• «يەرشارىنىڭ ئۆپكىسى» شىددەت بىلەن كۆيمەكتە

  • يوللىغۇچى : قەيسەر
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-08-23 01:17
  • «يەرشارىنىڭ ئۆپكىسى» شىددەت بىلەن كۆيمەكتە

    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا «يەرشارىنىڭ ئۆپكىسى» دەپ نام ئالغان ئامازون يامغۇرلۇق ئورمىنى شىددەت بىلەن كۆيۈۋاتقان بولۇپ، ئىس-تۈتەك 3000 كىلومېتىر نېرىسىدىكى شەھەرلەرگىچە يېتىپ بارغان. نەچچە مىڭلىغان دەرەخلەر، ئىسسىق بەلباغ ئۆسۈملۈكلىرى ۋە ھايۋانلار كۈلگە ئايلىنىپ كەتكەن. 8-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇيان بىرازىلىيەدە 9500 قېتىمدىن ئارتۇق ئورمانلىق ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن بولۇپ كۆپىنچىسى ئامازوندا يۈز بەرگەن.

    ئامازون يامغۇرلۇق ئورمىنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يامغۇرلۇق ئورمان بولۇپ، غايەت زور كاربون تۆت ئوكسدنى سۈمۈرۈپ كىلىماتنىڭ ئىسسىپ كېتىشىنى توسىدۇ. ئورماندا مول ئۆسۈملۈك، ھايۋانلار بار بولۇپ تۈرى ئۈچ مىليوندىن ئاشىدۇ. بۇ يەردە يەنە بىر مىليونغا يېقىن ئاھالىلەر بار.

    ھازىرغىچە ئالىملار بىرازىلىيەدە 74 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق ئوت ئاپىتىنى خاتىرىلىگەن. بۇ 2018-يىلىدىكى 40 مىڭ قېتىملىق ئوت ئاپىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە يېقىن. بىرازىلىيە دۆلەتلىك بوشلۇق تەتقىقات ئورنىنىڭ دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ سانلىق مەلۇماتلار بۇ يىلقى ئوت ئاپىتىنىڭ 2018-يىلىدىكىدىن %83 ئاشقانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن. بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا بىرازىلىيەدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئامازون ئىشتاتى جىددىي ھالەتكە كىرگەن.

    ئامېرىكا دۆلەتلىك دېڭىز-ئوكيان ۋە ئاتموسفىرا باشقۇرۇش ئىدارىسى(NOAA)نىڭ بىر پارچە سۈنئىي ھەمراھ سۈرىتىدە كۆرسىتىلىشىچە 8-ئاينىڭ 12-كۈنى ئامازوننىڭ غەربىي قىسىمىدىكى يامغۇرلۇق ئورماندا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن. بىرازىلىيە دۆلەتلىك بوشلۇق تەتقىقات ئورنى 2013-يىلى ئىز قوغلاپ خاتىرىلەشنى باشلىغاندىن بۇيان 2019-يىلى ئوت ئاپىتى ئەڭ كۆپ يۈز بەرگەن رايون بولۇپ قالغان ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئەھۋال تۆت ئايدىن ئاشقان.

    دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يامغۇرلۇق ئورمان ئامازون يەرشارىدىكى كاربون تۆت ئوكسىدنى تىزگىنلەشتە مۇھىم رولغا ئىگە. ھەرقايسى يېشىل ئۆسۈملۈكلەر فوتوسېنتىز ئېلىپ بېرىش داۋامىدا كاربون تۆت ئوكسىدنى سۈمۈرۈپ ئوكسىگىن قويۇپ بېرىدۇ. شۇ سەۋەبلىك بەش مىليون كۋادىرات كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ ئورمان يەرشارىنىڭ ئۆپكىسى دەپ ئاتالغان. بۇ ئورمانلىق يەرشارى ئاتموسفىراسىدىكى %20 ئوكسىگىننى ئىشلەپچىقىرىدۇ.

    ئادەتتە ئامازوننىڭ قۇرغاقچىلىق پەسلى 7-ئايدىن 10-ئايغىچە داۋاملىشىدۇ. 9-ئاينىڭ ئاخىرىدا يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ. بىر يىلنىڭ باشقا ۋاقتلىرىدا نەم ھاۋا ئوت ئاپىتى خەۋپىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. بىراق قۇرغاقچىلىق پەسلىدە ئوت ئاپىتى تەبىئىي سەۋەبلەر تۈپەيلى يۈز بېرىدۇ، مەسىلەن چاقماق دېگەندەك. دېھقان ۋە دەرەخ كەسكۈچىلەرمۇ يەرنى سانائەت ۋە يېزا-ئىگىلىككە ئىشلىتىش ئۈچۈن ئوت قويىدۇ. ئامازوندىكى ئوت بىرازىلىيەنىڭ باشقا رايونلىرىغىمۇ كېڭەيگەن. ئوت ئاپىتىدىن چىققان ئىس-تۈتەك يېقىن ئەتراپتىكى پالا ئىشتاتى ۋە ماتوگرۇس ئىشتاتىغا يامراپ 3000 كىلومېتىر نېرىسىدىكى سان پاۋلو شەھىرىدە قۇياش نۇرىنىمۇ توسۇۋالغان.

    بۇ ھەپتىدىكى ئوت ئاپىتىدىن بۇرۇن يامغۇرلۇق ئورمان بىر ئابىدە خاراكتېرلىك ئىشنى باشتىن كەچۈرگەن. 7-ئايدا ئامازوندىكى دەرەخ كېسىلىش مىقدارى يېڭى يۇقىرى نۇقتا ياراتقان. ئامازون ئورمانلىقى 1345 كىۋادرات كىلومېتىر كېمىيىپ كەتكەن بولۇپ بۇ توكيونىڭ يەر مەيدانىنىڭ ئىككى ھەسسىدىن كۆپرەك ئىكەن. بىرازىلىيە سۈنئىي ھەمراھلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدىن كۆرسىتىلىشىچە ئالدىنقى ئايدا ھەر مىنۇتتا كېمىيىپ كەتكەن ئامازون ئورمانلىقى ئۈچ پۇتبول مەيدانچىلىك كېلىدىكەن. 7-ئايدا ئورماننىڭ كېسىلىش يەرمەيدانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %39 ئاشقان. ئورمانلىقنى كېسىش ئوت ئاپىتى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، دېھقانلار ئوت قويۇپ چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىققا بوشلۇق ئاجراتماقچى بولغاندا بۇ ئوتنى بەزىدە كونترول قىلغىلى بولماي قالىدىكەن.

    كىلىمات ئۆزگىرىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېمپېراتۇرا شارائىتى قۇرغاقچىلىق پەسلىدە تۇيۇقسىز ئوت كېتىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈۋەتكەن. كىلىماتنىڭ ئىسسىپ كېتىشى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئوت كېتىش قېتىم سانى ۋە ئېھتىماللىقىنىمۇ ئاشۇرۇۋەتكەن.

    سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2019-يىلى بەلكىم خاتىرىلەنگەندىن بۇيانقى يەرشارىنىڭ ئۈچىنچى ئىسسىق يىلى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىسسىق ھاۋا شىمالىي يېرىم شارنى تېخىمۇ قۇرغاق قىلىۋەتكەن. قىش پەسلىدىكى قار-مۇزلار ئالدىن ئېرىپ ئىسسىق ھاۋا دەرەخ ۋە تۇپراقتىكى سۇ تەركىبىنى سۈمۈرۈپ كەتكەن. يامغۇر مىقدارى ئازىيىپ ئورمانلىقنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

    يەرشارىنىڭ ئۆپكىسى كۆڭۈل بۆلۈشكە موھتاج. گەرچە ھەريىلى قۇرغاقچىلىق پەسلىدە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ تۇرسىمۇ ئەمما بەزىلەر بۇنى ھەددىدىن زىيادە دەرەخ كېسىشنىڭ ئاقىۋىتى دەپ كۆرسەتكەن. مەيلى قانداقلا سەۋەب بولسۇن ھەممەيلەن مۇھىت ئاسراش ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ ئامازون ئورمانلىقىنىڭ تېزراق ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

    مەنبەسى :نۇر تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك