• زۇلپىقار بىلەن تانزانىيە بوكىس شاھى مۇسابىقىسى ئەلكۈيىدە بىۋاستە تارقىتىلىدۇ

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى爱酷艺网
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-08-30 02:42
  • زۇلپىقار بىلەن تانزانىيە بوكىس شاھى مۇسابىقىسى ئەلكۈيىدە بىۋاستە تارقىتىلىدۇ


    ئەلكۈيى بىۋاستە تارقىتىش قانىلى خەۋىرى: 8-ئاينىڭ 30-كۈنى، WBA ئاسىيا دەرىجىدىن تاشقىرى ئوتتۇرا دەرىجىلىكلەر بوكس شاھى زۇلپىقار مۇھەممەتئېلى تانزانىيە بوكىس شاھى  ئابۇدارا پازۋاپاز بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، ئىككى نەپەر بوكىس شاھى  WBO ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى قىتئەلەر ئارا ئالتۇن كەمىرىنى تالىشىدۇ، بۇ يارا سەۋەبىدىن مۇسابىقىدىن چېكىنگەن زۇلپىقارنىڭ بىر يىلدىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق ئالتۇن كەمەر مۇسابىقىسى بولۇپ ، بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنى شىنجاڭدىكى تېخىمۇ كۆپلىگەن ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ دەل ۋاقتىدا كۆرىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەقسىتىدە ، ئەلكۈيى بىۋاستە تارقىتىش قانىلى 30-چىسلا بېيجىڭ ۋاقتى 19:00دىن باشلاپ زۇلپىقار بىلەن تانزانىيە بوكىس شاھىنىڭ مۇسابىقىسىنى ۋىدىئولۇق شەكىلدە بىۋاستە تارقىتىدۇ.

      تانزانىيەدىن كەلگەن ئابۇدالا  زۇلپىقاردىن بىر ياش چوڭ بولۇپ، 25 قېتىم غەلبە قىلىپ، ئالتە قېتىم ئۇتتۇرۇپ، بىر قېتىم تەڭلىشىشتەك نەتىجىگە ئېرىشكەن،  22 KO قىلىپ غەلبە قىلغان ، KO نىسبىتى% 67 كە يەتكەن ماھىر ، تانزانىيەدە 1-ئورۇندا تۇرىدۇ. دۇنيا بويىچە 121-ئورۇندا تورىدۇ.  ئۇ قاتتىق زەربە بەرگەندىن سىرت، سۈرئىتىمۇ ئەۋزەللىككە ئىگە. 
    2018-يىل 12-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى WBF قىتئەلەر ئارا بوكس مۇسابىقىسىدە، ئابۇدالا مۇشۇ ئىككى جەھەتتىكى ئەۋزەللىككە تايىنىپ، 6-قېتىملىق ئۇچرىشىشتا KO قىلىپ رەقىبى فرانسىس چېكانى مەغلۇب قىلغان ھەمدە  WBF قىتئەلەر ئارا ئالتۇن كەمىرىنى قولغا كەلتۈرگەن، بۇ قېتىمقىسى ئۇنىڭ ئالتۇن كەمەرنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىنكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى. 
    زۇلپىقارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ قېتىملىق رەقىبىنىڭ  كەسپىي نەتىجىسى ئۆزىدىن ئۈچ ھەسسە ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، زۇلپىقار  قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان تېمىغا ئايلاندى.
      زۇلپىقارنى زىيارەت قىلغاندا ئۇ ئۆزىگە ناھايىتى ئىشەنگەن ھالدا: « گەرچە ئۇنىڭ مۇشتى ناھايىتى ئېغىر، سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولسىمۇ.  لېكىن مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، مېنىڭ مۇشتۇم تېخىمۇ ئېغىر، مەنمۇ نۇرغۇن مەشىق قىلدىم، مەن چوقۇم KO بىلەن رەقىبىمنى مەغلۇب قىلىمەن دېدى.

    8-ئاينىڭ 30-كۈنى زۇلپىقار يەنە بىر قېتىم مۇشتۋازلىقىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىدىغان سەھنىگە چىقىپ، ئەينى يىلى ئالالمىغان WBO ئاسىيا قىتئەلەر ئارا ئالتۇن كەمىرىنى تالىشىدۇ، بۇ قېتىم ئۇنىڭ كۆزى تېخىمۇ مۇستەھكەم، ئېتىقادى تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇپ، دۇنيا بوكس شاھى ئارزۇسىنى قەدەممۇ-قەدەم ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك! 

    بۇنىڭدىن باشقا، تىلغا ئېلىشقا تىگىشلىك يەنە بىر نوقتا شۇكى ،شىنجاڭدىن بارغان  بوكس ئىتتىپاقى چولپىنى WBC/WBA ئاسىيا قىتئەلەر ئارا بوكىس شاھى  ئېلشات مۇ ياپونىيە بوكسچىسى مۇرا بىلەن مۇسابىقىلىشىدىغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ بىرلىكتە WBC/IBO ئاسىيا بويىچە ئالتۇن كەمەرنى تالىشىدۇ.ئەلۋەتتە ئېلشاتنىڭ مۇسابىقىسىمۇ ئەلكۈيىدە داۋاملىق بىۋاستە تارقىتىلىدۇ.

      « شىنجاڭدىكى ئىككى داڭلىق بوكىسچى » تەڭ ئوتتۇرىغا چىقسا، قانداق ئوت ئۇچقۇنى چىقىدۇ؟ بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارغا قىززىقسىڭىز ،   8-ئاينىڭ 30-، 31-كۈنلىرى سائەت 19:00 دا ئەلكۈيىدە ماس قەدەمدە تارقىتىلىدىغان  زۇلپىقار بىلەن تانزانىيە بوكىس شاھىنىڭ ۋە ئېلشات بىلەن ياپڭنىيە بوكىس شاھىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈشنى ئونۇتماڭ!

    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك