• ھىندىستان كىنولىرىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالى

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-08-01 06:44
  • ھىندىستان كىنولىرىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالى

    ھىندىستان كىنولىرى تىلغا ئېلىنسىلا، كۆپچىلىكنىڭ ئىنكاسى ئوخشاش بولمايدۇ، مەسىلەن: ئامىر خان، سالمان خان، شاھرۇھ خان، ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناش، تەسىرلەندۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە ۋەقەلىكلەر ... بۇ بەلگىلەر كۆپ يىللاردىن بۇيان ھىندىستان كىنولىرىنىڭ تاماشىبىنلارغا بەرگەن تەسىرىدەك قىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىرگۈزۈلگەن ھىندىستان كىنولىرىغا نەزەر سالساق، نۇرغۇنلىرى تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىكى مۇھەببەتكە ئايلىنىپ، ئالقىشقا ئېرىشكەن ۋە بېلەت كىرىمى تەڭ ئاشقان نادىر ئەسەرلەرگە ئايلاندى. لېكىن ئىلگىرى ھىندىستان كىنوچىلىقىنىڭ تەرەققىيات يولى ئانچە ئوڭۇشلۇق بولمىغان. بۈگۈن مەن كۆپچىلىككە ھىندىستان كىنولىرىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە ھازىرقى تەرەققىياتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.

    1. ئاساسىي ئېقىم تەرىپىدىن ئەخمەق قىلىنغان.

    ھىندىستان كىنولىرىنى ئىشلەش 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا باشلانغان، 1950-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان، ئەينى ۋاقىتتا ھىندىستاننىڭ دۆلەت ئىچىدىكى غايەت زور ئېھتىياجىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، كىنو ئىشلەش مىقدارى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇلغان ھەمدە كۆپ قىسىم كىنولارنىڭ پايدىسى كۆرۈنەرلىك بولغان. كېيىن تېلېۋىزور ۋە كۆرۈش قاناللىرى ئومۇملىشىپ، نۇرغۇن كىنولار ئېچىنىشلىق زىيان تارتقان. بۇلارنىڭ ئىچىدە بەزى يەرلىك كىنولار ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئوغرى نەشىرنىڭ تەسىرىدە پايدىسى زور دەرىجىدە ئازايغان. 1992-يىلىغا كەلگەندە، ھىندىستان ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىمپورت قىلىنغان فىلىملەرگە بولغان تۈرلۈك چەكلىمىلەرنى توختاتقان، بۇنىڭ بىلەن كۆپلىگەن ھوللىۋود فىلىملىرى تۈركۈملەپ ھىندىستانغا كىرىشكە باشلىغان، ئەسلىدىنلا تەرەققىي قىلىۋاتقان، ئانچە جۇش ئۇرۇپ كەتمىگەن ھىندىستان كىنولىرى يەنە بىر قېتىم تەرەققىياتنىڭ باش ئاغرىقىغا دۇچ كەلگەن. بىرلا ئېغىز گەپكە يىغىنچاقلىساق: ئېچىنىشلىق.

    ئۇ چاغدا ھىندىستان كىنولىرىنىڭ دۇنياغا قالدۇرغان تەسىرى نېمە ئىدى؟ ھىندىستان كىنولىرىنىڭ كۆپ ساندىكى كىشىلەرگە بولغان تەسىرىنى تەسەۋۋۇر قىلساق، تۆۋەندىكى ئامىللارغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناش، قاينام-تاشقىنلىققا چۆمۈش، ۋەقەلىكى، ھەرىكىتى قوپال.

    ئىمپورت قىلىنغان چوڭ فىلىملەرنىڭ ئۈزلۈكسىز تەسىرىدە، ھىندىستان كىنولىرى ئوڭۇشسىز شارائىتتا باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى.

    ئىگىلىنىشىچە، تەخمىنەن 90-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، چەتئەلدە رېژىسسورلۇق كەسپىدە ئوقۇۋاتقان بىر قىسىم ياش رېژىسسورلار ھىندىستانغا قايتىپ كېلىپ، ئىلگىرىكىدەك ئەنئەنىۋىي ھىندىستان كىنو ئەندىزىسىدىن ۋاز كېچىپ، نەزىرىنى رېئال تۇرمۇشقا قارىتىشقا باشلىغان، بۇ دەل بوللىۋودنىڭ قۇرۇلغىنىغا (1995-يىلى ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىدە قۇرۇلغان) ئۇزۇن بولمىغان ۋاقىتلار ئىدى. شۇ چاغدىن باشلاپ، ئەھۋالدا ياخشىلىنىش بولۇپ، ھىندىستان كىنوچىلىقى تەدرىجىي مۇنتىزملىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن بۈگۈنكىدەك پۈتۈن دۇنياغا كەڭ تارقالغان بوللىۋود كىنوسى يوق ئىدى.

    ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك دوكلاتقا ئاساسلانغاندا: 1999-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە بولغان بىر يىل ئىچىدە، ھىندىستاننىڭ كىنو ئېكسپورت قىلىش ئومۇمىي پايدىسى بىر ھەسسىگە يېقىن قاتلانغان. 2001-يىلىغا كەلگەندە، ھىندىستان كىنولىرىنىڭ ئېكسپورتى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن. كىنونىڭ تىجارەت سوممىسىنى ھوللىۋود بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمىسىمۇ، ئەمما ھېلىمۇ ياخشى مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغان بولغانىدى.

    ھىندىستان كىنولىرىنى دۇنيا مىقياسىدا ئالقىشقا ئېرىشتۈرگەن بۇرۇلۇش نۇقتىسى يەنىلا 2009-يىلى پۈتۈن دۇنيادا مىقياسىدا 177 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بېلەت كىرىمى ياراتقان-«نامراتلار مەھەللىسىدىكى مىليونېر».

    بۇ كىنونىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئالقىشقا ئېرىشىشىدىكى سەۋەب بېلەت كىرىمىدە ئەمەس، بەلكى 81-نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدىكى سەككىز تۈرلۈك مۇكاپات ۋە تۆت تۈرلۈك ئالتۇن شار مۇكاپاتىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىدە.

    ئەينى چاغدا ئامېرىكىلىقلار بۇ كىنوغا: «100 نومۇرلۇق كىنو، ۋەقەلىكى كىشىنىڭ ئېسىدىن چىقمايدۇ، يۈز يىلدا بىر كۆرۈلىدىغان كىنو» دەپ باھا بەرگەن. «نامراتلار مەھەللىسىدىكى مىليونېر» مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن ھىندىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سودا كىنولىرىنىڭ خەلقئارادىكى نەتىجىلىرىگە سەل قاراشقا بولمايدىغان بولۇپ قالدى. بۇ سالاھىيەت ۋە ھۆرمەت شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ھىندىستان كىنولىرى بازىرىنىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنى ئۈزۈل-كېسىل ئاچتى. ئۇنىڭدىن كېيىن 2011-يىلى قويۇلغان «ئۈچ ئەخمەق»نىڭ بىر كېچىدىلا داڭقى چىقىپ، «pk»، «دانگال» قاتارلىق كىنولار قوشۇلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ھىندىستان كىنولىرى ھەقىقىي تۈردە دۇنياغا تارقىلىشقا باشلىدى.

    ھىندىستان كىنولىرىنىڭ بىر قانچە ئىنتايىن گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى:

    1. كىنولارنىڭ ئاساسىي تېمىسى بولسا-تەسىرلەندۈرۈش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش.

    ئەمەلىيەتتە ھىندىستان كىنولىرىنىڭ باش تېمىسىغا نەزەر سالساق، مۇھەببەتنى چۆرىدىگەن ھالدا پەيدا بولغان رىغبەتلەندۈرۈش ۋە تەسىرلەندۈرۈش. ئوخشاش ھېكايىنى بىز سۈرەتكە ئالساق، ئوخشاش ھېسسىياتتىكى ھېسداشلىققا ئېرىشەلىشىمىز ناتايىن. لىكىن مەدەنىيەتنىڭ ئۆزگىچىلىكى سەۋەبىدىن بوللىۋودتىكى كىنولار ھېسسىياتنىڭ ئىپادىلىنىش كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ. بەلكىم بۇ ھىندىستان كىنولىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم يېرى بولۇشى مۇمكىن. مەيلى «دانگال» ياكى «ھېق ھېق مۇئەللىم» قاتارلىق فىلىملەر بولسۇن، بىزگە مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئىنچىكە ھىندىستانچە ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بەردى.

    2. پېرسوناژلارنىڭ تەسۋىرى ناھايىتى نەپىس.

    ھىندىستان كىنولىرى پېرسوناژلار تەسۋىرىدىمۇ ناھايىتى ئىنچىكە بولۇپ، مىسال ئالساق، «دانگال» ناملىق فىلىمدە ماخاۋىيا سىنگ پوردىن ئىبارەت بۇ رولنى ياخشى يارىتىش ئۈچۈن، ئامىر خان غايەت زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، ئۇ كىنو ئۈچۈن 138 جىڭدىن 194 جىڭغىچە سەمىرىپ، يەنە بەش ئايدا ئەڭ ياخشى ھالەتنى نامايان قىلىش ئۈچۈن 50 جىڭ ئورۇقلىدى. چەتئەلنىڭ بەزى كىنولىرىغا قارايدىغان بولساق، ئەگەر ئارتىسلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلماقچى بولسا، ئۇلارنىڭ بەدىنىگە ئالاھىدە ئۈنۈم سىزىپ قويسىلا بولدى.

    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پېرسوناژ تەسۋىرىدە يەنە ئىنتايىن ھەقىقىي بولۇپ، «سىرلىق چولپان» فىلىمىدىكى ئانا ئېرىنىڭ قورسىقىدىكى بالىنى ئالدۇرۇۋېتىشىدىن قېچىپ بىر يىلدىن كېيىن ئۆيىگە قايتىشنى تاللايدۇ، ئالتە ياش ۋاقتىدا ئېرىنىڭ پۇلىنى ئوغرىلاپ قىزىغا گىتار ئېلىپ بىرىدۇ، ئۇ يەنە بىردىنبىر ئالتۇن زەنجىرىنى سېتىپ كومپيۇتېر ئېلىپ بىرىدۇ، ئۇ قىزىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بولۇشى كېرەك دەپ قارايدۇ، كىنودا ئۇنىڭ خەت تونۇماسلىقى ھىندىستان ئاياللىرىنىڭ تەربىيەلىنىش پۇرسىتىنىڭ ئاز ئىكەنلىكىنى مەلۇم قاتلامدىن ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.

    3. دائىم «بېلەت كىرىمى شىپالىق دورىسى» بولۇپ قالىدۇ.

    گەرچە بۇنداق دېيىش سەل غەلىتە بولسىمۇ، لېكىن ھەقىقەتەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھىندىستان كىنولىرى كۆپىنچە ۋاقىتلاردا كىنوخانىلارنىڭ بېلەت كىرىمىنىڭ شىپالىق دورىسى بولۇپ كەلدى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە بولغان ئىككى يىل ئىچىدە، ھىندىستان كىنولىرىنىڭ جۇڭگودىكى بېلەت كىرىمى ئۈچ مىليارد يۈەنگە يەتكەن. بۇلتۇر قويۇلغان ھىندىستاننىڭ 10 كىنوسىغا نەزەر سالساق، بۇنىڭ ئىچىدە «سىرلىق چولپان»نىڭ بېلەت كىرىمى ئەڭ ياخشى بولۇپ، 747 مىليون بېلەت كىرىمىگە ئېرىشكەن، «بۇرادەر باجرانگى»، «ھېق ھېق مۇئەللىم»، «باش پەللە» قاتارلىق كىنولار ئوتتۇرھال بېلەت كىرىمى ياراتقان كىنولار ھىسابلىنىدۇ. «ھاجەتخانا قەھرىمانى»، «باخوبالى 2»، «ھىندىستانلىق شېرىك»، «سۇلتان»، «ھىندىستان قاراقچىلىرى»، «102 ياشلىق دادا» قاتارلىق كىنولارنىڭ بېلەت كىرىمى 100 مىليوندىن ئاشمىدى.

    گەرچە، «102 ياش دادا» ناملىق فىلىمنىڭ بېلەت كىرىمى پەقەت 30 مىليون 220 مىڭ يۈەن بولغان بولسىمۇ، ئەمما 2018-يىلى قويۇلغان، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن 200گە يېقىن كىنونىڭ بېلەت كىرىمىمۇ ئانچە يۇقىرى بولمىدى.

    مەنبەسى :نۇر تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك