• نېمىشقا ھازىرقى ياشلار شۇنچە خامۇش ياشايدۇ؟

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-08-21 07:46
  • نېمىشقا ھازىرقى ياشلار شۇنچە خامۇش ياشايدۇ؟

    جۇڭگودا قايسى كىشىلەر توپى ئەڭ خامۇش ياشايدۇ؟ بۇنىڭغا قارىتا، ئوخشاش بولمىغان ياش باسقۇچى، ئوخشاش بولمىغان جەمئىيەت قاتلىمىدىكى كىشىلەرنىڭ جاۋابى ئوخشاش بولمايدۇ. بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، 20 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغان مەزگىلدىكى كىشىلەرنىڭ توپى ئۇچرايدىغان روھىي بېسىمى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ياشلاردىن ئىبارەت بۇ كىشىلەر توپى ھەر قايسى ياش باسقۇچىدىكى كىشىلەر ئىچىدە بېسىمغا ئۇچراش جەھەتتە ئەڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. گەرچە جۇڭگو ياشلىرىنى خامۇشلۇق كېسىلىگە ئۇچرىغان ئەڭ چوڭ كوللېكتىپ دېگىلى بولمىغان بىلەن، ئەمما شۇنداق بىر يېڭى ئەھۋالغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك: جۇڭگودا خامۇشلۇق كېسىلى ئاغرىقلىرى بارغانسېرى ياشلاشماقتا.

    دۆلەت ئىچىدىكى خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ياشلارنىڭ كۆپىيىشى ئۇلار ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە دەۋر ئامىلى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. تەتقىقاتچىلار ياشلار دۇچ كېلىۋاتقان بېسىمنى ئىجتىمائىي مۇھىت، خىزمەت بېسىمى، شەخسنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى، ئىقتىسادىي كىرىم، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت، جەمئىيەت قوللىشى، ئائىلە، تۇرالغۇ، پەرزەنتلىرى ۋە ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى قاتارلىق ئون جەھەتكە يىغىنچاقلاپ چىققان. تەتقىقات نەتىجىسىدە يەنە ئىسپاتلىنىشىچە، 20 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغان كىشىلەر توپىنىڭ روھىي بېسىمى ئەڭ ئېغىر ئىكەن.

    ياشلار دۇچ كېلىۋاتقان جەمئىيەت مۇھىتى بېسىمىنى ئاساسلىقى كەلگۈسىدىكى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا بولغان ئېنىقسىزلىق پەيدا قىلغان بولۇپ، بۇ يەنە جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي تىپ ئۆزگەرتىش مەزگىلىدىكى «خاس بېسىمى» دەپ قارالماقتا. 20 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغان كىشىلەر توپى ئوقۇش پۈتكۈزۈش، كەسىپ مەيدانىدا دەسلەپكى قەدەمدە كۈرەش قىلىشقا دۇچ كېلىدۇ، كىشىلىك تۇرمۇش ئەندىزىسى تېخى تۇراقلاشمىغان بولىدۇ، ئېنىق بلمىغان جەمئىيەت ئىقتىسادىي مۇھىتىدا، ياشلار كەلگۈسىنى ئېنىق كۆرۈپ يېتەلمەيدۇ، بۇنداق ناچار ئامىللار ئۇلارنىڭ خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

    ھازىرقى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر ئارا ئالاقىمۇ ناھايىتى قولايلىشىپ كەتتى، ئەمما بۇ خىزمەت بىلەن تۇرمۇشنىڭ چېگراسىنى بەلگىلىك دەرىجىدە غۇۋالاشتۇردى. ھازىر 24 سائەتنىڭ ئىچىدە قاچان چاقىرسا شۇ چاغدا پەيدا بولۇش، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش كەسىپ ساھەسىدىكى نورمال ھالەتكە ئايلاندى. تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، ھەددىدىن زىيادە يانفون ۋە كومپيۇتېر ئىشلىتىش مېڭىنىڭ بوشىشىش ۋە يىغىلىشنى تەڭشەش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۇيقۇ توسالغۇغا ئۇچراش، خىزمەت ئۈنۈمى تۆۋەنلەش قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ، بۇنىڭغا بېسىم قوشۇلسا، ئاسانلا خامۇشلۇق كېسىلى پەيدا بولىدۇ.

    خامۇشلۇقنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئالامەتلىرى تۆۋەندىكىچە: چۈشكۈنلىشىش، قىزىقىشى ئازىيىش، خۇشال بولالماسلىق، زېھنىي كۈچى يېتەرلىك بولماسلىق، ئەھمىيەتسىز ھېس قىلىش، قىممىتى يوق دەپ قاراش، ئۈمىدسىزلىنىش...

    1. چۈشكۈنلىشىش: ئۇزۇن مەزگىل كەيپىياتى چۈشكۈنلىشىش، خامۇش، روھى چۈشكۈن يۈرۈش. يېنىك بولغانلاردا ئىچى پۇشۇش، خۇشاللىق تۇيغۇسى يوق بولۇش، قىزىقىشى ئازىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغانلاردا قاتتىق ئازابلىنىش، ئۈمىدسىزلىنىش، بىر كۈننى بىر يىلدەك ئۆتكۈزۈش، ياشىغاندىن ئۆلگەن ئەلا دەپ قاراش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

    2. ئىرادىسى چېكىنىش: كىلىنىكىلىق ئىپادىلىرى تۇرمۇشتا پاسسىپ بولۇش، ھورۇنلۇق قىلىش، ئىش قىلىشنى خالىماسلىق، ئەتراپتىكى كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشنى خالىماسلىق، دائىم بىر چەتتە يالغۇز ئولتۇرۇش ياكى كۈن بويى يېتىۋېلىش، ئىشىكنى تاقاپ يالغۇز تۇرۇش، يىراقلىشىپ كېتىش، ئۆزىنى چەتكە ئېلىش قاتارلىقلار. ئېغىر بولغاندا يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق ئېھتىياجلارغا ۋە شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلماسلىق، چاچلىرىنى پاخپايتىپ يۈرۈش، ئۆزىنى ئوڭشىماسلىق.

    3. تەپەككۇرى ئاستىلاش: تەپەككۇر سۈرئىتى ئاستىلايدۇ، ئىنكاسى ئاستا بولىدۇ، پىكىر يولى توسۇلۇپ قالىدۇ. كىلىنىكىدا تەشەببۇسكار سۆز قىلىشى ئازىيىدۇ، سۆزلەش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك ئاستىلايدۇ، ئاۋازى تۆۋەنلەيدۇ، جاۋاب بېرىشى قىيىنلىشىدۇ، ئېغىر بولغاندا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بارغىلى بولماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.

    4. بەدەندىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى: ئاساسلىقى ئۇيقۇ توسالغۇغا ئۇچراش، ماغدۇرسىزلىنىش، تامىقى ئازلاپ كېتىش، ئېغىرلىقى تۆۋەنلەپ كېتىش، قەۋزىيەت، بەدەندىكى ئەزالارنىڭ ئاغرىشى، جىنسىي ھەۋەسنىڭ ئاجىزلىشى، جىنسىي ئاجىزلىق، ھەيزنىڭ توختاپ كېتىشى قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بەدەن بىئارام بولغاندا كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، يۈرەك سىقىلىش، كۆكرەك سىقىلىش، تەرلەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ۋېگىتاتىۋ نېرۋىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىشىشىمۇ دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ.

    5. بىلىش ئىقتىدارىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى: ئاساسلىقى يېقىنقى ئىشلارنى ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىش، دىققەت قىلىش كۈچى توسالغۇغا ئۇچراش، ئىنكاس قايتۇرۇش ۋاقتى ئۇزىراش، ھۇشيارلىق، ئابستراكت تەپەككۇر ئىقتىدارى ناچار بولۇش، ئۆگىنىشتە قىينىلىش، تىلى راۋان بولماسلىق، بوشلۇق سېزىمى، كۆز بىلەن قولنى ماسلاشتۇرۇشى ۋە تەپەككۇر جانلىقلىقى قاتارلىق ئىقتىدارلىرىنىڭ چېكىنىپ كېتىشى قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

    خامۇشلۇق كېسىلى ئەمەلىيەتتە قورقۇنچلۇق ئەمەس! قورقۇنچلۇق بولغىنى بىزنىڭ ئۇنىڭغا ئىزچىل بىۋاسىتە يۈزلىنەلمىگەنلىكىمىز، ھەتتا بىز بەزىدە خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ ئۆزىدىن قورقماي، خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىنكى سۆز-چۆچەكلەردىن قورقىمىز. بىز پەقەت ئۇنىڭغا دىققەت-ئېتىبارىمىزنى بېرىپ، ئۇ توغرىسىدا مۇھاكىمە قىلغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا بىلىمگە ئىگە بولالايمىز.

    مەنبەسى :تېڭشۈن




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك