• نېمىشقا ئەرلەرگە ساقال چىقىدۇ؟

  • يوللىغۇچى : قەيسەر
  • ئىنكاسلار :
  • نېمىشقا ئەرلەرگە ساقال چىقىدۇ؟

    نېمىشقا ئەرلەرگە ساقال چىقىپ، ئاياللارغا ساقال چىقمايدۇ؟ بۇ ئادەم بەدىنىدىكى ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئادەتتە ياشلىق مەزگىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا ساغلام ئەرلەرنىڭ ھەممىسىگە ساقال چىقىدۇ، ئەڭ دەسلەپتە يۇمران ھەم ئاز بولىدۇ، كېيىن بارا-بارا يىرىك ھەم قويۇق چىقىدۇ. ھازىرقى زامان مېدىتسىنادا بايقىلىشىچە، بۇ ۋاقىتتا ئەرلەرنىڭ بەدىنى بىر قەدەر كۆپ ئەرلىك ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقارغاچقا، چاچ ۋە مويلار ھەم قارا ھەم يىرىك بولىدۇ، ساقال بۇرۇتنىڭ چىقىشى دەل بۇنىڭ تىپىك ئالامەتلىرىدۇر.

    ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى ئاياللىق ھورمۇن بۇ ۋاقىتتا مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ، ئەرلىك ھورمۇنىنىڭ سانى ناھايىتى ئاز بولىدۇ، شۇڭا مويلارنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى ئەرلەرنىڭكىگە يەتمەيدۇ. ئەرلەرنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا ئۇلارنىڭ چېچى ۋە مويى بىر قەدەر ئىنچىكە، رەڭگىمۇ سۇسراق بولىدۇ، شۇڭا ئاياللاردا قويۇق ھەم يىرىك قارا ساقال چىقمايدۇ. ۋاھالەنكى بەزى ئاياللاردا ياشلىق مەزگىلىدە «ساقال-بۇرۇت» ئۆسىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ، ئۇلار بۇنىڭدىن ناھايىتى خىجىل بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ساقال ئەمەس، بەلكى ئېغىزىنىڭ ئەتراپىدىكى تەر مويلىرى بىر قەدەر قويۇق بولغانلىقتىن شۇنداق بولىدۇ، سالامەتلىككە تەسىرى بولمايدۇ، ئادەتتە ياشلىق مەزگىلى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىدۇ .

    ئەرلەرنىڭ ئاۋازى 13 ياش ئەتراپىدا ئۆزگىرىدۇ، چۈنكى كۆپ قىسىم يېتىلىش 13 ياشتىن بۇرۇن يېتىلىدۇ. ئەرلەر 65 ياشتىن ئاشقاندا ئاۋازىدا يەنە بىر قېتىم ئۆزگىرىش بولىدۇ، ئاۋاز تۈسى يۇقىرىلاپ، ئاۋازى تىترەپ چىقىدىغان بولۇپ قالىدۇ.


    مەنبەسى :نۇر تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى قاتارلىقلار جىبو كەسپىنى مەخسۇس تۈزىمەكچى

    1970-01-01 08:00

  • كىچىك چولپان سەفىيەدىن بايراملىق سوۋغا « قونچۇغۇم »

    1970-01-01 08:00

  • ما ئەپەندىم « قوش رەڭلىك توپ» ئۇيۇنىدا 260 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • مەردان مىجىتنىڭ ئەڭ يېڭى سۈرەتلىك ناخشىسى«شەلىرىڭدە ئوينايلى» تارقىتىلدى

    1970-01-01 08:00

  • 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى ئالاھىدە لاتارىيە بېلىتى : «ئەتىرگۈل كېلىشىمى»

    1970-01-01 08:00

  • پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ كۈرۈپ بېقىشن ئويلىغان لاتارىيەچى 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئانا بۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ئامەتلىك قىز 20 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • تەلەي سىناپ باقماقچى بولغان ئامەتلىك لاتارىيەچى بىر مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ياش ھەم كېلىشكەن قازاق يىگىتىگە 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقتى

    1970-01-01 08:00

  • لاتارىيە سېتىۋالسا چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بولامدۇ-يوق؟ لى ئەپەندىم بۇ سوئالغا ياخشى جاۋاب بەردى

    1970-01-01 08:00