• ئۇ بولمىسا خانلىق مادرىد تېخىمۇ ئېغىر مەغلۇبىيەتلەرگە ئۇچرايدۇ

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • ئۇ بولمىسا خانلىق مادرىد تېخىمۇ ئېغىر مەغلۇبىيەتلەرگە ئۇچرايدۇ

    يەنە بىر مەيدان بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى، يەنە بىر مەيدان مەغلۇبىيەت. ئاۋدى لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە. خانلىق مادرىد 1:0 نەتىجىدە توتتېنھامغا ئۇتتۇرۇپ قويدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە خانلىق مادرىد ۋاراتارى ناۋاس كۈچلۈك رىقابەت ھالىتىنى نامايەن قىلدى.

    گەرچە ناۋاس خانلىق مادرىدتا زاپاس ئەزا بولۇپ قالغان بولسىمۇ، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئىسپاتلىدى. توتتېنھام بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئۇ نۇرغۇن خەتەرلىك توپلارنى توسىۋالدى.

    ناۋاس بولمىغان بولسا، بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسى 1:0 بىلەنلا ئاخىرلاشماسلىقى، خانلىق مادرىد تېخىمۇ ئېچىنىشلىق ئۇتتۇرىۋېتىشى مۇمكىن ئىدى.

    مۇسابىقىدىن كېيىن توتتېنھام ترېنېرى پوچېتتىنو ناۋاسنى قاتتىق ماختىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز تېخىمۇ چوڭ نومۇر پەرقى بىلەن غەلىبە قىلىشقا لايىق ئىدۇق. بىراق ناۋاسنىڭ ئىپادىسى ناھايتى قالتىس بولدى، ئۇ بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى. ئۇنىڭغا ئوخشاش روھىي ھالەتنى ساقلىيالايدىغان توپچىلار ناھايتى ئاز، ئۇ ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ۋاراتارلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى».

    «ماركا گېزىتى» مۇنداق ئىپادە بىلدۈردى: كۇرتۇۋانىڭ ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىپادىسىگە سېلىشتۇرغاندا، ناۋاسنىڭ ئىپادىسى ئۇنىڭدىن كۆپ ئېشىپ چۈشىدۇ. زىدانى كىمنى ئىشلىتىش مەسىلىسى ئۈستىدە ئوبدانراق ئويلىنىپ بېقىشى كېرەك.

    كۇرتۇۋانىڭ ئوشۇقى يارىلانغان بولغاچقا، بىر ئاي ئارام ئالىدۇ. بۇ مەزگىلدە ناۋاس خانلىق مادرىد مۇداپىئە سېپىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى قايتىدىن ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.

    مەنبەسى :نۇر تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • ئەنگىلىيە يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن سېمىزلەرنى ئۆيدىن چىققۇزماسلىقنى پىلانلىدى

    1970-01-01 08:00

  • مادىرىد ئاتلىتكا كوماندىسىدىن ئىككەيلەن تاجىسىمان ۋېرۇس بىلەن يۇقۇملاندى

    1970-01-01 08:00

  • زىدانى مۇسابىقىدىن بورۇن خان مادىرىد ھەققىدە تاراتقۇلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەردى

    1970-01-01 08:00

  • يۇۋېنتۇس ئەنسىرىشى كېرەك؟ بۇ رېپىر ئىتالىيە كوماندىلىرىنىڭ «باش ئاغرىقى»

    1970-01-01 08:00

  • بىر قانچە سائەتتىن كىيىن رونالدو بۇ يىلدىكى ئەڭ چوڭ سىناقتىن بىرىگە دۇچ كىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • خوتەن شەھىرىدىكى ئامەتلىك لاتارىيەچى 20 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈرۈمچى پاراۋانلىق لاتارىيەسى پىدائىيلىرى ھەرىكەتكە كەلدى !!

    1970-01-01 08:00

  • يۇقۇمنىڭ داۋاملىق ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ھەممەيلەننىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى

    1970-01-01 08:00

  • كەلگۈسىدىن ئەنسىرىمەڭ، ئۆتمۈشكە باغلىنىپ قالماڭ!

    1970-01-01 08:00

  • 4 توننا كۆكتات ئاھالىلەرگە ھەقسىز يەتكۈزۈپ بېرىلدى، ئۇ تيەنتيەن ئاكتىپ ئېنېرگىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00