• پاراۋانلىق لاتارىيەسى 3D ئويۇنى لاتارىيەچىلەرنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشتى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈي تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-10-03 05:04
  • پاراۋانلىق لاتارىيەسى 3D ئويۇنى لاتارىيەچىلەرنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشتى

    گۈزەل كۈز پەسلىدە، جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى 3D ئويۇنى شىنجاڭ رايونىدا 20 مىليون يۈەن مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى قىزغىن قانات يايدۇرۇلماقتا، فۇكاڭ شەھىرىدىكى لاتارىيەچىلەرمۇ بايراملىق نەپكە ئېرىشىپ كەلمەكتە، ئەر-ئايال، قېرى-ياش ھەممەيلەننىڭ سېتىۋېلىش قىزغىنلىقى كۈندىن-كۈنگە يۇقىرى بولماقتا.

    فۇكاڭ شەھىرى 65232603 پاراۋانلىق لارتارىيە سېتىش نۇقتىسىنىڭ سېتىش خادىمى لى خانىم مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى 3D مۇكاپاتى پائالىيىتىنىڭ پۇرسىتى ناھايىتى تەستە قولغا كەلگەن، كۆپچىلىككە نىسبەتەن تونۇش بولغان« تاق تاللاش» ، « گۇرۇپپلاپ ئۈچنى تاللاش» ، « گۇرۇپپىلاپ ئالتىنى تاللاش » تىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئويناش ئۇسۇلى بويىچە مۇكاپات بېرىلىدۇ ، مەيلى ھەسسىلەپ دو تىكىش ياكى نومۇر قوغلاش بولسۇن، ھەممىسى لاتارىيەچىلەرنى تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ!

    فۇكاڭ شەھىرى 65230172 لاتارىيە سېتىش نۇقتىسىدىكى ما خانىم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتىنىڭ تۈرتكىسىدە ئاز بولمىغان كىشىلەر بۇ سەپكە قوشۇلۇپ 3D ئويۇن مەستانىسى بولۇپ قالدى.  لاتارىيەچى ليۇ ئەپەندى مۇنداق دېدى:3D ئويۇنى ئاددىي، بىر دو نومۇر تاللاش ئۈچۈن پەقەت ئۈچ نومۇر كېتىدۇ، ھەم مۇكاپات چىقىش نىسبىتى يۇقىرى،ئۇنىڭدىن باشقا نورمىدىن سىرت مۇكاپات پۇلى بېرىلىدۇ، بولۇپمۇ بىزگە ئوخشاش 50-60 ياشلىق بوۋايلار بۇ ئۇيۇننى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ.

    فۇكاڭ شەھىرى 65230204 لاتارىيە سېتىش نۇقتىسىدىن گو خانىممۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:3D ئۇيۇنى بۇ مەزگىلدە ناھايىتى قىزىپ كەتتى، بۇ قېتىم 20 مىليون يۈەنلىك مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتىنىڭ تۈرتكىلىك رولى كىچىك ئەمەس، نۇرغۇن لاتارىيەچىلەر بەس بەستە دۇكانغا كىرىپ مەسلىھەت سورىدى، بىزمۇ ھەم سېتىش نۇقتىسىغا كىرگەن ھەر بىر لاتارىيەچىگە ئىنچىكە تۇنۇشتۇرۇپ چىقىتۇق.  كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى يەنىمۇ قوزغاش ئۈچۈن، سېتىش نۇقتىمىز« سىز مۇكاپاتقا ئېرىشسىڭىز مەن سوۋغا تەقدىم قىلىمەن» ناملىق ماس قەدەملىك سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، مۇكاپات بۇيۇمى بىر بوتۇلكا ئىچىملىك ياكى بىر قاپ تاماكىدىن تارتىپ 3000 يۈەن قىممىتىدىكى بىر يانفون ياكى بىر كومپيۇتېر بولدى، مۇكاپات چىققان دو سانى قانچە كۆپ بولسا، مۇكاپات شۇنچە كۆپ بولىدۇ، ئېتىبار بېرىش، خۇشاللىقلارمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ.

    فۇكاڭ شەھىرى 65230213 لاتارىيە سېتىش نۇقتىسىدىكى بىر توپ لاتارىيەچىلەر مۇكاپات توغرىسىدا مۇزاكىرىلەشمەكتە . بىر لاتارىيەچى مۇنداق دېدى: ھازىرقى مۇكاپاتقا قارىغاندا، 20 مىليون يۈەن مۇكاپات سوممىسى تەخمىنەن ئۈچ ئاي داۋاملىشىدۇ، تەخمىنەن 100 كۈنلۈك مۇكاپات تارقىتىش مۇددىتى بار، بۇ قېتىم شىنجاڭنىڭ لاتارىيە پائالىيىتى سالمىقى ناھايىتى زور .

    مەنبەسى :شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك