• پاراۋانلىق لاتارىيە كۈندىلىك خەۋەرى (7-ئاينىڭ 18-كۈنى)

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-07-23 11:36
  • پاراۋانلىق لاتارىيە كۈندىلىك خەۋەرى (7-ئاينىڭ 18-كۈنى)

    7-ئاينىڭ 18-كۈنى، لاتارىيە بازىرىدا ئاۋىياماتكا دەپ نام ئالغان « قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى 2019083 قارار مۇكاپات ئېچىلدى ، مەملىكەت بويىچە جەمئىي 10 دو بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات چىققان بولۇپ يەككە دو مۇكاپات سوممىسى 6 مىليون 795 مىڭ 196 يۈەن بولدى ، بۇ كاتتا مۇكاپاتلارغا جياڭسۇ (5 دو) ، گۇيجۇ (2 سو) ، خېبېي، جېجياڭ ۋە ئەنخۇي قاتارلىق جايلاردىكى لاتارىيەچىلەر ئېرىشتى.  2-دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن 118 دو چىققان بۇلۇپ يەككە دو مۇكاپات سوممىسى 190 مىڭ 169 يۈەن بولدى ، ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئۈرۈمچى شەھىرى 65010151 لاتارىيە سېتىش نۇقتىسىدىكى لاتارىيەچى 1 دو ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى ، سېتىش نۇقتىسىدىكى مال ساتقۇچى مۇنداق دېدى: « مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچىلەر مېنىڭ پونكىتىمدىكى كونا لاتارىيەچىلەر بولۇپ، لاتارىيە سېتىۋالغىنىمغا ئون نەچچە يىل بولدى، بۇ قېتىم ئۇ بىر قېتىم قوش رەڭلىك توپ بىلەن 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى 190 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتتى، ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇشال بولدۇم! » ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئويۇننىڭ كېيىنكى سانىدا بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات ئومۇمىي سوممىسى 926 مىليون يۈەندىن ئاشقان.
    7-ئاينىڭ 18-كۈنى ، 3D ئويۇن 2019192-قارارلىق مۇكاپات ئېچىلدى، مۇكاپات نومۇرى« 746» بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى لاتارىيەچىلەر پۈتۈن كۈندە 282 مىڭ 788 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى، بولۇپمۇ ئۈرۈمچى شەھىرى 65010433 لاتارىيە سېتىش نۇقسىتىدىكى لاتارىيەچىلەرنىڭ ئامىتى ياخشى بۇلۇپ 20 مىڭ 800 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

    مەنبەسى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيىسى تارقىتىش مەركىزى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك