• رونالدو: مىسسى ئىككىمىز بىر سەھنىدە رىقابەتلىشىۋاتقىلى 15يىل بولدى ، دېدى

  • يوللىغۇچى : قەيسەر
  • ئىنكاسلار :
  • رونالدو: مىسسى ئىككىمىز بىر سەھنىدە رىقابەتلىشىۋاتقىلى 15يىل بولدى ، دېدى

    ئەلكۈيى تەنتەربىيە قانىلى خەۋىرى: كىرىستىيانو رونالدو بىلەن مېسسى 2019/20 مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى چەك تارتىش مۇراسىمىغا بىرلىكتە قاتناشقان بولۇپ، ئىككى كىشىلىك ئورۇن قوشنا بولۇپ، نەق مەيدان رىياسەتچى كىرىستىيانو رونالدونى زىيارەت قىلغان. 

    « سىز بىلەن مېسسى بىر-بىرىڭلارنى سېغىندىڭلارمۇ؟  » دەپ سورىدى رىياسەتچى. 

    كىرىستىيانو رونالدو جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: « بىز بىر سەھنىدىن ئورتاق بەھرىمان بولغىلى 15 يىل بولدى، مەن بۇنىڭدىن بۇرۇن پۇتبول مۇنبىرىدە بۇنداق ئىشنىڭ بار-يوقلۇقىنى بىلمەيمەن، بىز ئىزچىل بىر سەھنىدە مۇسابىقىلىشىپ كەلدۇق، مۇناسىۋىتىمىز ناھايىتى ياخشى، بىز تېخى بىللە كەچلىك تاماق يەپ باقمىدۇق، لېكىن بۇنىڭدىن كېيىن.... رىقابەتلىشىۋاتىمىز، ئۆز ئارا ئالغا ئىلگىرلەيمىز.

      -بوپتۇ، ئەمدى موناكودا بىر يەرگە كەپسىلەر.  رىياسەتچى مەسخىرە ئارىلاش، بىز سىز بىلەن مىسسىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا چىكىنەمسىلەر سوراپ باقساق بولامدۇ؟ 

    « ئۇ مەندىن ئىككى ياش كىچىك، لېكىن ماڭا ئۆچ كىشىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مەن بۇ يەردە قېلىشقا تىرىشىۋاتىمەن. 

    يوۋىنتۇسنىڭ تۇنجى يىلى تىلغا ئېلىنغاندا، كىرىستىيانو رونالدو خۇلاسىلەپ مۇنداق دېدى:

     « ئۇ بىر ئاجايىپ مۇسابىقە پەسلى، ئالاھىدە بىر يىل بولدى، چۈنكى مەن خانلىق مادرىدتا توققۇز يىل تۇردۇم، ئۇ بىر قېتىملىق غايەت زور ئۆزگىرىش.  بۇ يىل ناھايىتى قالتىس بولدى، 3 قېتىم چېمپىيون بولدۇق، مېنىڭ شەخسىي ئىپادەم يامان ئەمەس، يەنە بىر يىل، يەنە بىر قېتىم رېكورت يارىتىلدى.

      ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى ئاتلىتكا بىلەن بىر گۇرۇپپىدا دەپ سورالغاندا، كىرىستىيانو رونالدو« ئۆز مەيدانىدا تەنتەربىيە بىلەن مۇناسىۋەتسىز نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ ماڭا ھۇجۇم قىلماسلىقنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى. 

    « قىزىق نۇقتىلىق كوماندىلار ھامان غەلبە قىلىپ بولالمايدۇ، ئالدىنقى پەسىلدە كىشىلەر بارسېلونا ئۇتىدۇ دەپ قارىغان، ئەمما ئۇلار ئەنفىرىد تەرىپىدىن 4-0 ئۇتتۇرۇپ قويغان. »

    مەنبەسى :تېڭشۈن





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • شىنجاڭ يېڭى تاجىسىمان ۋىروسنى تەكشۈرۈش ھەققىنى 160يۈەنگە تەڭشىدى

    1970-01-01 08:00

  • ئامما بىلەن بىرگە يەپ ، بىرگە تۇرۇپ ، بىرگە ئەمگەك قىلىپ ئامما ئارىسىغا چۈكۈش

    1970-01-01 08:00

  • ﺑﻪزﯨﻠﻪر لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺳﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎزلا ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪا ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺑﯧﻠﯩﺘﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟاﻟﯩﺪۇ، بۇ قانداق ئىش؟

    1970-01-01 08:00

  • توغرا ! مەن ئۇنىڭغا لاتارىيە بېلىتى سوۋغا قىلاي !

    1970-01-01 08:00

  • مەن ئىشىنىمەن ئىتتىپاقلىق كۈچ ، بىز يەنە كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشەلەيمىز

    1970-01-01 08:00

  • پاراۋانلىق لاتارىيە بىزگە ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقلار

    1970-01-01 08:00

  • تۆۋەندە بۇ تۆت خىل دو تىكىش ئۇسۇلىنى لاتارىيەچىلەرگە تونۇشتۇرىمىز

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى لاتارىيە سېتىش نوقتىلىرى يۇقۇمغا پائال قارشى تۇردى

    1970-01-01 08:00

  • ئامەت كەلدى ! ئامەت كەلسە ، قانداق نۇمۇر ئېلىڭ ئوخشاش مۇكاپات چىقىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • پارۋانلىق لاتارىيەسى زىمىستان سۇغۇق قىشتا سىزگە ئىللىقلىق ئېلىپ كەلدى

    1970-01-01 08:00