• رونالدو: ياۋروپا لوڭقىسىدا تارىمۇشۇم ئۈزۈلۈپ كەتتى دەپلا ئويلىغان ئىدىم

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-08-19 07:38
  • رونالدو: ياۋروپا لوڭقىسىدا تارىمۇشۇم ئۈزۈلۈپ كەتتى دەپلا ئويلىغان ئىدىم

    يېقىندا، كىرىستىيانو رونالدو 2016-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ پايېت تەرىپىدىن سوقۇلغاندا ئۆزىنىڭ تارىمۇشۇم ئۈزۈلۈپ كەتتى، دەپ ئويلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

    كىرىستىيانو رونالدو مۇنداق دېگەن: «مەن بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇنى ئاشكارىلاپ باقمىغان، ئەمەلىيەتتە ياۋروپا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن يېرىم ئاي بۇرۇنلا تىزىمدا بەزى مەسىلىلەر بار ئىدى. مەشىق قىلغاندا ھەمدە يېرىم ھەل قىلغۇچقا قاتناشقاندا ئاغرىق ماڭا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن، بەلكىم ئۇنىڭدىن بۇرۇن يارىلانغان ياكى توپ تەپكەندە بەكرەك كۈچۈۋەتكەن بولۇشۇم مۇمكىن.»

    «ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە سوقۇلغاندىن كېيىن مۇسابىقىدە پورتۇگالىيە ئۈچۈن تۆھپە قوشالمايدىغانلىقىمنى تونۇپ يەتتىم، ئەينى ۋاقىتتا تارىمۇشۇم ئۈزۈلۈپ كەتتى، دەپلا ئويلىغان ئىدىم.»

    2016-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە كىرىستىيانو رونالدو مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەيلە يارىلىنىش سەۋەبلىك مەيداندىن چۈشۈپ كەتكەن، پورتۇگالىيە كوماندىسى بىلەن فرانسىيە كوماندىسى 90 مىنۇتتا تەڭلىشىپ قالدى، پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا ھۇجۇمچىسى ئېدېل قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتا بىر توپ كىرگۈزۈپ پورتۇگالىيە كوماندىسىنى غەلىبىگە ئېرىشتۈردى، بۇ پورتۇگالىيە كوماندىسى ۋە كىرىستىيانو رونالدوغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم چېمپىيونلۇق ھېسابلىنىدۇ.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك