• ئەنجىلىنا جۇلى زىيارەتتە بىز ئاياللارنى ھۆرمەت قىلىدىغان ئەرلەرگە موھتاج، دېدى

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-10-03 02:14
  • ئەنجىلىنا جۇلى زىيارەتتە بىز ئاياللارنى ھۆرمەت قىلىدىغان ئەرلەرگە موھتاج، دېدى


    ھوللىۋودنىڭ گىگانت چولپىنى ئەنجىلىنا جۇلى داڭلىق ژۇرنال «Elle»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بالىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى، ئۇلارغا كۈچلۈك ئىرادە ۋە نىسبەتەن كۈچلۈك ماسلىشىش ئىقتىدارى بولغاندا ئاندىن ھازىرقى دۇنيادا ئورۇن تىكلىيەلەيدىغانلىقى ھەققىدە تەربىيە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

    ئۇ زىيارەتتە ئۈچ ئوغلىنى ماختىغان، ئۇلار 17 ياشلىق مادوكىس، 15 ياشلىق پەكىس، 11 ياشلىق نوكس، ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

    «مەن ئوغۇللىرىمنىڭ ھازىرقىدەك كۈچلۈك ئەركەككە ئايلانغانلىقىدىن پەخىرلىنىمەن، ئۇلار ئاچا-سىڭىللىرىنى ھۆرمەتلەيدۇ، ھەمدە بۇ ئارقىلىق ھۆرمەتكە ئېرىشىشنى بىلىدۇ.»

    ئۇ يەنە ئۈچ قىزى: 14 ياشلىق زاھارا، 13 ياشلىق شىلو، 11 ياشلىق ۋىۋىيەن ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھەمىشە ئۇلارغا ئەڭ مۇھىم بولغان ئىشنىڭ ساغلام ئەقىلگە ئىگە بولۇش ئىكەنلىكىنى دەيمەن، سىز مەڭگۈ چىرايلىق كىيىنسىڭىز بولىدۇ، ئەمما سىزنىڭ نېمە كىيىشىڭىز ئۇنچە مۇھىم ئەمەس. ئاياللارنىڭ ئاڭلىق بولۇشى ۋە ئۆزىگە خاس قارىشى بولۇشى ئادەمنى ئۆزىگە ئەڭ مەپتۇن قىلىدۇ.»

    ئۇ 17-ئەسىردە «ئايال پېرىخون» نامى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ئاياللار ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «‹رەزىل ئايال› دەپ قارالغانلار جەمئىيەتتىكى ئادىلسىزلىق ۋە خورلىنىشقا ئۇچراپ، بۇنداق نائادىل قائىدە-تۈزۈمگە بويسۇنماسلىقنى تاللىغان ئاياللار، ئۇلار ئادىمىيلىك ھوقۇقىدىن ۋاز كەچمىگەن، ھەتتا ھاياتىي خەۋپكە ئۇچرىسىمۇ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلالىغان ئاياللاردۇر.»

    ئۇزۇن يىل باسۇرۇپ قويۇشقا ئۇچرىغان ئاياللار ئاخىرى ئۆزىگە قىلىنغان نائادىل مۇئامىلىگە قارشى تۇرىدىغان بولغان، شۇڭا جۇلى ئەينى زاماندىكى «رەزىل ئايال» دەپ قارالغانلارنى ماھىيەتتە ئايال قەھرىمان دەپ قارايدۇ.

    ئۇ ھازىرقى زامان ئاياللىرىنى بىرلىككە كېلىشكە چاقىرىدۇ: «ئەگەر ئۇلار رەزىل دېيىلسە، دۇنيا بۇنداق رەزىل ئاياللارغا كۆپلەپ موھتاج، لېكىن مەن ئاياللارنى كۈنبويى جەڭلىشىپلا ياشىسۇن دېمەكچى ئەمەس، بىز باشقىلارغا مۇلايىم، نازاكەتلىك، مۇھەببەتلىك مۇئامىلە قىلىشنى خالايمىز، كىممۇ كۈرەش قىلىپلا ياشاش ئۈچۈن تۇغۇلغان ئىكەن؟ بىز ئۆز-ئارا قوللاش ئارقىلىق كۈچكە ئېرىشەلەيمىز، بىز ئاياللارنى ئېتىبارغا ئالىدىغان، ھۆرمەتلەيدىغان، ئۆزى بىلەن تەڭ قىممەتتە دەپ قارايدىغان ئەرلەر بىلەن ھەمكارىلىشىشقا موھتاج.»

    مەنبەسى :نۇر تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك