• ئاشۋارىيانىڭ چولپانلىق ھاياتى ئىزچىل ئوڭۇشلۇق بولغانمۇ؟

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-08-01 06:04
  • ئاشۋارىيانىڭ چولپانلىق ھاياتى ئىزچىل ئوڭۇشلۇق بولغانمۇ؟

    ئاشۋارىيا ھىندىستان ھەتتا خەلقئارا كىنو ساھەسىدە يۈكسەك ئورۇنغا ئىگە. بەلكىم بەزىلەر ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن، لېكىن «قىز ياتلىق بولغان يىگىت مەن ئەمەس» (新娘嫁人了新郎不是我) دېگەن بۇ ناخشىنىڭ ئايال باش رولچىسى ھەممەيلەننىڭ ئېسىدە بولۇشى مۇمكىن.

    ئەينى چاغدىكى 27 ياشلىق ئاشۋارىيا «چىن مۇھەببەت مەڭگۈ مەۋجۇت» (真爱永存) ناملىق كىنودا رول ئېلىپ، كىنودىكى

    «قىز ياتلىق بولغان يىگىت مەن ئەمەس» دېگەن ئۇسسۇلى دۇنيانى قاپلىغان، ئۇنىڭ ئىسمىمۇ ھەممىگە تونۇلغان.

    1994-يىلى ئاشۋارىيا جەنۇبىي ئافرىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن «دۇنيا خانقىزى» تاللاش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولۇپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان.

    ئاشۋارىيا 1973-يىلى ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدىكى بىر ئەنئەنىۋى ئائىلىدە تۇغۇلغان، ئۇ كىچىكىدىنلا يۇۋاش قىز ئىدى. ئۇ ئالىي مەكتەپتە بىناكارلىق كەسپىدە ئوقۇغان، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا قوشۇمچە مودېل بولۇپ ئىشلىگەن، شۇنداقلا شۇ چاغدىن باشلاپ كىنو ئىشلەشكە قىزىقىشقا باشلىغان.

    ئاشۋارىيا «دۇنيا خانقىزى» تاللاش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغاندىن كېيىن، گۈزەل تاشقى قىياپىتىگە تايىنىپ كىنودا باش رول ئېلىشقا باشلىغان، يەتتە يىلدا 24 بوللىۋود كىنوسىدا باش رول ئالغان، ئۇنىڭ شۇ يىللاردا ئىشلىگەن كىنولىرىدىن: «ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن ئېيتىلغان يالغان گەپ»، «بوللىۋودتىكى ھايات-ماماتلىق مۇھەببەت» يەنە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان «ھەقىقىي مۇھەببەت مەڭگۈ مەۋجۇت» قاتارلىقلار بار. 1999-يىلى ئۇ يەنە «تەسىرلىك ئۇسسۇل» ناملىق كىنودا رول ئېلىپ ھىندىستاننىڭ «دۆلەت كىنو مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.

    شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ بوللىۋودتىن ھوللىۋودقا يۈرۈش قىلىغان. 2003-يىلى فىرانسىيە كاننېس كىنو فېستىۋالىدا ئاشۋارىيا كىنو فېستىۋالىنىڭ باھالىغۇچىسى سۈپىتىدە قىزىل پاياندازدا پەيدا بولغان، ئۇ ھىندىستان تارىخىدىكى تۇنجى خەلقئارا كىنو فېستىۋالىنىڭ باھالىغۇچىسى بولغان ھىندىستان كىنو چولپىنى.

    كىنو فېستىۋالىدا داڭقى چىققاندىن كېيىن، ئاخبارات ۋاستىلىرى بەس-بەستە بۇ داڭلىق چولپاننى خەۋەر قىلىشقا باشلىغان، ئۇ ھىندىستان ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغىلا ئەمەس، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئەنگلىيە، جۇڭگو، رۇسىيە، ئىسرائىلىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ژۇرناللىرىنىڭ مۇقاۋىسىغا چىققان.دۇنيادىكى ھەرقايسى چوڭ ژۇرناللارمۇ ئۇنى مۇقاۋا ئىشلەشكە تەكلىپ قىلغان.

    كەسىپ ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولغان ئاشۋارىيا، كىشىلىك مۇھەببەتتە كۆپ ئەگرى-توقايلىقلارغا كۆپ ئۇچرىغان. ئۇ ئىلگىرى سالمان خان، ۋىۋىك ئوبروي قاتارلىق چولپانلار بىلەن مۇھەببەتلىشىپ، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئايرىلىپ كەتكەن ھەمدە ئاخىرىدا نۇرغۇن كىنولاردا ھەمكارلاشقان ھازىرقى يولدىشى ئابشېك باچچان بىلەن توي قىلغان.

    توي قىلىپ بالا تۇغقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بەدەن شەكلى ئۆزگىرىپ سەمىرىپ كەتكەن، ئويلىمىغان يەردىن ھىندىستان خەلقى ئۇنى ھىندىستاننىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا ھاقارەت كەلتۈردى، «ھىندىستانغا ئاسىيلىق قىلىش» جىنايىتى ئۆتكۈزدى، دەپ ھاقارەتلىگەن.

    بۇ ئىشتىن كېيىن ئۇ سىرتقى دۇنيانىڭ سۆزلىرىگە پەرۋا قىلمايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ رول ئېلىش يولىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى، بارا-بارا ئورۇقلاپ، قايتىدىن دۇنيادىكى گۈزەل ئاياللار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كېيىن ئورۇقلىغان ئاشۋارىيا دۆلىتىمىزنىڭ كىيىمىنى كىيىپ، كاننېس كىنو بايرىمىنىڭ قىزىل گىلىمىدە پەيدا بولۇپ، ھەممە كىشىنى ھەيران قالدۇرغان.

    بۇ يىل 72-نۆۋەتلىك كاننېس كىنو بايرىمىدا، ئاشۋارىيا ئۇچىسىغا ھىندىستان ئۇسلۇبى بىرلەشتۈرۈلگەن ئالتۇن ياپراقچە سۈپەت تۇيغۇسىغا ئىگە مۇراسىم كىيىمى بىلەن پەيدا بولۇپ، كىشلەرنىڭ دىققىتىنى يەنە بىر قېتىم جەلپ قىلدى.

    ئۇ ئىلگىرى لىن جىلىڭ، «تىتانىك» نىڭ باش رولچىسى كەيت ۋىنسلىت بىلەن بىرلىشىپ ئېلان ئىشلىگەن، بۇ ئۈچ چولپان بىر يەردە تۇرسا ئادەم كىمگە قاراشنى بىلمەي قالىدىكەن.


    مەنبەسى :نۇر تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك