• رونالدونىڭ ئىسمى توختامدا خاتا يېزىلغان، كورېيەلىكلەر تۆلەمگە ئېرىشەلمەسلىكى مۇمكىن

  • يوللىغۇچى : دىلمۇرات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-08-01 06:50
  • رونالدونىڭ ئىسمى توختامدا خاتا يېزىلغان، كورېيەلىكلەر تۆلەمگە ئېرىشەلمەسلىكى مۇمكىن

    كىرىستىيانو رونالدونىڭ كورېيەدىكى مۇسابىقىدە مەيدانغا چۈشمىگەنلىكى كورېيە جەمئىيىتىدە زور غۇلغۇلا قوزغىدى، مەستانىلەر كىرىستىيانو رونالدو ۋە يۇۋېنتۇسنىڭ كەچۈرۈم سورىشىنى، ھەتتا تۆلەم تۆلىشىنى تەلەپ قىلماقتا. لېكىن، بۇ مۇسابىقىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ توختامدا كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئىسمىنى خاتا يېزىپ قويغان بولۇپ، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا يۇۋېنتۇس ھېچقانداق قائىدىگە خىلاپلىق قىلمىغان بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا كورېيە تەرەپ توختام بۇزۇش ھەققىگە ئېرىشەلمەسلىكى مۇمكىن.

    كورېيە تاراتقۇلىرى يېقىندا يۇۋېنتۇسنىڭ بۇ مۇسابىقىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ بىلەن ئىمزالىغان توختامىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، لېكىن ئۇلار كىرىستىيانو رونالدونىڭ (Cristiano Ronaldo) ئىسمىنى «Christiano Ronaldo)» دەپ يېزىپ قويغان، كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئىسمى يېزىلغاندا C ھەرپىنىڭ ئارقىسىدا r بار بولۇپ، لېكىن توختامغا Chr دەپ يېزىلغان، يەنى h ھەرپى ئارتۇق، بۇنى كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئىسمى ئەمەس دېيىشكە تامامەن بولىدۇ.

    بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا توختام ئىسىمنى خاتا يېزىش سەۋەبلىك ئىناۋەتسىز بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا يۇۋېنتۇس ھەرقانداق توختامغا خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالىدىن قۇتۇلۇپ قالالايدۇ، شۇنداقلا توختام بۇزۇش ھەققى تۆلىمەسلىكىمۇ مۇمكىن.

    مەنبەسى :نۇر تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك