۈنى ، D3 ئويۇنى 2019190 قارار مۇكاپات تارقىتىلدى، مۇكاپات چىققان نومۇر« 464» بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى لاتارىيەچىلەر پۈتۈن كۈن ئېرىشكەن مۇكاپات سوممىسى 178 مىڭ 538 يۈەنگە يەتتى.  بولۇپمۇ غۇلجا شەھىرى 65415101 لاتارىيە سېتىش نۇقتىسىدىكى لاتارىيەچىلەرنىڭ ئامىتى ئالاھىدە ياخشى بۇلۇپ 31 مىڭ 200 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى .

    مەنبەسى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيىسى تارقىتىش مەركىزى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك