• مەڭگۈگە ساختا تىرىشچان بولۇۋالماڭ، بۇ ئۈچ ئالاھىدىلىك سىزدە بولمىسۇن

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-09-27 02:00
  • مەڭگۈگە ساختا تىرىشچان بولۇۋالماڭ، بۇ ئۈچ ئالاھىدىلىك سىزدە بولمىسۇن

    تۇرمۇشتا ياكى ئۆگىنىشتە بىز مۇنداق بىر قىزىقارلىق ھادىسىنى بايقايمىز: بەزىلەر قارىماققا ئىنتايىن تىرىشچان، خىزمەت ۋە ئۆگىنىش جەھەتتە ھەمىشە ئىنتايىن كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلغاندەك كۆرۈنىدۇ، لېكىن ئۈنۈمى ئىنتايىن ناچار بولىدۇ. ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋە ئۆگىنىش ئۈنۈمى ھەمىشە تۆۋەن بولىدۇ، يەنە كېلىپ يەنىمۇ ئۆرلەپ تەرەققىي قىلىشىمۇ تەس بولىدۇ.

    ئەمەلىيەتتە، بۇ كىشىلەر ھەقىقىي تىرىشچان ئەمەس، ئۇلار پەقەت تىرىشچان بولۇشنى ئويلايدۇ خالاس، مەن چوقۇم تىرىشىشىم كېرەك، دېگەندەك پىسخىكىلىق بېشارەتلەر ئۇلارنى ئۈزلۈكسىز تىرىشىشقا دەۋەت قىلىدۇ، بۇ خىل ھادىسە ساختا تىرىشچانلىق دەپ ئاتىلىدۇ.

    ئۇنداقتا، ئۇلارنىڭ قانداق ئومۇميۈزلۈك ئالاھىدىلىكى بار؟ پىسخولوگلار ساختا تىرىشچان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىدە بار بولغان تۆۋەندىكىدەك ئۈچ ناچار ئادەتنى يەكۈنلەپ چىقتى.

    ئۆزىگە ھېسداشلىق قىلىپ، ئۆزىدىن تەسىرلىنىش.

    ئالدى بىلەن ئۆزىنى بىلىشنىڭ توغرىلىقى كەمچىل، دائىم ئۆزىنى تەسىرلەندۈرىدۇ، ئاممىباب قىلىپ ئېيتقاندا، ھەمىشە ئۆزىگە ھېسداشلىق قىلىدۇ، ئۆزىگە ئىچ ئاغرىتىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يوقىتىدۇ. مۇنداق بىر جۈملە تولىمۇ توغرا ئېيتىلغان: بىر ئادەم ھورۇنلۇق قىلغىلى ئۇزۇن بولغان بولسا، ئازراق تىرىشسىلا، ئۆزىنى جان تىكىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ. ساختا تىرىشچان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارمۇ ئوخشاشلا تىرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، لېكىن ئۇلار كۆپ ھاللاردا ئوبيېكتىپ ئومۇمىي ئەھۋال ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىنى ئۆزىنىڭ تىرىشقان-تىرىشمىغانلىقىنىڭ ئۆلچىمى قىلىدۇ. شۇڭا، ئۇلار مەلۇم خىزمەت، ئۆگىنىش پىلانىنى تۈزۈپ بولغاندىن كېيىن ھەمىشە ئۈنۈملۈك ھالدا يولغا قويالمايدۇ.

    پىسخولوگىيە جەھەتتە، بۇ خىل ئەھۋال ئادەتتە ئۆزىنى بىلىش (self-cognition)نىڭ كەمچىللىكىنىڭ ئىپادىسى.

    بۇ خىلدىكى كىشىلەردە ئۆز ئىقتىدارى، ھالىتىگە ئوبيېكتىپ باھا بېرىش ئومۇميۈزلۈك كەمچىل بولىدۇ، ئۇلار خىزمەت ۋە ئۆگىنىشتە ھەمىشە ئۆزىنىڭ ئوبيېكتىپ شارائىتىغا قارىماي ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى نىشاننى قوغلىشىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىق دەرىجىسىگە توغرا باھا بەرمەي، ئەڭ ئاخىرىدا ۋاز كېچىدۇ. يەنە كېلىپ، ئۇلارنىڭ سۇبيېكتىپ ئارزۇسى كۆپ ھاللاردا ئاكتىپ بولغاچقا، ساختا تىرىشچان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى پىلان تۈزۈش ۋە ۋاز كېچىشنىڭ ئۈزلۈكسىز ئايلىنىشى ئىچىدە تۇرغاچقا، تەبىئىي ھالدا چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدۇ.

    پىسخولوگىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش ئۇسۇلى بولسا ئوبيېكتىپ ھالدا ئۆزىنى بىلىش، پىلان تۈزگەندە ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا ئاساسەن، تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلۇققا تەدرىجىي ئىلگىرىلەپ، نەزىرى ئۈستۈن، ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇش ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش.

    دىققەت قىلىش دەرىجىسى تۆۋەن، ئىش ئۈنۈمىمۇ تۆۋەن.

    ئۇنىڭدىن قالسا ئۈنۈمنىڭ تۆۋەن بولۇشى. تەپەككۇر ئۇسۇلى، بېرىلىش دەرىجىسى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە ئامىللار تۈپەيلىدىن، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىش بېجىرىش ئۈنۈمى بولىدۇ.

    بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسلىق چەكلەش ئامىلى دىققەت قىلىش دەرىجىسى بولۇپ، بەزىلەر خىزمەت ۋە ئۆگىنىشتە پۈتۈن دىققىتى ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىدۇ. بۇنداق بولغاندا گەرچە سەرپ قىلغان ۋاقتى كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداپ بولىدۇ.

    يەنە بەزىلەر ئىش قىلغاندا ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ كاشىلىسىغا ئاسانلا ئۇچراپ، ۋەزىپە بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنى قىلىپ، ۋەزىپە بىلەن مۇناسىۋەتسىز مەزمۇنلارنى ئۈزلۈكسىز ئويلايدۇ، بۇنداق بولغاندا، ۋاقىت كۆپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما قىلغان ئىشىنىڭ تايىنى چىقمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىنغاچقا، ئادەمدە بۇ جەرياندا بىر خىل چىنلىق تۇيغۇسىدىكى ساختا كۆرۈنۈش پەيدا بولۇپ، بۇ ئىشتىن كېيىنكى كرىزىسنى تېخىمۇ ھېس قىلالمايدۇ.

    ئىككىنچىدىن، ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇل بىلەن تەپەككۇر ئەندىزىسى ئوخشاش بولمىغان ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىگە ئىگە، بۇ نۇقتا بىلىم ئۆگىنىش جەريانىدا ئىنتايىن روشەن ئىپادىلىنىدۇ. ئېنگلىز تىلى ئۆگىنىشنى مىسالغا ئالساق، بەزىلەر مەنىسىنى چۈشىنىش ۋە باغلانما تەسەۋۋۇر قىلىپ ئەستە ساقلاش ئۇسۇلىغا تايىنىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆپ مىقداردىكى سۆزلۈكلەرنى ئەستە ساقلىيالايدۇ، شۇنداقلا ئاسانلىقچە ئۇنتۇپ قالمايدۇ؛

    بەزىلەر بولسا ئۆلۈك ھالدا تەكرار يادلايدۇ، ئوقۇيدۇ، يازىدۇ، ۋاقىت ۋە زېھنىنى كۆپ سەرپ قىلىدۇ، ئەمما بۇنىڭ تىل ئۆگىنىشكە بولغان ئەمەلىي ياردىمى ناھايىتى ئاز بولىدۇ. شۇڭا، بىز ئىش قىلغاندا چوقۇم توغرا ئۇسۇلنى قوللىنىشقا دىققەت قىلىشىمىز، مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇشتا يېتەرلىك تەپەككۇر قىلىشىمىز، قارىغۇلارچە ئىش قىلماسلىقىمىز، نۇرغۇن ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماسلىقىمىز كېرەك.

    مەلۇم بىر خىل ئىقتىدارنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ھەددىدىن زىيادە ئىنتىلىش.

    ھازىرقى جەمئىيەتتە بىر ئادەمنىڭ ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىگە باھا بېرىشتە مەلۇم بىر مۇستەقىل تەرەپ ئەمەس، بەلكى ئۇنىۋېرسال ساپا ئاساس قىلىنىدۇ. گەرچە بىز دائىم ھۈنەر-كەسىپتە مەخسۇس تەتقىقات بولىدۇ دەپ تەكىتلەپ كەلگەن بولساقمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ئۇنىۋېرسال ساپانىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشى ئاساسىغا قۇرۇلغان. بىز شۇنى ئېنىق تونۇشىمىز كېرەككى، بىر ئادەمنىڭ يۈكسەكلىكىنى ھەقىقىي بەلگىلەيدىغىنى يۇقىرى چەك ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ تۆۋەن چېكى، سىزنىڭ مەلۇم جەھەتتىكى مۇنەۋۋەرلىكىڭىز گۈل ئۈستىگە گۈل كەلتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ، لېكىن سىزنىڭ مەلۇم بىر روشەن كەمچىلىكىڭىز كۆپ ھاللاردا باشقىلارنىڭ سىزگە بولغان قارىشىنى بەلگىلەيدۇ.

    پىسخولوگىيەدىكى چېلەك ئېففىكتى (Cask effect) بىزگە ھەقىقىي كەسىپ ئېگىزلىكىنى بەلگىلەيدىغىنى بىزنىڭ كەمچىلىكىمىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. نۇرغۇن ساختا تىرىشچان كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك ئالغا ئىنتىلىش روھى ۋە ئۆزىدىكى كەمتۈكلۈكتىن قورقۇش پىسخىكىسى تۈپەيلىدىن، كۆپ ھاللاردا مەلۇم بىر جەھەتتىكى تەرەققىيات ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا ئېرىشىدۇ ھەمدە يۈزەكى ئەۋزەللىكتىن بىخۇدلىشىپ، ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىغا سەل قارايدۇ، شۇنىڭ بىلەن خىزمەت ئەمەلىيىتىدە ھەممە يەردە تۇمشۇقىغا يەپ يۈرۈيدۇ.

    باشقىلارنىڭ قارىشىچە، ساختا تىرىشچان كىشىلەر ھامان تىرىشىپ كۈرەش قىلىدۇ، ھەمىشە ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىدۇ. لېكىن ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى ۋە تىرىشىش نىشانىنى توغرا چۈشەنمەيدۇ، ئۈنۈملۈك ئۇسۇلمۇ كەمچىل، نەتىجىدە ھەمىشە مەغلۇبىيەت كېلىپ چىقىشتەك ئاقىۋەتكە دۇچ كېلىدۇ. ساختا تىرىشچانلىقنىڭ ئاقىۋىتى بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالمايدۇ، نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھنىي كۈچنىڭ سېلىنمىسى بولغاچقا، ئۇلار تېخىمۇ كۆپ بەدەل تۆلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇقەررەر ھالدا ئۆزىگە تېخىمۇ يۇقىرى ئۈمىد باغلايدۇ، مەغلۇپ بولغان ھامان، تېخىمۇ زور مەغلۇبىيەت تۇيغۇسى ۋە كۈچلۈك چۈشكۈنلۈكتىن دېرەك بېرىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئىلگىرىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئېغىر دەرىجىدە زەربىگە ئۇچرايدۇ، شۇڭا بىر يىقىلىپلا ئورنىدىن تۇرالمايدۇ.

    تۇرمۇشتا، ساختا تىرىشچانلىق ئېنىقكى ۋاقىت ۋە ھاياتنى ئىسراپ قىلغانلىق، ئۇ ھورۇنلۇق ئەمەس، بەلكى ھورۇنلۇقتىن تېخىمۇ قورقۇنچلۇق قىلمىشتۇر؛ ئۇ ئوخشاشلا تىرىشچانلىقمۇ ئەمەس، لېكىن تىرىشچانلىقتىنمۇ كۆپ بەدەل تۆلەيدىغان ھەرىكەتتۇر.

    مەنبەسى :نۇر تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك