• ئاپتونوم رايون بويىچە ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى نەمۇنىلىك شەھەر (ناھىيە،رايون)لەرگە نام بېرىش توغرىسىدىكى قارار

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-08-01 06:11
  • ئاپتونوم رايون بويىچە ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى نەمۇنىلىك شەھەر (ناھىيە،رايون)لەرگە نام بېرىش توغرىسىدىكى قارار

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ ئاپتونوم رايون بويىچە ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى نەمۇنىلىك شەھەر (ناھىيە،رايون)لەرگە نام بېرىش توغرىسىدىكى قارارى


    (2019- يىلى 7- ئاينىڭ 27- كۈنى)

    ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى نەمۇنىلىك شەھەر(ناھىيە، رايون) بەرپا قىلىش پائالىيىتى يېڭى مەزگىلدىكى ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ئائىلە تەۋەلىرىگە ئېتىبار بېرىش، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، خەلقنى سۆيۈش خىزمىتى بولۇپ، ئارمىيە - ھۆكۈمەت، ھەربىي - خەلق ئىتتىپاقلىقىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشتىكى ئىجادىيەت. 2015- يىلىدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار ۋە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئارمىيە - ھۆكۈمەت، ھەربىي - خەلق ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى نەمۇنىلىك شەھەر(ناھىيە، رايون) بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولغان ئارمىيە - ھۆكۈمەت، ھەربىي - خەلق مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇردى، زور بىر تۈركۈم ئىككىنى ھىمايە قىلىش بويىچە ئىلغار تىپلار بارلىققا كېلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياخشى بولغان ئارمىيە - ھۆكۈمەت، ھەربىي - خەلق ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملىدى ۋە راۋاجلاندۇردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

    ئىلغارلارنى تەقدىرلەپ، تىپلارنى تەشۋىق قىلىپ، بەرپا قىلىش پائالىيىتىنىڭ چوڭقۇر راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئۈرۈمچى شەھىرى قاتارلىق 43 شەھەر، ناھىيە، رايونغا «ئاپتونوم رايون بويىچە ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى نەمۇنىلىك شەھەر(ناھىيە، رايون)» دەپ شەرەپلىك نام بېرىشنى قارار قىلدى. نام بېرىلگەن ئاپتونوم رايون بويىچە ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى نەمۇنىلىك شەھەر(ناھىيە، رايون)لەرنىڭ سىياسىي شەرەپنى قەدىرلەپ، شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

    ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى قىسىملار ئاپتونوم رايون بويىچە ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى نەمۇنىلىك شەھەر (ناھىيە، رايون)لەرنى ئۈلگە قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ۋە پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ئائىلە تەۋەلىرىگە ئېتىبار بېرىش، ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىش، خەلقنى سۆيۈش شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىنىڭ كۆۋرۈكلۈك، تۈگۈنلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئارمىيە - ھۆكۈمەت، ھەربىي - خەلقنىڭ ئۇيۇل تاشتەك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ھەربىي - خەلق چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك!

    ئاپتونوم رايون بويىچە ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى نەمۇنىلىك شەھەر (ناھىيە، رايون)لەرنىڭ ئىسىملىكى

    بىرىنچى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى نەمۇنىلىك شەھەرلەر (13)

    ئۈرۈمچى شەھىرى، قاراماي شەھىرى، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرى، سانجى شەھىرى، بورتالا شەھىرى، كورلا شەھىرى، ئاقسۇ شەھىرى، قەشقەر شەھىرى، خوتەن شەھىرى، غۇلجا شەھىرى، كۈيتۈن شەھىرى، شىخو شەھىرى

    ئىككىنچى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى نەمۇنىلىك ناھىيەلەر (24)

    پىچان ناھىيەسى، جىمىسار ناھىيەسى، گۇچۇڭ ناھىيەسى، ئارشاڭ ناھىيەسى، خېجىڭ ناھىيەسى، خوشۇت ناھىيەسى، چاقىلىق ناھىيەسى، كۇچا ناھىيەسى، ئاۋات ناھىيەسى، ئۇلۇغچات ناھىيەسى، يېڭىشەھەر ناھىيەسى، قاغىلىق ناھىيەسى، يەكەن ناھىيەسى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى، لوپ ناھىيەسى، گۇما ناھىيەسى، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى، قورغاس ناھىيەسى، كۈنەس ناھىيەسى، ساۋەن ناھىيەسى، تولى ناھىيەسى، قابا ناھىيەسى، چىڭگىل ناھىيەسى، كۆكتوقاي ناھىيەسى

    ئۈچىنچى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى نەمۇنىلىك رايونلار (6)

    ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايون)، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى، قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى

    مەنبەسى :شىنجاڭ گېزىتى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك