• ئامەتلىك لاتارىيەچىلەر 400 مىڭ يۈەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈي تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-10-03 03:23
  • ئامەتلىك لاتارىيەچىلەر 400 مىڭ يۈەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    تارباغاتايدىكى لاتارىيەچىلەر يېقىندا خۇشاللىققا چۆمدى، يېڭىلا ئۆتۈپ كەتكەن ئاۋغۇستتا ئېيىدا« جۇڭگو ئەجدىھاسى» ناملىق 20 يۈەنلىك لاتارىيە بېلتىدە كادىلاك ماركىلىق ئاپتوموبىل چىقتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئامەت 9-ئايغىچە داۋاملاشتى.  9-ئاينىڭ 10-كۈنى، تارباغاتاي ۋىلايىتى دۆربىلجىن ناھىيەسى 65422103 لاتارىيە سېلىش نۇقتىسىدىن لاتارىيەچى ياۋ ئەپەندى بىلەن لۇ ئەپەندى بىرلىشىپ بىر پۈتۈن 10 يۈەنلىك « جۇڭگو ئەجدىھاسى» نۇسخىدىكى لاتاريىە بېلىتى سېتىۋېلىپ، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ بۇ بېلەت تۈرىدە تۇنجى قېتىم 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كىشى بولدى، مۇكاپات سوممىسى 400 مىڭ يۈەنگە يەتتى.
    9-ئاينىڭ 10-كۈنى ياۋ ئەپەندى بىلەن لۇ ئەپەندى دۆربىلجىن ناھىيەسىدىكى 65422103 پاراۋانلىق لاتارىيە سېتىش نۇقتىسىغا كەلدى، ئىككەيلەن نەچچە كۈن بۇرۇن پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ« جۇڭگو ئەجدىھاسى» نىڭ بەش يۈەن ۋە ئون يۈەن قىممىتىدىكى ئىككى خىل مۇكاپات چىقىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ، ھەر بىر « جۇڭگو ئەجدىھاسى» نىڭ قوشۇمچە مۇكاپات تارتىش كارتىسىى قۇشۇپ بېرىلىپلا قالماي يەنە ئىككى چوڭ تەلەي مۇكاپاتى ئېلىش پۇرسىتىدىن بار ئىدى ، بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات سوممىسى 100 مىڭ يۈەن ۋە 400 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. بۇ مۇكاپاتلار ياۋ ئەپەندى بىلەن لۇ ئەپەندىنى قاتتىق جەلىپ قىلغان بۇلۇپ ، ئۇلار ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويماسلىق ئۈچۈن بىرلىشىپ 10 يۈەنلىك جۇڭگو ئەجدىھاسىنى سېتىۋېلىشنى قارار قىلغان. 
    لاتارېيە بېلىتىنى ئالغاندىن كېيىن، ئىككىيلەن كۆڭلى يايراپ كەتتى. بىر پارچە، ئىككى پارچە، ئۈچ پارچە.... نەچچە پارچە قىرىپ بولغانلىقىنىمۇ بىلمەي تۇرغاندا، لۇ ئەپەندى يۇقىرى ئاۋازدا: « چىقتى! » دېدى.  تېز قاراڭ!  چىقتى ! « مېنىڭ نومۇرۇم» بىلەن« مۇكاپات چىققان نومۇر» پۈتۈنلەي بىردەك  ئىكەن ، ھەممىسى 14!  ياۋ ئەپەندى دەرھال لاتارىيە بېلىتىنى ئېلىپ جەزىملەشتۈرۈپ: « ھەي!  بۈگۈن تەلىيىمىز كەلدى، بىزگىمۇ مۇكاپات چىقتى، يەنە كېلىپ 400 مىڭ يۈەنلىك مۇكاپات چىقتى! » ، ئىككىيلەن بايا تېخى ماشىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن لاتارىيەچىگە ھەۋەس قىلىۋاتاتتى !  ئويلىمىغان يەردىن بۇ ئىككەيلەنمۇ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى ، بۇ خۇشاللىق بەك تۇيۇقسىز كەلدى!
    مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىككىيلەن خۇشال بولۇپ، دەرھال ئاپتوموبىل بىلەن تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى، ياۋ ئەپەندى مۇنداق دېدى: « بىزنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىمىزنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، بىز ئەسلىدە قىزىل بولاق بىلەن ئۈچۈن بارغان ئىدۇق، نەتىجىدە يەنە كۈتۈلمىگەن نەتىجىگە ئېرىشتۇق، بۇ ھەقىقەتەن بىزگە زور خۇشاللىق بولدى! بىز مەسلىھەتلىشىپ بولدۇق ، بىز ئىككىمىز بۇ پۇلنى ئىككى قىسىمغا بۆلۈپ بىر قىسمىنى ئۆزىمىز ساقلايمىز، يەنە بىر قىسمىنى بىرلىشىپ لاتارىيە سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىشنى مەسلىھەتلەشتۇق، چۈنكى بىزنىڭ ئورتاق قىزىقىشىمىز بار، ئۇ بولسىمۇ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ لاتارىيە بېلىتىنى قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش! »  

    مەنبەسى :شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك